كۈز كۈنلىرىدىكى تارىم قۇملۇق تاشيولىدا، ئالتۇن رەڭلىك ئىھاتە ئورمىنى ساياھەتچىلەرنىڭ كېسىپ ئۆتۈشىگە ھەمراھ بولدى

2026-10-15 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ تاۋ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تارىم قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنى قويۇق سېرىق قوڭۇر رەڭگە كىرىپ، تۇتاش كەتكەن ئېگىز-پەس قۇم بارخانلىرى بىلەن بىر-بىرىنى چاقنىتىپ تۇراتتى. ئالتۇن كۈز پەسلىدە، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىدىغان نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ قۇملۇق يولىنى كېسىپ ئۆتتى. يول بويىدىكى ئىھاتە ئورمانلىرى سېرىق قۇمنى مەھكەم مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشيولنىڭ راۋانلىقىنى قوغداپلا قالماي، كۈز كۈنلىرىدە ئالتۇن رەڭلىك كارىدور ياساپ، ساياھەتچىلەرگە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئۆزگىچە كۈز كۈنلىرىدىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇردى.

10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاپتوموبىللار تارىم قۇملۇق تاشيولىنى كېسىپ ئۆتتى، ئىككى تەرىپىدىكى ئالتۇن رەڭلىك ئىھاتە ئورمىنى بىلەن قۇم بارخانلىرى يول بويى ھەمراھ بولدى.

10-ئاينىڭ 11-كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تارىم قۇملۇق تاشيولى بويىدا، كۈز كۈنلىرىدىكى ئىھاتە ئورمانلىرى قويۇق سارغۇچ قوڭۇر رەڭگە كىردى.

10-ئاينىڭ 11-كۈنى تارىم قۇملۇق تاشيولى بويىدىكى تۇتاش كەتكەن ئېگىز-پەس قۇم بارخانلىرى بىلەن ئىھاتە ئورمانلىرى بىر-بىرىنى چاقنىتىپ تۇراتتى.

10-ئاينىڭ 11-كۈنى، تارىم قۇملۇق تاشيولى بويىدىكى تۇتاش كەتكەن ئېگىز-پەس قۇم بارخانلىرى.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى