قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئۆلكە يولى 318-لىنىيەسىنىڭ يېنىدىكى لۇڭجى جىلغىسى بىر ئاجايىپ يەر شەكلى. قىزىل تاش قاتلىمى قىسىلىپ كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، لۇڭ ئومۇرتقىسىدەك ئەگرى-بۈگرى چوققىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، چىرايلىق رەڭلىك تۆپىلىكلەرنى ئوراپ تۇرىدۇ. نەچچە يۈز مىليون يىللىق بوران-چاپقۇننىڭ ئۇپرىتىشى بىلەن، يەر شەكلى ھەيۋەتلىك، ئاجايىپ-غارايىپ بولۇپ، كۆرۈش سېزىمىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ، كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ.














视觉新疆دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى