شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بەردى ھەم تەلىم سۆزى قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى
پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك
ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى
8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقى بېرىش مۇراسىمى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بەردى ھەم تەلىم سۆزى قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ تەلىم سۆزى قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقى بېرىش مۇراسىمى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بەردى ھەم تەلىم سۆزى قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بەرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)
8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقى بېرىش مۇراسىمى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بەردى ھەم تەلىم سۆزى قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بەرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقى بېرىش مۇراسىمى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بەردى ھەم تەلىم سۆزى قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بارلىق خەلق ساقچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ساقچىلىرى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئامانلىق ساقلاش بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش كۈچى بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، جىسمانىي ئەركىنلىكى، قانۇنلۇق مال - مۈلكىنى قوغداش، ئاممىۋى مال - مۈلۈكنى قوغداش، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش، جازالاش. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ساقچىلىرى پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن جان - دىل بىلەن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندىشى كېرەك.
خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. قىزىل رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىدىكى «جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقى بېرىش مۇراسىمى» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ساقچى مۇراسىم كىيىمى، ئالاھىدە ساقچى ئۇرۇش مەشىقى كىيىمى كىيگەن 300دىن ئارتۇق خەلق ساقچىسى قەددىنى رۇسلاپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەتتە رەتلىك سەپكە تىزىلىپ تۇردى.
سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، بايراق بېرىش مۇراسىمى باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى.
ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقىنى قوغداپ، ھۆرمەت قەدەم بىلەن مېڭىپ رەئىس سەھنىسى ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، باش نازارەتچى ساقچى جاۋ كېجى، دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، باش نازارەتچى ساقچى چېن ۋېنچىڭغا بايراق بەردى. جاۋ كېجى، چېن ۋېنچىڭ شى جىنپىڭغا ھۆرمەت سالىمى بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ قولىدىن جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، پۈتۈن مەيدانغا يۈزلىنىپ بايراقنى ئاچتى. پۈتۈن مەيداندىكى خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقىغا تەنتەنىلىك ھۆرمەت سالىمى بەردى.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ تەلىم سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئاساسىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي ئۆزىنى بېغىشلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، خەلق مەنپەئىتىنى قوغداشقا مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىز خەلق ساقچىلىرى پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىشكە بولىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە بىر قوشۇن.
شى جىنپىڭ خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا تۆت تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، پارتىيەگە سادىق بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ بايرىقىنى بايراق، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ساپ، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش كېرەك. جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر دېلونى بېجىرىش، ھەربىر ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساقچى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، قوشۇننى ساپلاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئەمەلىي جەڭگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەشىقنى كۈچەيتىپ، پولاتتەك غايە - ئېتىقاد، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق - دادىللىق، پولاتتەك كۈچلۈك قابىلىيەت، پولاتتەك ئىنتىزام - ئىستىلنى كۈچەپ تاۋلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ياخشى ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.
بايراق بېرىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا <جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقى>نى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇپ ئۆتتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى.
بايراق بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان خەلق ساقچىلىرى كوللېكتىپ قەسەم بەردى، قەسەم سۆزى: پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزامدا قاتتىق بولىمىز؛ قەتئىي پاك بولۇپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىپ، ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، جان تىكىپ ئېلىشىدىغان، غەلىبە قىلىشقا ماھىر بولىمىز.
گو شېڭكۇن مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دىڭ شۆشياڭ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن مۇراسىمغا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار مۇراسىمغا قاتناشتى.
جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقىنىڭ بايراق يۈزى قىزىل، كۆك ئىككى خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قىزىل رەڭ ئاساسىي رەڭ قىلىنغان، ساقچى بەلگىسى بايراقنىڭ سول تەرەپ ئۈستۈنكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ساقچى بايرىقى خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، خەلق ساقچىلىرىنىڭ شان - شەرىپى، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنىڭ سىمۋولى.