يېڭى دەۋردە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك

2020-10-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ «ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاش تىنچلىق، ھەققانىيەتنى قوغداش − جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى


10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار مۇزېيىدا «ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاش تىنچلىق، ھەققانىيەتنى قوغداش − جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار مۇزېيىغا بېرىپ، «ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاش تىنچلىق، ھەققانىيەتنى قوغداش − جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 70 يىل ئىلگىرى، تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى قەتئىيلىك بىلەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىر چىقارغان، قەھرىمان جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە پىداكارلىق كۆرسىتىپ، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ھەققانىيەتنىڭ غەلىبىسى، تىنچلىقنىڭ غەلىبىسى، خەلقنىڭ غەلىبىسىدۇر. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا تاۋلىنىپ شەكىللەنگەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى تولىمۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق بولۇپ، جەزمەن جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، بارلىق كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ۋە ئىنقىلابىي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار مۇزېيىغا كېلىپ، كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش باش تېمىسى زىچ چۆرىدىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى ئاساسىي كۆرۈش نۇقتىسى قىلىنىپ، ئۇرۇش ئاساسىي لىنىيەسى چۆرىدىلىپ، جەڭ مەيدانلىرىدىكى كۈچ سىنىشىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مۇقەددىمە زالى، «ھەققانىيەتنى زىممىگە ئېلىش تەدبىر بەلگىلەپ ئەسكەر چىقىرىش» «ھەرىكەت ئارقىلىق دۈشمەننى يوقىتىش ئۇرۇش سېپىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئۇرۇش ئارقىلىق سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش قانچە ئۇرۇش قىلغانسېرى شۇنچە كۈچىيىش» «ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش غەلىبە بىلەن ۋەتەنگە قايتىش» «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي تۆھپىسى»، ئاخىرقى سۆزدىن ئىبارەت يەتتە بۆلەك كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش» مەخسۇس تېمىسى تەسىس قىلىنىپ، 540 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 1900 پارچىدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ھەمدە نۇرغۇن سىن كۆرۈنۈشى، ئەمەلىي بۇيۇم كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار ئارقىلىق مۇھىم، زور تەدبىر بەلگىلەش جەريانى، مۇھىم، زور تارىخىي ۋەقەلەر، مۇھىم جەڭ - ئۇرۇشلار، مۇھىم تارىخىي شەخسلەر تولۇق نامايان قىلىنىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، دىپلوماتىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۈرەشلەرنى نامايان قىلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشتىكى شانلىق مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پىدائىي قىسىم قوماندان - جەڭچىلىرىنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقماسلىق، كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتەك روھىي ئەۋزەللىكى نۇقتىلىق نامايان قىلىنغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى نامايان قىلىنغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، تىنچلىقنى قوغدايدىغان قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىنغان.

پىدائىي قىسىم جەڭ مارشىنىڭ قىممەتلىك قول يازمىسى، شىددەتلىك جەڭ بولغان سۇڭگۇفېڭ كۆرۈنۈشى قايتا نامايان قىلىنغان ماي بوياق رەسىم، كەسكىن جەڭ بولغان چاڭجىنخۇ كۆلى، قانلىق ئۇرۇش بولغان شاڭگەنلىڭ قاتارلىقلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر، ئالاھىدە دەرىجىلىك قەھرىمان خۇاڭ جىگۇاڭ قۇربان بولغان جايدىن قېزىپ چىقىلغان باۋپوتۇڭ قالدۇقى، غەنىيمەت ئېلىنغان قورال - جابدۇقلار، دۆلەت ئىچىدە ئارمىيەگە قاتنىشىش، ئۇرۇشقا قاتنىشىش، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش قىزغىن دولقۇنى قوزغالغانلىقى نامايان قىلىنغان تارىخىي سۈرەتلەر، چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا ئىشلىتىلگەن يېزىق قوراللىرى، چاۋشيەن خەلقى پىدائىي قىسىمنى ئۇزاتقاندا تەقدىم قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇملار، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدىكى قەھرىمانلار، قۇربانلار، نەمۇنىچىلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ئويۇلغان ئەينەك تام... مول تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تەپسىلىي، ئېنىق ھۆججەت - ماتېرىياللار، يېڭىچە كۆرگەزمە ۋاسىتىلىرى شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇلار پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ تەپسىلىي كۆردى، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.