شى جىنپىڭ بىرما زۇڭتۇڭى ۋېن مىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2020-01-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ۋېن مىن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ۋە قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى

شۇ جاي ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېيبىدۇدا بىرما زۇڭتۇڭى ۋېن مىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نېيبىدۇ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار مېڭ نا، خاۋ ۋېيۋېي) شۇ جاي ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېيبىدۇدا بىرما زۇڭتۇڭى ۋېن مىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈن جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە «كىچىك يىل»، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن بىرما ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلەيمەن. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مېنىڭ جۇڭگو - بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، بىرمىنى يېڭى يىلدىكى تۇنجى زىيارەتتە بولىدىغان دۆلەت قىلىشىم جۇڭگو - بىرمىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىگە ھەم جۇڭگو - بىرما مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمنى نامايان قىلىدۇ. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئۈچ نۇقتىدىن ئۇچۇر بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن: بىرىنچى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى بىرما ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىنى قەتئىي قوللايدۇ؛ ئىككىنچى، جۇڭگو - بىرما ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە چوڭقۇر ئاساس سېلىندى، جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ؛ ئۈچىنچى، جۇڭگو تەرەپ بىرما تەرەپ بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن بىرمىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجە يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرما تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئەنئەنىۋى قېرىنداشلىق مېھرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، جۇڭگو - بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز يېقىندىلا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدۇق. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىك ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلقى تاللىغان تەرەققىيات يولى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بىز داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىمىز. جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن، بىز تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولدۇق. جۇڭگو تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرىدۇ. مەڭگۈ زومىگەر بولماسلىقتا چىڭ تۇرىدۇ. شۇڭا مەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇ يەر شارى كەنتىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتا، ئالدى بىلەن ئەتراپتىن باشلاپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تاشقى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا ئەزەلدىن باشقىلارغا زورلاپ تاڭمىدى، ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمىدى، بىرى يېڭىش، بىرى يېڭىلىشقا، بىر تەرەپ ھەممىگە ئىگە بولۇۋېلىشقا قارشى تۇردى. جۇڭگو تەرەپ بىرما تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسىدا جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورى نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شۇ جايدىكى خەلققە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپمۇ داۋاملىق تۈردە خەلقئارا سەھنىدە بىرمىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە دۆلەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

ۋېن مىن بىرما ھۆكۈمىتى ۋە بارلىق خەلققە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرمىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇقەررەركى بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەت بولۇپ، بىرما - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچىدىغانلىقىغا ئىشەندى. ۋېن مىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ بىرما قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئۈمىد قىلدى، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنىڭ بىرمىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشەندى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرما تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ روكەي ئىشتاتى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرمىنىڭ دۆلەت ئىچى تىنچلىق مۇساپىسىدە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. بىرما تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېندا يولغا قويغان «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، باشتىن - ئاخىر تەيۋەننى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. بىرما تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرما - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پائال بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرمىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى شەخسىيەتسىز ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، ھەمكارلىشىپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى، مۇھىت ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلدى. ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە بىرما - جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورىنى ئورتاق قۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى بىرمىنىڭ دۆلەت تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەمكارلىقنىڭ كۈنسايىن چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىرما - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نېيبىدۇ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جياڭ گوپېڭ) شۇ جاي ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېيبىدۇدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە بىرما زۇڭتۇڭى ۋېن مىن ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1 - ئايدىكى نېيبىدۇ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەن بولۇپ، ئوت - چۆپ ۋە دەل - دەرەخلەر ياپيېشىل تۈسكە كىرگەنىدى، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدىكى چىملىقتا ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مەردانە قىياپەتتە سەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى.

ۋېن مىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئالدىدا شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مىلتىق كۆتۈرۈپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ ۋېن مىننىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ھەمراھ خادىملىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ سالاملاشتى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نېيبىدۇ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لۈ چۇەنجۇڭ، سۈن خاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېيبىدۇدا بىرما زۇڭتۇڭى ۋېن مىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

شى جىنپىڭ بىرما زۇڭتۇڭى ۋېن مىن، دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى، 1 - مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ مىن رۇي، 2 - مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ خىڭلى بەنتىيۈ قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا زىياپەت زالىغا كىردى.

ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.

ۋېن مىن تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرمىنى يېڭى يىلدىكى تۇنجى زىيارەتتە بولىدىغان دۆلەت قىلغانلىقىدىن بىرما خەلقى چوڭقۇر شەرەپ ھېس قىلىدۇ. بىرما تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرمىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. بىرما - جۇڭگو ئىككى دۆلەت تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىغا باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقاردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئابىدىگە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك، ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن!

شى جىنپىڭ سۆزىدە ئالدى بىلەن بىرما ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دوستانە كۈتۈۋالغانلىقى ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تارىخنى ئەسلىسەك، ئىككى دۆلەتنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ مىڭ يىلدىن ھالقىپ، تارىختىن بۇيان مۇستەھكەملىنىپ كېلەلىشىنىڭ سەۋەبى، ئىككى تەرەپنىڭ باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل رىشتىسى تۇتاش بولۇش، سەمىمىي دوستلىشىشتىن ئىبارەت قېرىنداشلىق مېھرىدە چىڭ تۇرغانلىقىدا، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش ئېسىل ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرغانلىقىدا، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىق فاڭجېنىدا چىڭ تۇرغانلىقىدا. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان ياخشى قوشنا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك. جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىنى قەتئىي قوللاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورىنىڭ ماھىيەتلىك قۇرۇلۇشقا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى، ھەمكارلىقىدا ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ زور بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشىمىز كېرەك. بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق كۆڭلىنى ئۇتۇپ، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، جۇڭگو - بىرمىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى بىر يىلدا، جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەتنىڭ داۋاملىق ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، دۆلەت تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگو - بىرما دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.