سۈرەتتەك گۈزەل جىلغا مەنزىرىسى

2026-06-25 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىئەسلىي ئىجادىيىتى

6-ئاينىڭ 23-كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن شەھىرىدىكى يەنسىخەي چوڭ جىلغىسىنىڭبوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان پۈتۈن كۆرۈنۈش مەنزىرىسى.

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرجوۋ پېڭفوتوسى، خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەتتە شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن شەھىرىدىكى يەنسىخەي چوڭ جىلغىسىنىڭ ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردىكىكاتتا مەنزىرىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، تەبىئەتنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان نەقىشلىگەن گېئويۆگىمە رەسىمى ئاستا-ئاستا يېيىلغانىدى.

6-ئاينىڭ 23-كۈنى، يەنسىخەي چوڭ جىلغىسىنىڭبوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان پۈتۈن كۆرۈنۈش مەنزىرىسى.

يەنسىخەي چوڭ جىلغىسى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى گېئولوگىيەلىك ئۈزۈلمە بەلباغقا جايلاشقان، يەنسىخەي دەرياسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت يالىشى، پارچىلىشى ئارقىلىق جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆزگىچە يەر شەكلىنى شەكىللەندۈرگەن.قاتمۇقات چۆكۈندى قىيا تاشلارغا چۈشكەنئىللىق قۇياش نۇرى سارغۇچ قىزىل، قارامتۇل كۆك، توپا رەڭ سېرىق قاتارلىق مىنېرال تاش قاتلىمىنىڭ سىزىقچىلىرىنى ئېنىق، روشەن جىلۋىلەندۈرۈپ، بۇنىڭغائەگرى-بۈگرى كېسىشكەندەريا يولى قوشۇلۇپ، جىلغىنىڭ ھەيۋەتلىك، كۆركەم قىياپىتىنى شەكىللەندۈرگەىنىدى، شۇن سەۋەبتىن،«تۇپراقنىڭ رەڭ تەڭشەش تەخسىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.

6-ئاينىڭ 23-كۈنى،بوشلۇقتىن سۈرەتكەتارتىلغان يەنسىخەي چوڭ جىلغىسىدىنبىر كۆرۈنۈش.

بۇ ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەلىك تەبىئىي ئاجايىپ مەنزىرە ئۆزگىچە يەر شەكلى قىياپىتىگە تايىنىپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى قىزىق نۇقتىلىق فوتو سۈرەت داكا جايغا ئايلاندى، شۇنداقلا تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئۆزگىچە تەبىئىي ئېكولوگىيە بايلىقىنى جانلىق نامايان قىلدى.

6-ئاينىڭ 23-كۈنى،بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان يەنسىخەي چوڭ جىلغىسىنىڭ جىلغا ئاستى.

6-ئاينىڭ 23-كۈنى،بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغانيەنسىخەي چوڭ جىلغىسىنىڭجىلغا ئاستى.

6-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساياھەتچىلەر يەنسىخەي چوڭ جىلغىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.