يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى يىرىك پىلان تۈزۈش كېرەك

2020-08-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى يىرىك پىلان تۈزۈش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى



8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭنەنخەيدە ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان تۇنجى بەش يىل بولۇپ، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ. ھەرقانداق ئىشتا تەييارلىق پۇختا بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، تەييارلىق پۇختا بولمىسا مەغلۇپ بولىدۇ. بىز يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى يىرىك پىلان تۈزۈشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، بېيجىڭ داشۆ دۆلەت تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەخرىي باشلىقى لىن يىفۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى فەن گاڭ، چىڭخۇا داشۆ ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى جياڭ شياۋجۈەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي فاڭ، دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى ماكرو ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چاڭلىن، چىڭخۇا داشۆ دۆلەت پۇل مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جۇ مىن، شاڭخەي قاتناش داشۆسى ئەنتەي ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى لۇ مىڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ يۈيەن، شياڭگاڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى داشۆسى (شېنجېن) يەر شارى ۋە ھازىرقى زامان جۇڭگو ئالىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جېڭ يۇڭنيەن قاتارلىق توققۇز مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىلى ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مۇتەخەسسىس، ئالىملار ناھايىتى ياخشى سۆز قىلدى، ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ كەسىپ ساھەسىنى چىقىش قىلىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات مۇھىتى، تەپەككۇر يولى، ۋەزىپىسى، تەدبىرلىرى توغرىسىدا ناھايىتى قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، يىغىنغا قاتناشقان باشقا مۇتەخەسسىسلەر يازما سۆز تاپشۇردى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسقا دىيالېكتىك تەپەككۇر بىلەن قاراش كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشى بۇ چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىۋەتتى، خەلقئارا ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، خەۋپسىزلىك، سىياسىي قاتارلىق ۋەزىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە چوڭقۇر تەڭشىلىش يۈزبەردى. دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات مۇھىتىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلىپى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىي ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، شامالغا قارشى كېمە ھەيدەشكە جۈرئەت قىلىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، مۇھىتى، شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى قايتا بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. بىز تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمالدا ئىچكى بازارغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجغا بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئېھتىياج تەمىناتنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنات ئېھتىياج يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ھەرگىزمۇ بېكىنمە ئىچكى ئايلىنىش بولماستىن، بەلكى ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش. دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئورنى سىجىل ئۆسىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنى تەمىنلەيدىغان بازار پۇرسىتى تېخىمۇ كېڭىيىپ، خەلقئارا تاۋار ۋە مۇھىم ئامىللار بايلىقىنى جەلپ قىلىدىغان غايەت زور تارتىش كۈچى مەيدانىغا ئايلىنىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تايىنىدىغان ماھىيەتلىك ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يېڭى تېخنىكىنى تېز سۈرئەتتە چوڭ كۆلەمدە قوللىنىش ۋە يېڭىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى يارىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنى توپلاشتۇرىدىغان، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرىدىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىختىساسلىقلار ۋە پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ ۋە كىرگۈزۈپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئەڭ زور چەكتە قوزغاش كېرەك. ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا پەن - تېخنىكا ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، ئىسلاھاتمۇ يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، جەزمەن تېخىمۇ زور جاسارەت، تېخىمۇ كۆپ تەدبىر ئارقىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يولى ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تۈزۈم مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئادىل رىقابەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان بارلىق كۈچ مەنبەسىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىسى يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىدىكى بىر مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت. سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈپ دۆلەت سىياسىتى. سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يەرشارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا ئىقتىساد ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتى يېڭى ۋەزىيىتىنى كېڭەيتىش كېرەك. تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تولۇق قاپلىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ - ھەل قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ، ئۇ يەنە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بىز يېڭى جانلىق ئەمەلىيەتنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ئىدىيەسى، مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى، تەقسىمات تۈزۈلمىسى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسى، بازار مېخانىزمى، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش، كەسىپ قۇرۇلمىسى، كارخانا ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە نۇرغۇن مۇھىم ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. دەۋر تېمىسى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مول ئەمەلىيىتى نەزەرىيە ۋە سىياسەت تەتقىقاتىدىكى «مول كان» بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى نى - نى ئىشلارنى قىلالايدۇ. ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھادىسىدىن ماھىيەتنى تونۇپ، خەلقئارا نەزەر دائىرە تۇرغۇزۇپ، نەزەرىيە ۋە سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ئىلمىيلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خۇاڭ كۇنمىڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.