تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ كۆپ ماھارەت بىرىكتۈرۈلگەن، تېز ئىنكاس قايتۇرالايدىغان، پۈتۈن شارائىتقا ماس كېلىدىغان بىر سەرخىل قوشۇننى تاۋلاپ چىقىش كېرەك

2020-10-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ كۆپ ماھارەت بىرىكتۈرۈلگەن، تېز ئىنكاس قايتۇرالايدىغان، پۈتۈن شارائىتقا ماس كېلىدىغان بىر سەرخىل قوشۇننى تاۋلاپ چىقىش كېرەك


10-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنى كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاۋجوۋ، 10-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارلى شۈەنلياڭ، لى يۈن) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 13-كۈنى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ئۇرۇش قىلالايدىغان سەرخىل ئۇرۇش كۈچى بولۇپ، دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ دېڭىز ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چەت ئەللەردىكى مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتلەردە مۇھىم ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا قوللىنىلىش ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ كۆپ ماھارەت بىرىكتۈرۈلگەن، تېز ئىنكاس قايتۇرالايدىغان، پۈتۈن شارائىتقا ماس كېلىدىغان بىر سەرخىل قوشۇننى تاۋلاپ چىقىش كېرەك.

كۈز كۈنلىرىدىكى چاۋشەن تۇپرىقىدا تاغ-دەريالار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى ئورگىنىغا يېتىپ كەلدى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىدىكى لۈدىن يۇقىرى قىسىملارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئورگاندىكى باشقارما باشلىقىدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى 2017-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن تەڭشەپ تەشكىللەپ قۇرۇلغان. شى جىنپىڭ كۆرگەزمە تاختىسى ئارقىلىق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قىسىم قۇرۇلۇشى ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆپ ۋاسىتىلىك فىلىمنى كۆردى ھەم سىن ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپە شۆبە ئەترەتلىرىنىڭ مەخسۇس تۈردىكى مەشىق ئەھۋالىنى كۆردى. شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ تەڭشەپ تەشكىللەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ۋە ۋەزىپىنى تاماملاش ئەھۋالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى، ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى، يۆنىلىشى، يولى، مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يول خەرىتىسى، قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى قۇرۇلۇشى يولىنى ئېچىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە رېئال ئېھتىياجنى ھەل قىلىشنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى پىلانلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بارلىق زېھىن ۋە كۈچنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە، جەڭ قىلىشقا قارىتىپ، يۈكسەك ھوشيار بولۇش ھالىتىنى ساقلاش كېرەك. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى كۆپ خىل، ئىقتىدار تەلىپى كۆپ مەنبەلىك بولۇپ، ئۇرۇش ئارقىلىق مەشىققە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپىنى يېتەكچى قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاراتمىلىق بولغان، تىركىشىش خاراكتېرلىك مەشىقنى كۈچەيتىپ، قىيىن، تەلەپچان بولۇشتىن باشلاپ قىسىملارنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە چېنىقتۇرۇش كېرەك. ئۇرۇش قىلىش نەزەرىيەسى، مەشىق ئەندىزىسى، ۋەزىپە بويىچە گۇرۇپپا تەشكىللەش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قارىمىقىدىكى ئۇرۇش قىلىش كۈچى، ئۇرۇش قىلىش بىرلىكى، ئۇرۇش قىلىش مۇھىم ئامىلىنى يۇغۇرۇپ توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشقا ئارمىيە، قىسىم تۈرىدىكى قىسىملار بىلەن ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قوماندانلىق مۇناسىۋىتى، كاپالەتلەندۈرۈش مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىغا چوڭقۇر سىڭىشىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قاتتىق تۇتۇپ، قىسىمنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ساپ، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ خاس ئارمىيە تۈرى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان جەڭگىۋار روھنى يېتىلدۈرۈپ، قىسىمنى ھەيۋە كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. قىسىمنىڭ تەلىم-تەربىيەسىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، قىسىمنىڭ يۈكسەك مەركەزلەشكەن بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. پىكىر يولى، تەدبىرلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئاساسىي قاتلامنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك. ئىتتىپاق، دوستانە، ئىناق، ساپ ئىچكى قىسىم مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە يەنىلا ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، قىسىم قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شۈ چىلياڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.