مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2020-11-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا چىڭ تايىنىش كېرەك. دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىجتىھات بىلەن ئىجاد قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە دەۋر يېڭى شان-شەرىپىنى يارىتىشى، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى


11-ئاينىڭ 24-كۈنى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)


11-ئاينىڭ 24-كۈنى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەرمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىسىغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرەپ ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ، بەخت ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ. سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، يېڭى دەۋر كۈرەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى مىللەتنىڭ سەرخىللىرى، خەلقنىڭ ئۈلگىلىرى، جۇمھۇرىيەتنىڭ تۆھپىكارلىرى. دۆلىتىمىز خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت، پارتىيە ۋە دۆلەت باشتىن-ئاخىر جان-دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، باشتىن-ئاخىر ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئورنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، باشتىن-ئاخىر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا زىچ تايىنىش كېرەك. دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىجتىھات بىلەن ئىجاد قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە دەۋر يېڭى شان-شەرىپىنى يارىتىشى، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا يىغىن باشلاندى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

ۋاڭ خۇنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2015-يىلىدىن بۇيان، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە ئىش ئورنىنى سۆيىدىغان، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلايدىغان زور بىر تۈركۈم ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەر بارلىققا كەلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1689 كىشىگە مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دەپ نام بېرىشنى، 804 كىشىگە مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى تەرتىپ بويىچە رەئىس سەھنىسىگە چىقتى، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئۇلارغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

جۇڭگو خاڭفا گۇرۇھى شېنياڭ لىمىڭ ئاۋىياتسىيە موتورى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئالىي تېخنىكى خۇڭ جياگۇاڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن تەشەببۇسنامە ئوقۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا تىرىشىپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان زەربىدار، يېڭى تۆھپە قوشىدىغان، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئاساسىي قوشۇن، ماھارىتى يۇقىرى، ئىقتىدارى كۈچلۈك كۈرەش قىلغۇچى، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باشلامچى بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە رەھبەرلىكىدە دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىسى ۋەتەن بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ جاسارەتلىك ئىلگىرىلەپ، «بىز ئىشچىلارنىڭ كۈچىمىز بار» دېگەن ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭراتتى، ھەرقايسى سەپلەردە قەھرىمانلار كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كەلدى، ئىلغار نەمۇنىچىلار نۇر چاچتى. بولۇپمۇ يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىسى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردىكىلەردىن بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتا ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان-تەرى بىلەن ئەمگەك شەرەپلىك، بىلىم يۈكسەك، ئىختىساسلىقلار قىممەتلىك، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ دەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىپ، «جۇڭگو ئارزۇسى. ئەمگەك گۈزەل» يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھى ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بوران-چاپقۇنغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئەمگەك بارلىق بەختنىڭ مەنبەسى. يېڭى ۋەزىيەتتە، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىسى داۋاملىق ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ يۈكسەك روھى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى ئارقىلىق ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىشنى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا كۆيۈنۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ بەس-بەستە مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەمگەكنى قەدىرلەپ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ يۈكسەك، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئەمگەك ئارقىلىق بەخت يارىتىشنى باش تېما قىلغان تەشۋىقات-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىجتىھات بىلەن ئەمگەك قىلىدىغان، ئەمگەك قىلىشقا ماھىر يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىشچىلار سىنىپى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىك سىنىپى، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئاساسىي قوشۇن. دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىسى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، ئىرادىسىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى، ياخشى باش قەھرىمان بولۇپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشى كېرەك. مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ، مەۋقەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ئائىت تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قويۇپ، ئەمگەك ۋە ماھارەت مۇسابىقىسىنى كەڭ، چوڭقۇر، سىجىل، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش كېرەك. تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت قۇدرەت تاپسا، مىللەت گۈللەنسە، كۆپچىلىكنىڭ ئاندىن بەختلىك بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى ئاڭلىق قوغداش، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىشچىلار سىنىپى بىلەن باشقا ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشتىكى ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى مۇستەھكەم تايانچ كۈچ بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىسى ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ماھىرلىق بىلەن ئۆگىنىدىغان، ئىجتىھات بىلەن تەپەككۇر قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەخلاق يېتىلدۈرۈش، ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىمىنى بېيىتىش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تېخنىكا، ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. تېخنىك ئىشچىلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باھالاش، تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىش غەيرىتى، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇش شىجائىتى، جۇشقۇنلۇق بىلەن ئالغا ئىنتىلىش جاسارىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇن قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، غايىلىك ۋە ئېتىقادلىق، تېخنىكا بىلىدىغان ۋە يېڭىلىق يارىتالايدىغان، مەسئۇلىيەتچان ۋە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان زور كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە سەھىيە شارائىتىنى ياخشىلاپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئورتاق يارىتىش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئورتاق بېيىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھوقۇق قوغداش مۇلازىمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمگەك قانۇن-نىزام سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى قانۇن ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بۇ يىل جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىغا توغرا كەلدى، شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلىرىدىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرىدىن، كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاكتىپلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 95 يىلدىن بۇيانقى نەتىجە ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپىغا جان-دىل بىلەن تايىنىش فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك باھا بەردى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ قالتىس تۆھپىسى ۋە يۈكسەك روھىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشقان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن تەرىپلىدى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى قۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. سۆز ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈش، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، خۇ چۇنخۇا، خۇاڭ كۇنمىڭ، يوۋ چۈەن، جاڭ چۇنشيەن، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جاڭ چىڭلى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.