مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2020-09-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن، مېدال تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ رەئىس بۇيرۇقىنى ئوقۇدى ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى)

9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى جۇڭ نەنشەن (ئالدىنقى رەت ئوڭدىن 2 - كىشى)، «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى جاڭ بولى (ئالدىنقى رەت سولدىن 2 - كىشى)، جاڭ دىڭيۈ (ئالدىنقى رەت ئوڭدىن 1 - كىشى)، چېن ۋېي(ئالدىنقى رەت سولدىن 1 - كىشى)لەرگە ئوردېن، مېدال تارقىتىپ بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخسلەر، ئىلغار كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسىمەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن، مېدال تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭگودىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ ئاڭلىق مەسئۇلىيەتچانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا بىزنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن ئالاھىدە تەبىئىي تالانت ۋە مەدەنىيەت گېنى بىلەن تومۇرداش، ئۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىزملىق روھنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ئۇ جۇڭگو روھىنىڭ جانلىق شەرھلىنىشى بولۇپ، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتتى. بىز پۈتۈن جەمئىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ رەئىس بۇيرۇقىنى ئوقۇدى، ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى.

سائەت 8 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر كوللېكتىپ ھالدا مېھمان كۈتۈش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ تۇرار جايىدىن يولغا چىقتى، دۆلەت مېھمانلىرىنى قوغداش قاراۋۇللار ئەترىتى مۇھاپىزەت قىلىپ خەلق سارىيىغا ماڭدى. خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى سىرتىدا، قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان ھۆرمەت قاراۋۇللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ بولۇپ تۇراتتى، مىلتىق كۆتۈرگەن ھۆرمەت قاراۋۇللىرى پەلەمپەيدە ھەيۋەت بىلەن تىك تۇراتتى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، ئېھتىرام بىلدۈردى. دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر قىزىل پايانداز سېلىنغان پەلەمپەيدىن چىقىپ، خەلق سارىيىغا كىردى. پارتىيە ۋە دۆلەت تۆھپە، شەرەپنى تەقدىرلەش خىزمەت كومىتېتىدىكى رەھبىرىي يولداشلار بۇ يەردە ئۇلارنى كوللېكتىپ كۈتۈۋالدى.

خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى» دېگەن يىغىن بەلگىسى ئېسىلغان، كەينىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ئېسىلغان، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە بۆلۈپ تىزىلغانىدى. ئىككىنچى قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا ئېسىلغان لوزۇنكىغا: «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.

سائەت دەل 10دا، يىغىن باشلاندى. ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي ئوركېستىرى «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆرە تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قۇربان بولغان قەھرىمانلار ۋە ۋاپات بولغان قېرىنداشلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.

لى جەنشۇ شى جىنپىڭ ئىمزا قويغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىس بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. رەئىس بۇيرۇقىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكارلار، نەمۇنىلىك شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، ئۇلارنىڭ سادىق، مەسئۇلىيەتچان، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 21 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، جۇڭ نەنشەنگە «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» بېرىلدى، جاڭ بولى، جاڭ دىڭيۈ، چېن ۋېيگە «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى.

تۆت ھۆرمەت قاراۋۇلى جۇمھۇرىيەت ئوردېنى، دۆلەت شەرىپى نامى مېدالىنى كۆتۈرۈپ، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، مۇراسىم نەق مەيدانىغا كىردى.

ھەيۋەتلىك «ۋەتەن قەھرىمانلىرىغا ئېھتىرام» مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە بىر - بىرلەپ ئوردېن، مېدال تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ، تەبرىكلىدى. ئارقىدىن، تۆت نەپەر دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى تەكلىپكە بىنائەن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. پۈتۈن مەيداندا ئۈزۈلمەي قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ۋاڭ خۇنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى.

شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلار ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن سەككىز ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر مەيدان كىشىنى چۆچۈتىدىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش زور جېڭى قىلىپ، بىر مەيدان مىسلىسىز جاپالىق تارىخىي چوڭ سىناقنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدا يەنە بىر باتۇرانە ئۇلۇغ ئىشنى ياراتتى.

شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارغا، بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتچى خادىملىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرى، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، قۇرۇلۇشچىلار، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار ھەمدە كەڭ خەلق ئاممىسىغا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى! يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشقان ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگە، بەس - بەستە ياردەم بەرگەن شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ھەمدە چەت ئەللەردىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغان مەزگىلدە، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەتلىرى، سىياسىي پارتىيەلىرى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار رايون تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا ئاپپاراتلار، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ھەمدە خەلقئارادىكى دوستانە زاتلار ھەر خىل شەكىلدە جۇڭگو خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللاپ، قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئۇلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامرىماقتا، جۇڭگو خەلقى يۇقۇمنىڭ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ئازاب - ئوقۇبىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، كېسەل ئالۋاستىسى تەرىپىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرگە چوڭقۇر ئېچىنىدۇ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇۋاتقان كىشىلەرگە چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، بەختكە قارشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان كىشىلەرگە سەمىمىي بەخت تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مۇشۇ پەيتتە، بىز ئالايىتەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن باتۇرلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان قۇربانلارنى، يۇقۇمدا بەختكە قارشى قازا قىلغان قېرىنداشلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز ۋە ئۇلارغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى 100 يىلدىن بۇيان پۈتۈن يەر شارىدا يۈزبەرگەن ئەڭ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ كەڭ تارقىلىشى بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىز ئۇچرىغان تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى. ۋىرۇس تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى، يۇقۇم يامان ئەلپازدا كەلدى، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن جاسارەت ۋە قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە ئارقىلىق ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەل ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى تېز سۈرئەتتە باشلاپ، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە توستۇق، ئىككى ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ يەرلىكتە كۈنىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىقلارنى بىر خانىلىق سان ئىچىدە تىزگىنلىدۇق، ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردۇق، ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەنە ئارقا - ئارقىدىن بىرنەچچە مەيدان قىسمەن رايونلاردا يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنى يوقىتىش جېڭىنى قىلىپ، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردۇق. مۇشۇ ئاساستا، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى چىڭ تۇتۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇيۇقسىز تارقالغان ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، پەۋقۇلئاددە تەدبىر ئارقىلىق پەۋقۇلئاددە ئىشقا تاقابىل تۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى يولغا قويدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 21 قېتىم يىغىن ئېچىپ تەتقىق قىلىپ تەدبىر بەلگىلەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەرنى چوڭ جەڭگە قاتنىشىشقا رەھبەرلىك قىلىپ تەشكىللەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكا تۈزدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تەرەپلەر بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كەلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا - كەنتلەر، مەھەللىلەر، كارخانىلار، داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، مەكتەپلەر، ھەربىي گازارمىلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئىستېرېئولۇق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما تېزدىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ كەڭ دائىرىدە يامرىشى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدىكى خەتەرلىك ئىلگىرىلەش ئەھۋالى كۈچلۈك ئۆزگەرتىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ئەڭ زور چەكتە قوغدالدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۇيۇقسىز تارقالغان ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو خەلقى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلدى، بىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ كۆلىمى مىسلىسىز بولغان ھاياتلىقنى كەڭ كۆلەملىك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى يولغا قويدۇق، ۋۇخەن خەلقى، خۇبېي خەلقى ئومۇمىيەتنى تونۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، غايەت زور قۇربان بەردى ۋە مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. تۇيۇقسىز تارقالغان ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، كەڭ تېببىي خادىملار تولۇق قوراللىنىپ، قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلىنىپ، پىداكارلىق بىلەن ھاياتلىقنى قۇتقۇزدى، ئۇلار ئەڭ گۈزەل پەرىشتىلەر، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر. تۇيۇقسىز تارقالغان ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، بىز بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى پۇختا قەدەمدە ئەسلىگە كەلتۈردۇق. تۇيۇقسىز تارقالغان ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياردەم بېرىپ پۈتۈن يەر شارىدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزدى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى سەمىمىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياشلار دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى كىشىنى خۇشال قىلدى، كىشىنى تەسىرلەندۈردى. دۇنيادا ئاسماندىن چۈشىدىغان قەھرىمان يوق، پەقەت كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئاددىي كىشىلا بار. ياش بىر ئەۋلادلار جاپادىن قورقماي، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، تاغدەك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ياشلىق جۇشقۇن خىسلىتىنى نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈمىدىنى نامايان قىلدى. بىز بىرلىكتە ئۇلارنى ئالقىشلايلى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ مەيدان ئېغىر يۇقۇم بىلەن بولغان ھايات - ماماتلىق ئېلىشىشتا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قورقماس جاسارىتى ئارقىلىق، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلىدى. ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە، جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر مېھرىبانلىق ئەنئەنىسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتەك قىممەت ئىنتىلىشى مەركەزلىك نامايان قىلىندى. پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇشتا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشتەك ئىتتىپاقلىق ئۇلۇغ كۈچى نامايان قىلىندى. پىداكارلىق كۆرسىتىشتە، جۇڭگو خەلقىنىڭ دادىللىق بىلەن بارلىق قىيىنچىلىقلارنى بېسىپ چۈشىدىغان، شۇنداقلا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان قەيسەرانە ئىرادىسى مەركەزلىك نامايان قىلىندى. ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىشتا، جۇڭگو خەلقىنىڭ راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش خىسلىتى مەركەزلىك نامايان قىلىندى. تەقدىرداش بولۇشتا، جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان، تىنچلىقنى سۆيىدىغان ئەخلاق - ھەققانىيلىقتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى مەركەزلىك نامايان قىلىندى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ مەيدان قاينام - تاشقىنلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى داۋامىدا، بىز مۇھىم تەجرىبىلەرنى توپلاپ، چوڭقۇر تەپەككۇر ئىلھامىغا ئېرىشتۇق. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدە بار بولغان تەڭداشسىز قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچى بوران - چاپقۇن ھۇجۇم قىلغاندا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك يۆلەنچۈكى؛ جۇڭگو خەلقىدە بار بولغان تىز پۈكمەس ئىرادە كۈچى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى كۈچ مەنبەسى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە بار بولغان روشەن ئەۋزەللىك خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇغلانغان مۇستەھكەم دۆلەت كۈچى دەھشەتلىك دولقۇنلارغا بىمالال تاقابىل تۇرۇشتىكى چوڭقۇر ئاساس؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە بار بولغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، خەلق كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتا بار بولغان كەڭ چاقىرىق كۈچى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى، تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشىدىكى توغرا يول.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز جەزمەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك. بىز قىلچە بوشاشماي دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بىز ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز تۈرلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈم كاپالىتىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىرادىلىك، ئالىيجاناب كىشىلەر ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىپ، توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.» بىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغ بولالىشىدىكى تۈپ سەۋەب ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەر ئالدىدا ئەزەلدىن ۋاز كەچمەي، چېكىنمەي، توختاپ قالماي، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئۈچۈن ئېگىلمەي - سۇنماي كۈرەش قىلغانلىقىدا. 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ جاپالىق، شانلىق مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى جەزمەن يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە يول بويى ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ!

يىغىندا، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى جۇڭ نەنشەن، مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ليۇ جېڭيىن، مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى، ۋۇخەن شەھىرى چىڭخېجۈ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇي شياۋمېي سۆز قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخسلەر، ئىلغار كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، تۇرۇشلۇق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، شياڭگاڭلىق - ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ھەم ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا تۆھپە قوشقان خەلقئارادىكى دوستلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.