ئۇدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش كېرەك

2020-08-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ ئارمىيەنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئۇدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش كېرەك



8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەنخۇيدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئارمىيەنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس خادىملارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېفېي، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارلى شۈەنلياڭ، لى داۋېي) ئەنخۇيدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئارمىيەنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس خادىملارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى كۈچلۈك تەشكىللەپ، يەرلىكنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش كېرەك.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە سەنمۇبۇسى، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ھەربىي رايون، قوراللىق ساقچى قىسىم ئەنخۇي ئۆلكىلىك باش ئەترىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئارمىيەنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى دوكلات قىلدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنىگە قەدەر، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىي 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچ چىقىرىپ، 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق خەلق ئەسكىرىنى تەشكىللەپ، 17 ئۆلكىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشتى، 170 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنى يۆتكىدى، يار ئېلىپ كەتكەن ۋە سۇ تېشىپ چىققان 3900دىن ئارتۇق جاينى ئەتتى، 900 كىلومېتىردىن ئارتۇق توسمىنى مۇستەھكەملىدى، 350 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى جىددىي رېمونت قىلىپ راۋانلاشتۇردى.

شى جىنپىڭ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئېغىر كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتى كۆرۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئارمىيەمىزدىكى قىسىملار باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ باسقۇچلۇق مۇھىم، زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. خەلق ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، خەتەرگە قاراپ ئاتلىنىپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار يەرلىك بىلەن بىرلىكتە كەلكۈن ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەسكەرنى ئىلمىي ئىشلىتىشى، ئەسكەرنى دەل جايىدا ئىشلىتىشى كېرەك. ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى ياخشى ھالەتنى ساقلاپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى كۈچلۈك تەشكىللەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىشى كېرەك. قىسىملارنى قاتتىق تەربىيەلەپ، باشقۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھەيۋەتلىك قوشۇن، مەدەنىي قوشۇنلۇق ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك. بۇ قېتىمقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئارمىيەمىزنىڭ رەھبەرلىك، قوماندانلىق تۈزۈلمىسى، قىسىملارنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋار روھى، ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن ئەمەلىي سىناق بولۇپ، خۇلاسىنى ياخشى قىلىپ، بىر جەڭ قىلىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئىش ئىزلار بارلىققا كەلدى، بۇ يېڭى جانلىق دەرسلىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق پۈتۈن ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كۈچلۈك، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020 - يىللىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك. خەۋپ ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، ئەھۋالغا يولۇققاندا ئاتلىنالايدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە قارىتا، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قىسىمنىڭ يۈكسەك مەركەزلەشكەن بىردەكلىكى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جاڭ يوۋشيا قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.