يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى جىلىننىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى، ھەر تەرەپلىمە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك

2020-07-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ جىلىندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى جىلىننىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى، ھەر تەرەپلىمە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك



7 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىپىڭ شەھىرى لىشۇ ناھىيەسىدىكى دۆلەت مىليون مولۇق يېشىل يېمەكلىك خام ماتېرىيالى(قوناق)نى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى ئېتىزدا، شى جىنپىڭ قوناقلىققا كىرىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش - پايدىلىنىش، قارا تۇپراقنى قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى)



7 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چاڭچۇن شەھەرلىك 1 - ئاپتوموبىل گۇرۇھى تەتقىق قىلىپ ئېچىش باش يۇرتىدا، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭچۇن، 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جىلىندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلا، ئەۋزەللىكى تولۇق قويۇپ بېرىلگەن بىر تەرەققىيات يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جىلىننىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى، ھەر تەرەپلىمە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش مۇساپىسىدە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېلەر يىلى دۆلىتىمىز «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى باشلايدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان 1 - بەش يىل بولۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنى ياخشى پىلانلاش ناھايىتى مۇھىم. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتىدۇ. بىز ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلىشىمىز، جەزمەن چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشىمىز، چوڭقۇر تەكشۈرۈشىمىز، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانى تەكلىپىنى تەشكىللەپ تۈزۈۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ ھەرقايسى جايلاردىن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دىققەتنى دۇچ كەلگەن كونا، قىيىن مەسىلىلەر ۋە يېڭى خىرىسلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات نىشانى، پىكىر يولى، تەدبىرنى ئەستايىدىل پىلانلاشنى ئۈمىد قىلدى.

7 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بايىن چاۋلۇ، ئۆلكە باشلىقى جىڭ جۈنخەينىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سىپىڭ، چاڭچۇن قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، يېزا، مەھەللە، پەن - تېخنىكا باغچە رايونى، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

جىلىن سۇڭلياۋ تۈزلەڭلىكىنىڭ ئەزەلدىنلا «ئالتۇن قوناق بەلبېغى» ۋە «دادۇر ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسلىق رايونلىرىنىڭ بىرى. 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن سۇڭلياۋ تۈزلەڭلىكىنىڭ كىندىك رايونىغا جايلاشقان لىشۇ ناھىيەسىگە كېلىپ، دۆلەتنىڭ مىليون مولۇق يېشىل يېمەكلىك خام ماتېرىيالى(قوناق)نى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى ئېتىزدا، جىلىن ئۆلكىسى ۋە لىشۇ ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ماشىنىلاشتۇرۇپ، كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. قۇياش ئوتتەك يالقۇنجاپ تۇراتتى، چەكسىز كەتكەن مۇنبەت دالىدا يېشىل دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان پۈركۈش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن. بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىملاشتى، كۈزلۈك ئاشلىقتىن ياخشى ھوسۇل ئېلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. جىلىن ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قىلچە بوشاشماي ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ قوناقلىققا كىرىپ، قارا تۇپراق تەجرىبە ئەۋرىشكىسى ۋە قوناق ئەلا سورتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش - پايدىلىنىش، قارا تۇپراقنى قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا. يېزا ئىگىلىكى بىلەن پەن - تېخنىكىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك، پەن تەتقىقات خادىملىرى ئىلمىي ماقالىنى كەڭ زېمىنغا يېزىپ، دېھقانلارنى ئەڭ ياخشى تېخنىكا ئارقىلىق ئەڭ ياخشى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. لىشۇ ئەندىزىسىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي تۈردە قارا تۇپراقتىن ئىبارەت بۇ «تېرىلغۇ يەرنىڭ مۈشۈكئېيىقى»نى ياخشى قوغداپ، ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى خەلققە مەڭگۈ بەخت يارىتىدىغان قىلىش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ لۇۋېي يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ، كوپىراتىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ: كوپىراتىپقا كىرگەن دېھقانلارنىڭ ھەر گېكتار يېرىنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ شى جىنپىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك تەشكىلىي شەكلى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى پائال يۆلەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئوخشاش بولمىغان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپ ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. يۇرتداشلارنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ سىپىڭ ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي شىمال دېموكراتىك بىرلەشمە ئارمىيە سىپىڭدا تۆت قېتىم جەڭ قىلغان، 20 مىڭغا يېقىن كوماندىر - جەڭچى قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇپ، لياۋشېن ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بەرگەن، ئازادلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان شەھەر ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسىنى توپلاپ بەرگەن. شى جىنپىڭ ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئارىلاپ سوراپ، ئاشۇ بۆلەك تاغنى تالقان قىلىدىغان جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش مۇساپىسىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز چوقۇم ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرى ئۈچۈن ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتىنى بېغىشلىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز، يېڭى جۇڭگونىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش تەس، ئىگىلىكنى ساقلاپ قېلىش تېخىمۇ تەس. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسى پارتىيە تارىخىنى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بەرپا قىلغان سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى قوغداپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.

چاڭچۇن شەھىرى كۇەنچېڭ رايونى تۇەنشەن كوچىسى چاڭشەن گۈللۈكى مەھەللىسىدە ئىلگىرى قاتمۇقات قىيىنچىلىق بولۇپ، مۇھىتى پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار ئىدى، كۆپ يىل ئۆزگەرتىش ۋە تۈزەش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە ئاھالىلەر خاتىرجەم ياشايدىغان مەھەللىگە ئايلاندى. 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ مەھەللىگە كېلىپ، مەھەللىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇلار بەرپا قىلغان «تۆت دەرىجىلىك» مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشى تور خىزمىتى سىستېمىسى ۋە «ئۈچ باشلىق» مەھەللە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. چاڭشەن گۈللۈكى مەھەللىسىگە تايىنىپ بەرپا قىلىنغان جىلىن چاڭچۇن مەھەللە كادىرلىرى شۆيۈەنى قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت، ئۆلكە، شەھەر بويىچە 30 قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىدىن 4400دىن ئارتۇق ئادەمنى تەربىيەلىدى. شى جىنپىڭ شۆيۈەنگە كىرىپ، شۆيۈەننىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەربىيەلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، مەھەللە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئەڭ ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا مەھەللىلىرى ئىدارە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئەمەلىيەت داۋامىدا شەكىللەنگەن ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، كېڭەيتىپ، تەلىم - تەربىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە سىستېمىلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ پىيادە مېڭىپ چاڭشەن گۈللۈكى مەھەللىسىنىڭ مۇھىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم ئاھالە جاۋ شىڭفۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتى. جاۋ شىڭفۇ باش شۇجىغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەھەللە مۇھىتىنىڭ يىلدا بىر تۈسكە كىرىۋاتقانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى قولايلىشىۋاتقانلىقىنى، قوشنىلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ ئاڭلاپ ناھايىتى مەمنۇن بولدى.

مەھەللە مەيدانىدا، خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن مەھەللە ئاھالىلىرى خۇشال ھالدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىكنىڭ باش قەھرىمانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەممە ئادەم قاتنىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يۇرت - ماكاننى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.

چاڭچۇن يېڭى رايونى تەسىس قىلىنغان بەش يىلدىن بۇيان، ئىلغار ياسىمىچىلىق، بىيو تېببىي دورىگەرلىك، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى. شى جىنپىڭ يېڭى رايون يىرىك پىلان كۆرگەزمىخانىسىغا كىرىپ، مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، يېڭى رايوننىڭ يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى، يېڭى پەن - تېخنىكا باغچە رايونى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پىلانلاش، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈجۈپىلەشكەن، ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى كېرەك، ئۇل ئەسلىھە يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى، تېخىمۇ مۇھىمى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك ۋە تەسىر كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

1 - ئاپتوموبىل گۇرۇھى يېڭى جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ، 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، «خۇڭچى»، «جيېفاڭ» قاتارلىق داڭلىق خاس سۈپەتلىك ماركىلارنى بارلىققا كەلتۈردى، يۈرۈشلۈك شېرىكلەشكەن ھەمكارلىق سۈپەتلىك ماركىلىرىنى شەكىللەندۈرى. 1 - ئاپتوموبىل گۇرۇھى تەتقىق قىلىپ ئېچىش باش يۇرتىنىڭ زالىدا، باش شۇجى ئومۇمىي ئەھۋال توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ پۈتۈن ئاپتوموبىل قاتتىق دېتاللىرىنى ئۆلچەش - سىناش تەجرىبىخانىسىغا كىرىپ، يېڭى تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. نەق مەيداندا يېڭىلا مەكتەپ پۈتكۈزگەن بىرنەچچە داشۆ ئوقۇغۇچىسى بار ئىدى، باش شۇجى ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار كەسىپ تاللاپ ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، ئىرادە بولسىلا كەسىپ بولىدۇ، قابىلىيەت بولسىلا سەھنە بولىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئورنىنى توغرا تېپىپ، كىشىلىك تۇرمۇش غايىسىنى پۇختا ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كارخانا كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ ئەڭ يېڭى پاسوندىكى پۈتۈن ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، گۇرۇھنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، تۈزۈلمە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ھەم ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن قىسقا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ۋە ئاچقۇچلۇق ئۇششاق زاپچاسلارنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللىي سۈپەتلىك ماركىنى كۈچەيتىش، زورايتىش كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادا ياسىمىچىلىق رىقابىتى كەسكىن بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەگىم يولدا يانداپ ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئەقىل - پاراسىتىنى بېغىشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ياشلىق باھارىنىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، جىلىننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، پۈتۈن ئۆلكىدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جىلىننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى دەۋردە جىلىننى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى نەتىجە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ رىقابەت كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادنى، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىقنى پۇختىلاپ، ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، كارخانىچىلار روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالغا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىق مەركىزى تۈگۈنىنى ياخشى بەرپا قىلىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزىلاردىكى ئۈچ كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى يېزا - كەنتلەرگىچە ئۇزارتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىياتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەتنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا كوللېكتىپى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىچە كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش، زورايتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە يېڭى نامراتلىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، غەم - ئەندىشىسى، ھال - ئەھۋالىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ھازىر بار ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭى ئىش ئورنىنى پائال كۆپەيتىپ، ئىشسىز قالغانلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە شەھەر - بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى قوغداش كېرەك. ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئاممىۋى سەھىيە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھازىر، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش «7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ بېشى» باسقۇچىغا كىردى، جەنۇب بىلەن شىمال تەرەپتىكى دەريا - ئېقىنلارنىڭ كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشىنى جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلات بىلەن پارتىيە قۇرۇش ۋە ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش، ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قىزىل بايلىقنى غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىدىغان، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىدىغان جانلىق دەرسلىك قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاش، بۇرچنى مەڭگۈ زىممىسىگە ئېلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى سىياسىي ئۆتكەل، پاكلىق ئۆتكىلى، ئىقتىدار ئۆتكىلىنى چىڭ، ياخشى ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر كادىرلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى توغرا ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار خىزمىتى سىياسىتى، تۈزۈلمە مېخانىزمى، شەكلى - ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئېلىپ قالىدىغان ياخشى مۇھىتنى پائال يارىتىش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئاساس خاراكتېرلىك، دائىملىق خىزمەت قىلىپ، توغرا كەيپىياتقا تولغان بولۇش، سىياسىيدا سەگەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.