شى جىنپىڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولدى

2020-11-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك


11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ نەنتۇڭ شەھىرى ۋۇشەن رايونى بىنجياڭ تەۋەلىك رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، شەھەر ئاھالىلىرى، ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)


11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ياڭجوۋ شەھىرى جياڭدۇ سۇچىلىق تۈگۈنى 4-سۇ تارتىش پونكىتىدا، سۇ تارتىش پومپىسىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى كۆرمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كۈچەپ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا نەمۇنىلەردىن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىشتا ئۈلگە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش كېرەك.

11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لوۋ چىنجيەن، ئۆلكە باشلىقى ۋۇ جېڭلۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نەنتۇڭ، ياڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋە قانالنىڭ قىرغاق لىنىيەسى، سۇچىلىق تۈگۈنى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

نەنتۇڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇرۇندىن «دەريا-دېڭىز ئېغىزى» دېگەن نامى بار. شەھەر رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىنجياڭ رايونىنىڭ دەريا يۈزى كەڭ، چەكسىز دەريا يۈزىنى تۇمان قاپلاپ تۇرىدۇ، خۇاڭنىشەن تېغى، مائەنشەن تېغى، لاڭشەن تېغى، جيەنشەن تېغى، جۈنشەن تېغى قاتارلىق بەش تاغ دەريا بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۈك-باراقسانلىققا پۈركەنگەن، دەريا بويىدىكى 14 كىلومېتىر قىرغاق لىنىيەسى چاڭجياڭ دەرياسى نەنتۇڭ بۆلىكىنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە مەركىزىي رايونى ۋە شەھەر تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى رايونى ھېسابلىنىدۇ.

11-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋۇشەن رايونىنىڭ بىنجياڭ تەۋەلىك رايونىغا كېلىپ، ۋۇشەن ھەم دەريا بويى رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قوغداش، چاڭجياڭ دەرياسى سۇ رايونىدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش، بېلىق تۇتۇشتىن چېكىندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، نەنتۇڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك يېشىل كارىدور بەرپا قىلىش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ دەريانى بويلاپ پىيادە مېڭىپ بىنجياڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆردى، شۇ جاينىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى قىرغاق لىنىيەسىنىڭ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سېلىنمىسى ئەھمىيەتسىز سېلىنما ئەمەس، ئۈنۈمسىز سېلىنما ئەمەس، بەلكى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك سېلىنما. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى يولدا مېڭىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

دەريا بويىدا ئارام ئېلىپ سەيلە قىلىۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس-بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: 40 نەچچە يىل بۇرۇن مەن ۋۇشەن رايونىغا كەلگەن، بۇ جاينىڭ ھەيۋەتلىك، كەڭ دەريا يۈزى مەندە ئالاھىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان. بۇ قېتىم كېلىپ، تۈزەش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى مەينەت، قالايمىقان، ناچار مۇھىتنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگەرگەنلىكىنى، كىشىلەر كېتىشكە كۆزى قىيمايدىغان بىنجياڭ ئېكولوگىيە باغچىسىغا ئايلانغانلىقىنى كۆردۈم. ھەممىڭلار مۇشۇنداق شەھەردە ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپسىلەر، بەختنى سىلەر ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياراتتىڭلار. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەھەر زامانىۋىلىشىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، شۇنداقلا نوپۇس ئەڭ زىچ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئەڭ مەركەزلەشكەن جاي. ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى بەرپا قىلىشتا، جەزمەن شەھەرلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شەھەرلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقى، تۇرمۇش بوشلۇقى، ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق پىلانلاپ، شەھەرلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ھەم خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھازىر، چېگرا سىرتىدا يۇقۇم يەنىلا يامراۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزدە سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمى يەنىلا ناھايىتى زور بولۇۋاتىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن-ئاخىر بوشاشتۇرماي، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋۇشەن رايونى بىنجياڭ تەۋەلىك رايونىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ نەنتۇڭ مۇزېيخانىسىغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. جاڭ جيەن ئېلىمىزدىكى يېقىنقى زاماندىكى داڭلىق كارخانىچى، مائارىپچى بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان مىللىي سانائىتىنىڭ گۈللىنىشى، مائارىپ ۋە جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇ قۇرغان نەنتۇڭ مۇزېيخانىسى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئاممىۋى مۇزېي بولۇپ، ھازىر تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت بۇيۇملىرى، تەبىئىي ئەۋرىشكە قاتارلىق تۈرلۈك ساقلانما بۇيۇملاردىن 50 مىڭدىن ئارتۇقى بار. شى جىنپىڭ مۇزېيخانىنىڭ تارىخىي قۇرۇلۇشلىرىنى تەپسىلىي كۆردى ھەم جاڭ جيەننىڭ كونا تۇرالغۇسى كۆرگەزمە ئۆيىگە كىرىپ، جاڭ جيەننىڭ ئوقەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، شۇ جاينىڭ كارخانىچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيىتى، كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن بۇ قېتىم مەخسۇس نەنتۇڭ مۇزېيخانىسىغا كېلىپ، جاڭ جيەننىڭ ئوقەتچىلىك، مائارىپ ۋە جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدىم. ئەينى چاغدىكى ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك كۆرۈلگەن ۋەزىيەتتە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تاۋلاپ چىققان زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ جيەن ئارقىدا قالسا مۇقەررەر بوزەك بولىدىغانلىقىنى، ئوقەتچىلىكنىڭلا دۆلەتنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئىلغار تېخنىكا ۋە تىجارەت ئىدىيەسىنى پائال كىرگۈزۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، بىر يۈرۈش ئوقەتچىلىك، مائارىپ، داۋالاش، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاممىغا ياردەم بەرگەن، ئۆز يۇرتىغا بەخت ياراتقان، ئۇ ئېلىمىز مىللىي كارخانىچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى. پۇقراۋى كارخانىچىلار بېيىغاندىن كېيىن، ئەخلاقلىق-پەزىلەتلىك كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئالدىن بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارغا ياردەم بېرىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشى كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشقا تىرىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. نەنتۇڭ مۇزېيخانىسى بىلەن جاڭ جيەننىڭ كونا تۇرالغۇسىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قىلىپ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلار ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»ىنى چىڭىتىش كېرەك.

11-ئاينىڭ 13-كۈنى، شى جىنپىڭ ياڭجوۋغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. قەدىمىي قانالنىڭ ياڭجوۋ بۆلىكى پۈتكۈل قانالنىڭ ئەڭ قەدىمىي بۆلىكى، ياڭجوۋ جۇڭگودىكى قەدىمىي قانالنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىكى شەھەر، شۇنداقلا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى بىلەن چوڭ قانالنىڭ مەدەنىيەت بەلبېغى كېسىشكەن نۇقتىسىدىكى شەھەر. قانالنىڭ سەنۋەن ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى باغچىسىدا، شى جىنپىڭ چوڭ قانال بويىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش، ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەم زامانىۋى سۇ تىرانسپورتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى تەرتىپكە سېلىش، سۇ سىستېمىسىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈزەشلەر ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. شى جىنپىڭ قانالنىڭ سەنۋەن بۆلىكىنىڭ قىرغىقىدا پىيادە مېڭىپ، قانالنىڭ ئېكولوگىيە كارىدور قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، چوڭ قانال مەدەنىيىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە-ئۈنۈمنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ پىرىستاندا شەھەر ئاھالىلىرى، ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياڭجوۋ ياخشى جاي، سۇ ياقىلاپ قۇرۇلغان، سۇ ۋەجىدىن گۈللەنگەن، سۇ سەۋەبىدىن گۈزەللەشكەن، دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، قانال ئىككى قىرغاقتىكى شەھەر ۋە خەلقنى بېقىپ كەلگەن، ئۇ قانالنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى خەلقنى بېيىتىش قانىلى، بەخت قانىلى ھېسابلىنىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ چوڭ قانالنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، قانال ئارقىلىق خەلققە مەڭگۈ بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ تۇرمۇشى، بەختىگە مۇناسىۋەتلىك، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا كەڭ ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ساداسى. چوڭ قانال مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قانال بويىدىكى داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازارلارنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەدەنىيەت، ساياھەتنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش، قانال سۇ تىرانسپورتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چوڭ قانال لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ جياڭدۇ سۇچىلىق تۈگۈنىگە باردى. جياڭدۇ سۇچىلىق تۈگۈنى جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش شەرقىي لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر كۈچى ئارقىلىق سۇ چىقىرىۋېتىش-سۇغىرىش قۇرۇلۇشى، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ پومپا پونكىتى تۈگۈنى. شى جىنپىڭ كۆرگەزمە زالىغا كېلىپ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش شەرقىي لىنىيە قۇرۇلۇشى ھەم جياڭدۇ سۇچىلىق تۈگۈنى توغرىسىدىكى مەخسۇس فىلىمنى كۆردى، قۇم مودېلغا بىرلەشتۈرۈپ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش شەرقىي لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ 4-سۇ تارتىش پونكىتىغا كىرىپ، سۇ تارتىش پومپىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆردى. كۆزىتىش سۇپىسىدا، خىزمەتچى خادىملار شى جىنپىڭغا يېڭىلا ئېلىنغان سۇ ئەۋرىشكىسىنى كۆرسىتىپ، شۇ جاينىڭ سۇ مەنبەسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

جياڭدۇ سۇچىلىق تۈگۈنى كۆرگەزمە سارىيىدا، شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، سۇچىلىق تۈگۈنىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇش مۇساپىسى ۋە سۇنى يۆتكەش، زەينى چىقىرىۋېتىش، كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىۋېتىش، سۇ قاتنىشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش قاتارلىق فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «شىمالدا قىس، جەنۇبتا مول بولۇش» ئېلىمىزنىڭ سۇ بايلىقى جايلىشىشىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. پارتىيە ۋە دۆلەت جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتا، سۇ بايلىقىنى ئىلمىي تەڭشەپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزلىگەن. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش شەرقىي لىنىيە قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، يىرىك پىلان ۋە قۇرۇلۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش شەرقىي لىنىيە قۇرۇلۇشىنى سۇ بايلىقى تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دەريا-كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قايتا جانلاندۇرۇش، جەنۇب-شىمالنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ جان تومۇرىغا ئايلاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى شىمالدىكى رايونلاردا سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇنى يۆتكەش، سۇنى تېجەشتە ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بىر تەرەپتىن شىمالغا سۇ يۆتكەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن شىمالدىكى رايونلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، سۇغا قاراپ شەھەرنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ كەسىپنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش، سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى خالىغانچە كېڭەيتىۋەتمەسلىك كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش شەرقىي لىنىيە قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر نەچچە يۈز مىڭ قۇرۇلۇش قىلغۇچىنىڭ ئۇزاق مۇددەت جاپالىق ئەمگەك قىلغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، لىنىيە بويىدىكى 400 مىڭ كۆچمەننىڭ غايەت زور تۆھپىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. چوڭ تىپتىكى سۇچىلىق تۈگۈنى ئەسلىھەلىرى ۋە جياڭدۇ سۇچىلىق تۈگۈنى كۆرگەزمە سارىيىغا تايىنىپ، دۆلەت ئەھۋالى ۋە سۇ ئەھۋالى تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى سۇ بايلىقىنى تېجەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.