تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىدا مېڭىش، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك

2020-10-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىدا مېڭىش، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك


10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چاۋجوۋ قەدىمىي شەھىرى پەيفاڭ كوچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئاممىغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)


10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شەنتوۋ شەھىرىدىكى كىچىك باغچە كەيبۇ رايونىنىڭ شەنتوۋ سودا پورتى مەدەنىيەت كۆرگەزمىخانىسىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شەنتوۋ سودا پورتى تارىخى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىيات يىرىك پىلانى ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 10-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش قاتارلىق تەرەپلەردە يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىدا مېڭىش، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە گۇاڭدۇڭ تۇپرىقى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى ۋە ئۆلكە باشلىقى ما شىڭرۇينىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چاۋجوۋ، شەنتوۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا-رايونلىرى، كارخانىلار قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چاۋجوۋ شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. چاۋجوۋ قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى گۇاڭجى كۆۋرۈكى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى يىللىرىدا سېلىنغان بولۇپ، خەنجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، لىم كۆۋرۈك، لەيلىمە كۆۋرۈك، ئەگمە كۆۋرۈك بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، «دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇن سېلىنغان ئېچىلىپ يېپىلىدىغان كۆۋرۈك» دەپ ئاتالغان. شى جىنپىڭ كۆۋرۈكنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ، كۆۋرۈك شىپاڭى، لەيلىمە كۆۋرۈكلەرنى كۆردى، خەنجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ مەنزىرىسىگە نەزەر سالدى، كۆۋرۈكنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت خاسلىقىنى ئىگىلىدى، گۇاڭجى كۆۋرۈكىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قوغداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گۇاڭجى كۆۋرۈكى تارىختا نەچچە قېتىم قايتا ياسالغان ۋە رېمونت قىلىنغان، ئوخشىمىغان دەۋردىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ھۈنەرۋەن روھى ۋە ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، مۇھىم تارىخىي، ئىلمىي، سەنئەت قىممىتىگە ئىگە، چاۋجوۋنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. بۇ قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسىنى قەدىرلەپ ۋە ياخشى قوغداپ، ھەددىدىن ئارتۇق رېمونت قىلماي، ھەددىدىن ئارتۇق ئاچماي، ئىمكانقەدەر تارىخىي ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. خەنجياڭ ئېقىن رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، خەنجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۇزاققىچە سۈپسۈزۈك قىلىش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ گۇاڭجى كۆۋرۈكىنىڭ يېنىدىكى گۇاڭجى دەرۋازىسىدىن پىيادە ئۆتۈپ، تاش پەلەمپەينى بويلاپ گۇاڭجى راۋىقىغا چىقتى. راۋاقتىكى كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ چاۋجوۋ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى كۆردى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى ۋارىسلىرى ۋەكىللىرىنىڭ نەق مەيداندا ياساپ ئۈلگە كۆرسىتىشىنى كۆردى، ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، چاۋجوۋنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاۋجوۋ مەدەنىيىتى روشەن رايون خاسلىقىغا ئىگە بولۇپ، لىڭنەن مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تارمىقى. چاۋجوۋ كەشتىسى، چاۋجوۋ فارفۇر بۇيۇملىرى، چاۋجوۋ ئويمىچىلىقى، چاۋجوۋ ھەيكەلتىراشلىقى، چاۋجۈ تىياتىرى ۋە گۇڭفۇ چېيى، چاۋجوۋ قورۇمىلىرى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى چاۋجوۋ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرىدۇر. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋارىسلارنى پائال يېتىشتۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدىغان رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ 2-قەۋەتتىكى پېشايۋانغا چىقىپ، يىراققا نەزەر تاشلىدى، خەنجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى بىپايان بولۇپ، ئۇزۇن كۆۋرۈك دولقۇندا سوزۇلۇپ ياتاتتى. گۇاڭجى راۋىقىنىڭ تارىخىنى ۋە قەدىمىي شەھەرنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قوغداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: گۇاڭجى كۆۋرۈكى، گۇاڭجى راۋىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چاۋجوۋ قەدىمىي شەھىرى بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان، بۇ ئاسان ئەمەس، تولىمۇ قىممەتلىك. كوناشەھەرنى ئۆزگەرتىش، يېڭى شەھەر قۇرۇش جەريانىدا، شەھەردىكى تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداپ، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تارىخ ۋە ھازىرقى زاماننى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان قىلىش كېرەك.

پەيفاڭ كوچىسى چاۋجوۋ شەھىرىدىكى مەدەنىيەت جۇغراپىيەلىك بەلگىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 23 قەدىمىي خاتىرە راۋىقى 51 قەدىمىي كوچىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شى جىنپىڭ كوچىنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ، چاۋجوۋ شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا، رايونلىرىنى رېمونت قىلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قوغداش، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت توپلانغان جايلارنى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، ھەم كوچا بويىدىكى دۇكانلارغا كىرىپ، دۇكان خىزمەتچىلىرى، خېرىدارلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، ئۇلاردىن سودا، بازارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتلەردە يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقى قاتارلىقلارنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمى يەنىلا ئىنتايىن زور. تۈرلۈك دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىش كېرەك.

كوچىنىڭ ئىككى تەرىپى خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن ئامما بىلەن تولدى، كۆپچىلىك «باش شۇجى ياخشىمۇسىز!» «باش شۇجى جاپا چەكتىڭىز!» دەپ ئۈنلۈك تەنتەنە قىلىشتى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە ئارقا-ئارقىدىن قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ سەمىمىي ھالدا كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: چاۋجوۋنىڭ تارىخى ئۇزاق، ئادىمىيەت بايلىقى مول بولۇپ، دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى، نۇرغۇن كىشى داڭقىنى ئاڭلاپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ساياھەتكە كېلىشىدۇ. تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە كوناشەھەر رايونىنى ياخشى قوغداپ، شەھەرنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ تەربىيەگە ئىگە قىلىش كېرەك. 40 نەچچە يىل ئىلگىرى مەن چاۋجوۋغا كەلگەنىدىم، بۈگۈن بۇ يەرگە يەنە بىر قېتىم كېلىپ، چاۋجوۋنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللەپ ياشنىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. چاۋجوۋدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، چاۋجوۋنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

پەيفاڭ كوچىسىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ چاۋجوۋ سەنخۇەن (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 50 يىلدىن بۇيان، بۇ كارخانا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلار، ئىلغار ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ساھەنىڭ ئالدىدا ماڭدى، بەزى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مىقدارى يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. يۇقۇم مەزگىلىدە، كارخانا يۇقۇمنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى پائال ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مىقدارىدا ۋەزىيەتكە قارشى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شىركەتنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ خاس مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىلىشى، تېخنىكا ئەۋزەللىكى، بازاردا سېتىلىشى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ يەنە تەجرىبىخانا ۋە ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، كارخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ھەمدە دۆلەت ئىچى، خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. سىلەرنىڭ دىققەتنى دۆلەت ئىچىدىكى كەم مەھسۇلاتلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئالدىڭلارغا تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتە ھەسسىلەپ تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ يادرولۇق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، كارخانىنىڭ رىقابەت ۋە تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، دۆلەت ئىچى-سىرتى تەرەققىيات مۇھىتىدا يۈزبەرگەن چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا، بىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش يولىدا مېڭىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. كۆپچىلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا ئۆز ئورنىنى توغرا تاللاپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

10-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شەنتوۋ شەھىرىنىڭ كىچىك باغچە كەيبۇ رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شەنتوۋ 1860-يىلى سودا پورتى بولۇپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىدەك ھاقارەتكە ئۇچراش تارىخىغا گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى. شى جىنپىڭ شەنتوۋ سودا پورتى مەدەنىيەت كۆرگەزمىخانىسىغا كىرىپ، شەنتوۋ سودا پورتى تارىخى ۋە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىگىلىدى، شەنتوۋ شەھىرىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىيات يىرىك پىلانى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەنتوۋ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ بىرى. يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى، شارائىتى، تەلىپى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. شەنتوۋنىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەستايىدىل ئويلىنىپ پىلان تۈزۈشىنى، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلالايدىغان پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، يول توغرا بولسا، تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ دېگەن مەنزىل بىلەن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئورۇننى توغرا تېپىپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكتىن ساقلىنىپ، تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىدا تېز يېتىشىۋېلىش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ چاۋشەن چاۋمىنلار يۇرتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خۇاچياۋلار خەت-چەكلىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئىلگىرى خېلى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە، چەت ئەلدىكى خۇاچياۋلار خەلق ئىچىدىكى يوللار ئارقىلىق سالام خەت ياكى ئاددىي جاۋاب خەتلەرگە پۇل پېرېۋوت قىلىش ئىسپاتىنى قوشۇپ دۆلەت ئىچىگە ئەۋەتكەن، بۇ «خۇاچياۋلار خەت-چەكلىرى» يېقىنقى زامان خۇاچياۋلار تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ئارخىپ بولۇپ قالدى. شى جىنپىڭ خۇاچياۋلار خەت-چەكلىرى تارىخى ۋە چاۋشەن خۇاچياۋلار مەدەنىيىتىگە ئائىت تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «خۇاچياۋلار خەت-چەكلىرى»دە چەت ئەلدىكى پېشقەدەم چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش تارىخى ۋە قويۇق ئائىلە دۆلەت ھېسسىياتى خاتىرىلەنگەن، ئۇ ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. بۇ «خۇاچياۋلار خەت-چەكلىرى» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياخشى قوغداپ، تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى دۆلىتىمىز يېقىنقى زاماندا باشتىن كەچۈرگەن ھاقارەتلىك تارىخنى ۋە پېشقەدەم چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش تارىخىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا تەربىيەلەش، يېتەكلەش ھەم پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. چاۋشەن رايونى دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق چياۋمىنلار يۇرتى. شەنتوۋ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى يېڭى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن «چياۋمىن»لار ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، چەت ئەلدىكى خۇاچياۋلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ۋەتەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

شەنتوۋدىكى كىچىك باغچە كەيبۇ رايونى ھازىر دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان سودا پورتى رايونلىرىنىڭ بىرى. ھالقىسىمان تەرەپ-تەرەپكە كەتكەن كوچىلاردا پېشايۋانلىق بىنالار سېلىنغان. شى جىنپىڭ پىيادە كوچا رايونىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆردى، شۇ جاينىڭ كەيبۇ رايونىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۆزگەرتىش، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىنى قوغداش، ئۇنىڭغا جان كىرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، شەھەر قۇرۇلۇشى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بولغانسېرى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىنى قوغداشنى شۇنچە كۈچەيتىپ، قوغداشنى كۈچەيتىش ئالدىنقى شەرتىدە شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، زامانىۋى تۇرمۇش پۇرىقىنى ئورگانىك سىڭدۈرۈپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. كىشىلەرنى شەنتوۋ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ بۈگۈنىنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى تونۇشقا، ئۇنىڭدىن پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك.

شۇ جايدىكى ئامما ۋە ساياھەتچىلەر باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كەينى-كەينىدىن چۆرىدەپ كېلىپ باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى، ساغلام، بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ۋە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىنى زور بىر تۈركۈم ئۆز يۇرتىغا رىشتە باغلىغان، ۋەتەنگە رىشتە باغلىغان خۇاچياۋلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىز پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىمىز. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇش دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بۇ يىل ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، مېنىڭ ئالايىتەن شەنتوۋ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كېلىشىم، دەل دۆلەت ئىچى-سىرتىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى قەتئىي بوشاشماي ئىشقا ئاشۇرۇشنى جاكارلاش ئۈچۈندۇر. يۇرتداشلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.