تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان ئۇستۇ مەنزىرە رايونى ھەم مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى، ھەم تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانى بولۇپ، پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ رەڭگىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئەتىيازدا ئاچ يېشىل، يازدا قېنىق يېشىل، كۈزدە سېرىق، قىشتا ئاق رەڭ گەۋدىلىنىدۇ. بۇ يەرگە كېلىپ قاتمۇقات ئورمانلىق، تاغ تىزمىلىرى، مۇنبەت يايلاق، جىلغىلارنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ، كىگىز ئۆيلەر يايلاققا شېئىرىي تۈس قوشقان بولۇپ، ساياھەتچىلەردە مېھرىنى ئۈزەلمەي قالىدۇ.








تيەن گوجيەن فوتوسى
سىن-سۈرەتكە تارتىش تەسىراتى:
ئەنجىخەي چوڭ جىلغىسىنى سۈرەتكە تارتىپ بولغاندىن كېيىن، مەن دائىم S101 ئۆلكە يولىنى بويلاپ شەرققە قاراپ يۈرۈپ ئۇستۇ چارۋىچىلىق مەيدانىغا بارىمەن. بۇ يەردە تاغ تىزمىلىرى قاتمۇقات جايلاشقان، يەر شەكلىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۆزگىچە بولۇپ، ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى مېنى ئىختىيارسىز قەدىمىمنى توختىتىپ سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلىدۇ.
تاغ باغرىدا ئوتلاۋاتقان قوي-كالىلار تاغ-دالىلارغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدۇ، تۇمانلىق كۈنلەردە، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرىپ، كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغىتىدۇ. كامېرا ئارقىلىق تاغ-دەريالارنىڭ گۈزەللىكىنى سىن-سۈرەتكە تارتىش جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر ھىس قىلدىمكى: ئىنسانلار تەبىئەت مەنزىرىسىدىن بەھرىلەنگۈچى ۋە ئۇنى قوغدىغۇچى بولۇپ، قەلبىگە ھۆرمەت تۇيغۇسىنى پۈكۈپ، ھەقىقىي مۇھەببىتى بىلەن قوغدىغاندىلا، ئاندىن تاغ-دالىلارنىڭ مەنزىرىسىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالغىلى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەللىكنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
«视觉新疆»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى