بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2020-07-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى



7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تەدرىجىي ئورناتتى ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، بازار سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى جۇش ئۇرۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا غايەت زور زەربە پەيدا قىلدى، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن بازار سۇبيېكتلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىمغا دۇچ كەلدى. بازار سۇبيېكتى ئىقتىسادنىڭ كۈچ ۋاسىتىسى، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش دېمەكتۇر. تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن بازار سۇبيېكتىنى ياخشى قوغداپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساسىي كۈچ توپلاش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، خەيكاڭ ۋېيشى رەقەملىك تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن زۇڭنيەن، جۇڭگو جۇڭخۇا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ نىڭ، ۋۇخەن گاۋدې خۇڭۋەي پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ لى، گېئېر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جياڭ بىن، شاڭخەي پىنخەي مېھمانخانىسىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ شيەنجېن، ۋىيرۈەننىڭ يەر شارىۋى نوپۇزلۇق مۇئاۋىن لىدىرى، ۋىيرۈەننىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەتقىقات - ئېچىش گۇرۇھىنىڭ رەئىسى خۇڭ شياۋۋېن، سۇڭشيا ئېلېكتىر سايمانلىرى(جۇڭگو) چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى جاۋ بىڭدى قاتارلىق يەتتە نەپەر كارخانىچىلار ۋەكىلى ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، بازار سۇبيېكتىنى قوغداش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، كارخانا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىش، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۆز قىلىش جەريانىدا، شى جىنپىڭ ئارىلاپ بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن، جانلىق بولدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى، ئەھۋال مۆلچەردىكىدىن خېلىلا ياخشى. بىز ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولۇقلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بازار سۇبيېكتى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق قاتناشقۇچىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىسى، تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق تۈرتكۈچىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلق ئۇرۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچلۈك ماددىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ كەڭ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلار، شياڭگاڭ - ئاۋمېن - تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار بازار سۇبيېكتىنى قوغدايدىغان، قوللايدىغان بىرقاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى چىقاردى، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كەڭ بازار سۇبيېكتلىرىنى نورمال مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان، شۇنداقلا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك مالىيە سىياسىتى، تېخىمۇ پۇختا - جانلىق پۇل سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ۋاقىتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىپ، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى بىۋاسىتە ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش، بازار سۇبيېكتىغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىغا بولغان پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بازارلىق ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىنى ئېچىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى ياخشى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى، پۇقراۋى، چەت ئەل مەبلىغىدىكى قاتارلىق تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، بازار ئىجازىتىدە پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، چەت ئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى ياخشى يولغا قويۇپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇپ بېرىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار كارخانا بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا ئالاقە قىلىشى، كارخانىچىلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى، قىيىنچىلىقلىرىنى ئىگىلىشى، كارخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈشتە كارخانىچىلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كۆپرەك ئاڭلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھوقۇق - پۇل سودىسى، سودا پارىخورلۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىچىلارنىڭ قەتئىي ئىرادە تىكلەپ مۇقىم كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو بازىرىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگو بازىرىنى چوڭقۇر ئېچىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئىجارە ھەققى، باج، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەت جەھەتتىن ياردەم بېرىش - يۆلەش بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم جاسارەتلىك، دادىل يېڭىلىق يارىتىدىغان كارخانىچىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە، مىللەت ئالاھىدىلىكىگە، دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە جۇڭگو كارخانىچىلار قوشۇنىنى شەكىللەندۈردى. كارخانىچىلار كارخانىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ھازىرقى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، يېڭىلىق يارىتىش، سەمىمىي بولۇش، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى ۋە خەلقئارا نەزەر قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بەرپا قىلىدىغان، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلىنىشى كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، كارخانا تەرەققىياتىنى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتنىڭ روناق تېپىشى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ غېمىنى يەپ، كارخانىلارنى يېتەكلەپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشقا تىرىشىپ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى، رىقابەت كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك، تەسىر كۈچى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىزدەنگۈچىلىرى، تەشكىللىگۈچىلىرى، يېتەكلىگۈچىلىرىدىن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - تەشكىللەشتە يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، بازاردا يېڭىلىق يارىتىشقا دادىل تۈرتكە بولۇپ، تېخنىكا تەتقىق قىلىش، ئېچىش ۋە ئادەم كۈچى كاپىتالى سېلىنمىسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغاپ، تىرىشىپ كارخانىلارنى قۇدرەتلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. سەمىمىي بولۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تىرىشىپ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، خىزمەتچىلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەك. خەلقئارا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مەۋقەنى جۇڭگوغا قويۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، خەلقئارا بازارنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئېھتىياج ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا قائىدىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا بازارنى ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا بازار خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش داۋامىدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر قورۇقچىلىق كۈچىيىۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان، پۈتۈن يەر شارىۋى بازار تارىيىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، بىز جەزمەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدە چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش ھەرگىزمۇ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ بېكىنمە ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى بازىرى بىلەن خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى بازىرىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى يەنىلا تارىخىي ئېقىم، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشى ئۇزاق مۇددەتلىك يۈزلىنىش. بىز تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «14 - بەش يىل» مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان بىرىنچى بەش يىل بولۇپ، ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، زور. ئالاقىدار تەرەپلەر كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئىشىنىمەنكى، ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، كەڭ كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەر چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۇنمىڭ، يوۋ چۈەن، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلار، شياڭگاڭ - ئاۋمېن - تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.