شى جىنپىڭ چاغاننىڭ ئالدىدا يۈننەنگە بېرىپ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى

2020-01-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى


1 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈننەنگە كېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى. سۈرەتتە: 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ كۇنمىڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى كۆرگەزمە زالى سىرتىدىكى مەيداندا يۈننەندىكى ئاممىغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

1 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈننەنگە كېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى. سۈرەتتە: 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ تېڭچۇڭ شەھىرى چىڭشۈي يېزىسى سەنجيا كەنتى جۇڭجەي سىمولا ۋازۇ كەنتىدە كەنت ئاھالىسى لى فاشۇن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مۇڭدىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ، 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈننەنگە كېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە چاغانلىق بەخت تىلىدى.

يۈننەننىڭ كەڭ تۇپرىقىدا، كۆپكۆك ئاسماندا ئاق بۇلۇتلار لەيلەپ تۇرغان، رەڭگارەڭ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ يۈننەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن خاۋ، ئۆلكە باشلىقى رۇەن چېڭفانىڭ ھەمراھلىقىدا، تېڭچۇڭ، كۇنمىڭ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، يېزا، قەدىمىي بازار، ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر، چاغانلىق مال بازىرى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

باۋشەن شەھىرىگە قاراشلىق تېڭچۇڭ شەھىرى چىڭشۈي يېزىسىنىڭ سەنجيا كەنتى ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات كەنت بولۇپ، 2017 - يىلى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى. 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ سەنجيا كەنتىگە كېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شۇ جايدىكى كادىرلار باش شۇجىغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەنجيا كەنتىنىڭ يېزا - كەنت ساياھىتى، تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشنى پائال تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلىغانلىقىنى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتىنىڭ 2014 - يىلىدىكى%21تىن ھازىرقى%0.45كە تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىرمۇ مىللەت كەم قالسا بولمايدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ سەنجيا كەنتىنىڭ جۇڭجەي سىمولا ۋازۇ كەنتىگە كىرىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كەنت قۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. «سىمولا» ۋازۇ تىلىدا بەختلىك جاي دېگەن مەنىدە. بۇ كەنت 500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنت، ئاز سانلىق مىللەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كەنت بولۇپ، ۋازۇ، خەنزۇ، بەيزۇ، دەيزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەت ئىناق بىللە ياشايدۇ.

شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىسى لى فاشۇننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، مېھمانخانا، ياتاق ئۆي، ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى، چوشقا قوتىنى قاتارلىقلارنى بىر - بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئىگىلىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ھويلىدا لى فاشۇن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شۇ جاينىڭ بايراملىق ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى گۈرۈچ قاتۇرمىچى تەييارلىدى ھەم ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىپ، لى فاشۈن ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. لى فاشۇن باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى بالىمىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، تۇرمۇشىمىز بىرمەھەل ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا ئۆتكەنىدى. بۇ بىرنەچچە يىلدا چوشقا بېقىش، شال ئاقلاش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق كىرىمىمىز خېلى ئاشتى، 2017 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتى، بالىلىرىمىز ئوقۇيالايدىغان بولدى، ئۆيىمىز پاكىز، پۇختا بولدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى پەقەت بەختلىك تۇرمۇشقا قاراپ ئېلىنغان تۇنجى قەدەم، يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بەختلىك ۋازۇ كەنتىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىش كېرەك.

ئىللىق قۇياش نۇرى مەيدانغا چۈشۈپ تۇراتتى، كەنت ئاھالىلىرى شوخ ۋازۇ ئۇسسۇلىنى ئويناشقا باشلىدى. شۇ جاينىڭ ئۆرپ - ئادىتى بويىچە، شى جىنپىڭ ۋازۇ ياغاچ دۇمبىقىنى ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ، كېلەر يىلى ھۆل - يېغىننىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا، دۆلەتنىڭ تىنچ، خەلقنىڭ ئامان بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. كەنت ئاھالىلىرى قىزغىن چاۋاك چېلىپ، بەس - بەستە باش شۇجىغا سالام بەردى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى. يۇرتداشلار «ئاۋا خەلقى يېڭى ناخشا ئېيتىدۇ» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، باش شۇجىنى ئارىغا ئېلىپ كەنت ئېغىزىدىن چىقتى، ناخشا ساداسى ۋە كۈلكە ساداسى كەنتتە ئۇزاققىچە جاراڭلىدى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ خېشۇن قەدىمىي بازىرىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خېشۇن قەدىمكى دەۋردە سىچۇەن، يۈننەن، بىرما، ھىندىستاننىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى قۇرۇقلۇق «يىپەك يولى» چوقۇم ئۆتىدىغان جاي بولۇپ، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان قەدىمكى ئىمارەتلەر توپى ساقلىنىپ قالغان. خېشۈن قەدىمدىن تارتىپلا مەدەنىيەت - مائارىپنى قەدىرلەيدىغان، ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەنئەنىگە ئىگە، خېشۇن كۇتۇپخانىسى بىر يېزا - كەنت كۇتۇپخانىسى بولۇپ، قۇرۇلغىنىغا 90 نەچچە يىل بولغان. شى جىنپىڭ كۇتۇپخانىغا كىرىپ، قەدىمىي بازارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مەدەنىيەت - مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ خېشۇندىكى كىچىك كوچىنى بويلاپ، قەدىمىي بازارنىڭ قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىدىكى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شەكىللىنىش، تەرەققىي قىلىش، خېشۇن قەدىمىي بازىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. يول بويى ساياھەتچىلەر ۋە كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە باش شۇجىغا سالام بەردى، شى جىنپىڭ پات - پات قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.

خېشۇن دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق پەيلاسوپ ئەي سىچىنىڭ يۇرتى. شى جىنپىڭ قەدىمىي بازارنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئەي سىچى خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، ئەي سىچىنىڭ ئۆمۈربويى ماركسىزملىق پەلسەپەنى تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش، ماركسىزملىق پەلسەپەنىڭ ئاممىۋىلىشىشى، جۇڭگوچىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىش ئىزلىرىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش ئەي سىچى پارتىيەنىڭ مۇنەۋۋەر نەزەرىيەچىسى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن نەزەرىيە خىزمەتچىسى، ئۇ تەشەببۇس قىلغان ئىدىيەنى دەۋر بىلەن بىرلەشتۈرۈش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش، پەلسەپەنى خەلق بىلەن بىرلەشتۈرۈش روھىنى داۋاملىق تېخىمۇ كەڭ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان زور بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنىڭ خەلق ئاممىسى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئاڭلاشنى خالايدىغان سۆزلەر بىلەن سۆزلەپ بېرىشىگە، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى «ئاددىي پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز يەتكۈزۈش»ىگە ئېھتىياجلىق.

1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شى جىنپىڭ كۇنمىڭغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ئالدى بىلەن ديەنچى كۆلى شىڭخەي يېرىم ئارىلى ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يېرىگە كېلىپ، يۈننەن ئۆلكىسى ۋە كۇنمىڭ شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، غەربىي جەنۇب ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئومۇمىي ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ديەنچى كۆلى، فۇشيەن كۆلى، ئېرخەي كۆلىنىڭ سۇ ئەۋرىشكىسى ۋە ديەنچى كۆلىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. ديەنچى كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بىرمەھەل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، دۆلىتىمىزدىكى بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بولغان كۆللەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغانىدى، كۆپ يىل بوشاشماي تۈزەش ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. شى جىنپىڭ ديەنچى كۆلىنى قوغداش، تۈزەش ۋە سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئوتتۇرىغا قويغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇ ئىدىيە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا ماسلاشقان. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاۋۋال بۇلغاپ كېيىن تۈزەيدىغان كونا يولدا قايتا مېڭىشقا قەتئىي بولمايدۇ. پەقەت ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، چوقۇم سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۈننەننىڭ ئېكولوگىيەلىك ئورنى مۇھىم، ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكى بار، ئاچقۇچلۇقى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. ديەنچى كۆلى كۇنمىڭغا زىننەت قوشقان گۆھەر، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان غەيرەت بىلەن تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق بىر ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى دېگەن ئىدىيە بويىچە، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ديەنچى كۆلىنى تۈزەش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

كۇنمىڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە 14 - نۆۋەتلىك كۇنمىڭ چاغانلىق مال سېتىۋېلىش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، كۆرگەزمىنىڭ چاغانلىق مال كوچىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. مال جازىلىرىدا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تولۇق بولۇپ، بايراملىق ئۆرپ - ئادەت بۇيۇملىرىنىڭ چاغانلىق تۈسى قويۇق ئىدى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى... شى جىنپىڭ يايمىلارنىڭ ئالدىغا كەلدى، سودىگەرلەر، خېرىدارلار ئولىشىپ كېلىپ، بەس - بەستە باش شۇجىغا سالام بەردى. شى جىنپىڭ چاغاننىڭ ئالدىدىكى بازار تەمىناتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىلگىرىكى ماددىي ئەشيالار قىس، كەمچىل بولۇشتىن بۈگۈنكى مەھسۇلاتلار مول بولۇشقىچە، دۆلىتىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى يىلدىن - يىلغا ياخشىلاندى. «كۆك - تاق»، «ئاشلىق»، «مېۋە - چېۋە»نىڭ ھەممىسى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، بايرام مەزگىلىدە بازار تەمىناتىنىڭ تولۇق بولۇشى، سۈپەتنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنى تىنچ، خاتىرجەم چاغان ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

كۆرگەزمە زالىنىڭ سىرتىدىكى مەيدان چاغانلىق مال سېتىۋېلىشقا كەلگەن ئامما بىلەن لىق تولغانىدى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆپچىلىك ئولىشىپ كېلىپ، بىرلىكتە «شى جۇشى ياخشىمۇ سىز» دەپ تەنتەنە قىلدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، يۈننەندىكى ئاممىغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا چاغانلىق تىلەك تىلىدى، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى بىر يىلدا تېنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى، كۈنلىرىنىڭ ئىناق، خەيرىلىك ئۆتۈشىنى، ئىشلىرىنىڭ ئالغا بېسىشىنى تىلىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك، خۇشال ئۆتۈشىگە، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يۈننەن سىفەن داشۆسىنىڭ قورۇسى ئىچىدىكى دۆلەتلىك غەربىي جەنۇب بىرلەشمە داشۆسىنىڭ كونا ئورنىنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 1937 - يىلى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، بېيجىڭ داشۆ، چىڭخۇا داشۆ، نەنكەي داشۆدىن ئىبارەت ئۈچ مەكتەپ ئامالسىز جەنۇبقا كۆچۈرۈلۈشكە مەجبۇر بولۇپ، نەچچە ئايلىنىپ كۇنمىڭدا ماكانلاشقانىدى. كۇنمىڭدىكى سەككىز يىلدا، غەربىي جەنۇب بىرلەشمە داشۆسىدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار قاتتىق مەكتەپ تەلىمىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلىم - پەن ئارقىلىق دۆلەتنى قۇتقۇزۇش غايىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرغان، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا زور بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار قەلەمنى تاشلاپ ئەلەمنى قولغا ئېلىپ، جەڭ مەيدانىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بىرلەشمە داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش دېموكراتىك ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ۋەتەنپەرۋەرلىك سەھىپىسىنى پۈتكەن.

شى جىنپىڭ يول بويى «1 - دېكابىر» ھەرىكىتى خاتىرە مەيدانى، غەربىي جەنۇب بىرلەشمە داشۆسىنىڭ بۇرۇنقى سىنىپى، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى، غەربىي جەنۇب بىرلەشمە داشۆسى خاتىرە مۇنارى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ غەربىي جەنۇب بىرلەشمە داشۆسى مۇزېيىغا كىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، غەربىي جەنۇب بىرلەشمە داشۆسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ جاپالىق شارائىتىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى ئۈزۈپ قويماي، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تارىخىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مائارىپ دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان. بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ مەقسىتى سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش. توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تارىخ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار، ئۇلۇغۋار غايە تىكلىگەن دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك. مۇزېينىڭ ئىشىكى ئالدىدا، شى جىنپىڭ يۈننەن سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى، قىشلىق تەتىلدە مەكتەپتە قېلىپ ئەمەلىيەت پىراكتىكىسى قىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپ پىدائىيلار ۋەكىللىرى، مۇزېينىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن چاغانلىق ھال سورىدى.

1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يۈننەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، يۈننەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، يۈننەننىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىدىكى ئورنى ۋە رولىنى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچى، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن تەسىر كۆرسىتىش مەركىزى بەرپا قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يۈننەن سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردە تەرەققىياتنى تۇتۇشتا جەزمەن ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مۇقىم بولۇش بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ، تىكلەش بىلەن قالدۇرۇشنىڭ، ساختا بىلەن ئەمەلىي بولۇشنىڭ، ھادىسە بىلەن ماھىيەتنىڭ، يېقىن بىلەن يىراقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى ئىگىلەپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئەمەلىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، مۇۋاپىق جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، سۇبيېكتلىق ئىقتىدارى روشەن، ئەۋزەللىك ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ساياھەت بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىقنى قانۇن بويىچە تۈزەشنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ساياھەت كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۆك ئاسمان، زۇمرەت سۇ، پاكىز تۇپراقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قوغداش جېڭىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، كەڭ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق زور تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان خەلقئارا چوڭ يول قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولىدىغان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈملەرنىڭ يۈننەندە قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چېگرا رايوندىكى مىللىي رايونلارنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تىك يۆنىلىشتە تېگىگىچە، توغرا يۆنىلىشتە چەتكىچە بولۇش كېرەك. مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مىللىي رايون ۋە نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى قاتارلىق يىرىك پىلانلارنى ياخشى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، زەھەرگە چېتىشلىق، تېررورلۇققا چېتىشلىق، ئەتكەسچىلىك، ئالدامچىلىق، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش، چېگرادىن ئۆتۈپ قىمار ئويناش قاتارلىق چېگرا ھالقىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەردە ئارقىسىدىكى قارا كۈچلەر ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى قەتئىي يوقىتىش كېرەك. چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى خىزمەت قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولغان ناھىيە، يېزا، كەنتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «بەش بىر تۈركۈم» چارىسى بويىچە، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش، ۋىۋىسكا ئېسىپ نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەڭ ئاخىرقى قورغانغا كۈچەپ ھۇجۇم قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئاساسىي ئۆلچىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك. كېيىنكى سىياسەتنىڭ قوللىشى يېتەرلىك بولماسلىقتىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ياكى كېسەل سەۋەبىدىن، يارىلىنىش سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «كاللىنى بېيىتىش» بىلەن «يانچۇقنى تومپايتىش»قا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقىل جەھەتتە يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېچىش شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش بىلەن كاپالەت خاراكتېرلىك نامراتلارنى يۆلەشنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ قەرەلى بار، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ چېكى يوق. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ داۋاملىق تىرىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنىڭ ۋە بۇرچىنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ساقلاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشىنىش كېرەك. يۈننەندە شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنە بار، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ھېكايىلەر بار. بۇ ھېكايىلەرنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» تەربىيەسىنىڭ جانلىق ماتېرىيالى قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۈزلۈكسىز تەكشۈرۈش - كۆزىتىشكە، ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق كونا قاراشلارنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدە ئىجابىي، ساغلام سىياسىي مەدەنىيەتنى يېتىشتۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يېتىلدۈرۈش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئىبرەت تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىپ، كونا يولدا مېڭىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھوقۇقنى چەكلەش، نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئۆز - ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، جورىسى ۋە تۇغقانلىرىنى ياخشى تەربىيەلىشى، ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىشتە ئېنىق يۆنىلىش بېكىتىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.