ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

2020-07-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ «1 - ئاۋغۇست» يېتىپ كېلىش ئالدىدا ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە داشۆسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس خادىملارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى



«1 - ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە داشۆسىگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس خادىملارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتچىلىرىنى تەربىيەلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)



«1 - ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە داشۆسىگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس خادىملارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مەكتەپ ئاۋىياتسىيە سارىيىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭچۇن، 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارلى شۇەنلياڭ، جاڭ يۈچىڭ) «1 - ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە داشۆسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس خادىملارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ مەكتەپ قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

7 - ئايدىكى شەرقىي شىمالنىڭ بىپايان زېمىنى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە داشۆسىگە كەلدى. مەكتەپ ئاۋىياتسىيە سارىيىدا، شى جىنپىڭ شەرقىي شىمال كونا ئاۋىياتسىيە مەكتىپى روھى كۆرگەزمىسى ۋە مەكتەپ قۇرۇلۇشى ئەھۋالى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. شەرقىي شىمال كونا ئاۋىياتسىيە مەكتىپى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە مەكتىپى بولۇپ، كۆپچىلىك ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى يول ئېچىپ، شەرقىي شىمال كونا ئاۋىياتسىيە مەكتىپى روھىنى يېتىلدۈرۈپ شەكىللەندۈرگەن. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە شەرەپلىك تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرقىي شىمال كونا ئاۋىياتسىيە مەكتىپى روھىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنى تاپىلىدى.

مەشىق مەيدانىدا، ئۇچقۇچى ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس بەدەن ئىقتىدارى ۋە باش قېيىشقا تاقابىل تۇرۇش مەشىقى قىلىۋاتاتتى. ھازىرقى زامان ھاۋا ئۇرۇشىنىڭ ئۇچقۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساپاسىغا بولغان تەلىپى يۇقىرى، مەكتەپ تەڭپۇڭلۇق گىمناستىكىسى، دومىلىما چاق، ئايلانما شوتا قاتارلىق مەشىق مەزمۇنلىرىنى تەسىس قىلغان. شى جىنپىڭ مەشىق مەيدانىغا كېلىپ، ئۇچقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايلانما شوتا مەشىقى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. يېقىنلا جايدا، ئىقتىدار مەشىقى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى، شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن كۆردى. ئېغىرلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار مەشىقى - سىنىقى بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنە مەكتەپ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان مەشىق ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى بېرىلىپ مەشىق قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ ناھايىتى تەپسىلىي كۆردى. شى جىنپىڭ ئۇچقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ مەشىق قىلىپ، ئىلمىي مەشىق قىلىپ، بالدۇرراق كۆكتىكى بۈركۈتكە ئايلىنىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ تەقدىم قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەجرىبىخانىسىغا كېلىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتچىلىرىنى تەربىيەلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر تۈرلۈك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىسى كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى، ئەسكەرسىز جەڭ قىلىش ئۇرۇش قىياپىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە. ئەسكەرسىز جەڭ قىلىش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كەسپى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش تەربىيەسى - مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى قوللىنىش ۋە قوماندانلىق قىلىش ئىختىساسلىقلىرىنى تېز يېتىشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مەكتەپنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئورۇن بەلگىلەشنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇچۇش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات يولىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپلەرنى قىسىملار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش قانچىكى دەل بولسا، دەرسخانا بىلەن جەڭ مەيدانىنى جىپسىلاشتۇرۇش قانچىكى زىچ بولسا، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش يولى شۇنچە توغرا بولىدۇ. ئەمەلىي ئۇرۇشنى چۆرىدەپ، غەلىبە قىلىشنى كۆزلەپ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، جەڭ ئۈچۈن تەربىيەلەش، جەڭ ئۈچۈن مەشىقلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھازىرقى زامان ئۇرۇشى، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ھاۋا ئۇرۇشى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، پەن ۋە كەسىپلەرنى قاراتمىلىق ھالدا ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلار كۈچى بەرپا قىلىپ، مەشىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ۋاسىتە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش، مەشىقلەندۈرۈشنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، جەڭ ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە روھى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جەڭگىۋار روھنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇچقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي، ھەربىي ئىشلار كەسپى، پەن - مەدەنىيەت، جىسمانىي، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ساپا ئاساسىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختىلاش، دەسلەپكى ھەربىي ئاساسى، دەسلەپكى ئۇچۇش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، تەپەككۇر ئىدىيەسىنى يېڭىلاش، ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ھەربىي نەزەرىيە تەتقىقاتى، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال نەتىجە يارىتىش كېرەك. دۇنيا يېڭى ھەربىي ئىشلار ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى خۇسۇسىيەتلىك جەڭگىۋار كۈچلەرنىڭ تېز بارلىققا كېلىشى ۋە شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلار يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مەكتەپنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۈكسەك مەركەزلەشكەن بىردەكلىك ۋە بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى ساقلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىكلەر مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەت ۋە قۇرۇلۇشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك.

شۈ چىلياڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.