كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2020-06-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئۇل تېشى. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئاۋاز قوشۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇداپىئە تورىنى زىچ توقۇپ، ئايرىش تېمىنى مۇستەھكەملىگەن - پۇختىلىغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆ نەپەس ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى جۇڭ نەنشەن، پايتەخت تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى، مۇدىر ۋىراچ تۇڭ چاۋخۇي، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، تيەنجىن جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى جاڭ بولى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي ئىشلار تېببىي تەتقىقات يۇرتى زەھەرلىك ماددا، دورا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى سۇڭ، چىڭخۇا داشۆ سۇ شىمىن بىلىم يۇرتىنىڭ باشلىقى، ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى شۆ لەن، جۇڭخۇا ئالدىنى ئېلىش تېببىي ئىلىم جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، مۇدىر ۋىراچ ياڭ ۋېيجۇڭ، چىڭخۇا داشۆ قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، سەھىيە قانۇنى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېنگۇاڭ ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئاممىۋى سەھىيە قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۆز قىلىش جەريانىدا، شى جىنپىڭ سۆز قىلغان ھەربىر مۇتەخەسسىس، ئالىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر قىسىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر ئەھۋال ئىگىلەپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، ئىلمىي ياخشىلاش، مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئەكس ئەتتۈردى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە، كەڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇم ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش، قانۇن - نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغان تۈزۈم كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى، H7N9، ئېبولا قاناش قىزىتمىسى قاتارلىق تاسادىپىي يۈزبەرگەن يۇقۇملارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇردى، ئاساسلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باشتىن - ئاخىر ئۇللۇق ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ جىپسىلىشىپ، مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. مەۋقەنى تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىدار ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. مۇقىم بولغان ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرى سېلىنمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇل شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىدىغان ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. دۆلەت دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ تېخنىكا، ئىقتىدار، ئىختىساسلىقلار زاپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - بازارلىق شىپاخانىلار ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرىنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خادىملار راۋان بولغان، ئۇچۇر راۋان بولغان، بايلىق راۋان بولغان ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بىر - بىرىنى چەكلەيدىغان مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك. كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى زامانىۋىلاشقان سىستېمىغا ماس كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش - ئىشلىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنلىرىنى قۇرۇپ، كېسەلنى ئېتىيولوگىيەلىك باھالاش، يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە تارقىلىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، نەق مەيداندا تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈپ ئۆلچەش قاتارلىقلاردىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دەسلەپكى مەزگىلدە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىكى ھازىرقى ئەڭ جىددىي ئىش قىلىپ، تارقىلىشچان كېسەل يۇقۇمى ۋە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كېسەل ۋە غەيرىي ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، باھالاش، كۆزىتىپ ئۆلچەشنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە توغرىلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئاقىللاشقان ئالدىن سىگنال بېرىش كۆپ نۇقتىلىق قوزغىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كۆپ يوللۇق كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نەق ۋاقىتتا تەھلىل قىلىش، مەركەزلىك ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تور قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تارقىلىشچان كېسەللەرنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيە ئاپپاراتلىرى بىلەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ماسلىشىپ كۆزىتىپ ئۆلچەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قاراۋۇل نۇقتىسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ دەسلەپكى لايىھە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىش، تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، مەھەللە يېتەكچىلىك قىلىش، ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملەش قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلام سەھىيە خادىملىرىنىڭ بىلىم زاپىسى ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش، مەشىقلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە بولغان بىلىش سەۋىيەسى ۋە ئالدىنى ئېلىش، ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قەرەللىك تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش قاتارلىق سەھىيە، ساغلاملىق خىزمەت مېخانىزملىرىنى ئورنىتىپ، بۇيرۇق ئېنىق بولۇش، سىستېما تەرتىپلىك بولۇش، بۆلەك راۋان بولۇش، ئىجرا كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىدە، بىز خەلقنى ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى بايلىقلارنى يۆتكەپ توپلاپ، كەڭ كۆلەملىك قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى قانات يايدۇرۇپ، بىرمۇ يۇقۇملانغۇچىنى چۈشۈرۈپ قويماي، ھەربىر ئاغرىقتىن ۋاز كەچمەي، تۇغۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان بوۋاقتىن تارتىپ 100 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلاردىنمۇ ۋاز كەچمەي، ئاغرىقلارنىڭ خىراجەت مەسىلىسى سەۋەبلىك داۋالىنىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ھالىتىدە داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىش - ماسلاشتۇرۇش، ئىنكاس قايتۇرۇش، رايونلار بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش، خادىملارنى يۆتكەپ توپلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەرىجىگە، قاتلامغا، تارماققا ئايرىلغان ئېغىر، زور يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش - داۋالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش زاپىسى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر مەھەللىلىرى ۋە يېزا ئاساسىي قاتلاملىرى، چېگرا پورت شەھەرلىرى، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ۋە جۇڭيى دوختۇرخانىلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەر، يېزا ئۈچ دەرىجىلىك تېببىي داۋالاش مۇلازىمىتى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت مېدىتسىنا مەركىزى، رايون داۋالاش مەركىزى قاتارلىق بازا قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەللەردىن قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى پارتىيەمىزنىڭ ئاممىۋى لۇشيەننى تازىلىق، كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە تەتبىقلاشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك جەمئىيەت ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇھىت ئاساسىي ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزا مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش، پاكىز شەھەر - بازار بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى يېمەك - ئىچمەك ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ساغلاملىقنى بارلىق سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى شەھەر يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇش، باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى بىر چوڭ ئالاھىدىلىك، شۇنداقلا جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. كىلاسسىك تېببىي كىتابلارنىڭ جەۋھەرلىرىنى رەتلەش ۋە قېزىشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم پەن تەتقىقات تىرىكى سۇپىلىرىنى قۇرۇپ، جۇڭيى دورىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭيى دورىلىرى بويىچە يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى دوختۇرخانىلىرىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ئالاھىدە ئىختىساسلىقلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك دۆلەت جۇڭيى دوختۇرلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇلارنى تۈزۈش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئېنىق، تەرتىپى قېلىپلاشقان، ئىجراسى كۈچلۈك بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېغىر، زور، يېڭىدىن تارقالغان، تاسادىپىي يۈزبەرگەن يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇن جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە يەرلىك، ھۆكۈمەت ۋە تارماقلار، مەمۇرىي ئورگانلار ۋە كەسپىي ئاپپاراتلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانۇن - نىزاملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىشى، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكا ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىشىدىكى ئۆتكۈر قورال، ئىنسانلارنىڭ چوڭ ئاپەت، چوڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ئىلمىي تەرەققىيات ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىگە بولغان پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالىملار ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بايقاش، يېتىشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پەن تەتقىقات قوشۇنىغا كىرىشكە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا بۇرچىمىزنى پائال ئادا قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكار ھالدا خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يۇقۇم ۋە ۋىرۇس ئۇچۇرى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرى، ئۇسۇللىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە ماددىي ۋە تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدۇق. بىز خەلقئارا بۇرچىمىزنى داۋاملىق ئادا قىلىپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، سۈن چۇنلەن، ياڭ جيېچى، جاڭ يوۋشيا، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، خې لىفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.