ئەمەلىي جەڭ ھەربىي مەشىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

2020-11-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەربىي مەشىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

ئەمەلىي جەڭ ھەربىي مەشىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك


11-ئاينىڭ 25-كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەربىي مەشىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى شۈەنلياڭ، ليۇ جىمېي) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەربىي مەشىق يىغىنى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي جەڭ ئەمەلىي مەشىقى، بىرلەشمە جەڭ بىرلەشمە مەشىقى، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق مەشىقنى كۈچەيتىش، قانۇن بويىچە مەشىقنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىچە ھەربىي مەشىق سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئارمىيەمىزنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، شى جىنپىڭ جىڭشى مېھمانسارىيىغا كېلىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە يىغىن ۋەكىللىرى، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ھەربىي مەشىقتىكى ئىلغار ئورۇنلار ۋەكىللىرى ۋە ئىلغار شەخسلەرنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەربىي مەشىق قىسىمنىڭ دائىملىق مەركىزىي خىزمىتى، جەڭگىۋارلىقنى شەكىللەندۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسىي يولى، ئەڭ بىۋاسىتە ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى بولۇپ، قىسىمنىڭ ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، قىسىمنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىي جەڭ ھەربىي مەشىقىنى ئالغا سىلجىتتى، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىي مەشىقنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، ئەمەلىي جەڭ ئەمەلىي مەشىقىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتتى، بىرلەشمە جەڭ بىرلەشمە مەشىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، مەشىق ساھەسىدىكى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش بويىچە ماھارەت كۆرسىتىشنى كەڭ كۆلەمدە ئالغا سىلجىتتى. ئارمىيەمىز ھەربىي مەشىقنى ئەمەلىي ئۇرۇشقا يېقىنلاشتۇرۇش، ئەمەلىي ئۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە ئالدىغا قاراپ چوڭ بىر قەدەم ئېلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر قىسىم گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا تىرەك بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك مۇھىتى، ھەربىي كۈرەش ۋەزىيىتى، ئارمىيەمىزنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسى، زامانىۋى ئۇرۇش ھالىتى، ئارمىيەمىزنىڭ تەشكىلىي ھالىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشان ۋەزىپىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي مەشىقى ھەر تەرەپلىمە ئۆزگىرىش بولۇش، بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يېڭى باسقۇچىغا كىردى. يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپنى ئىگىلەپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۇرۇش بىلەن مەشىقنىڭ بىردەكلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇرۇش ئارقىلىق مەشىققە يېتەكچىلىك قىلىش، مەشىق ئارقىلىق ئۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي جەڭ تەلىپى بويىچە مەشىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇرۇش قىلىش بىلەن مەشىق قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىرلەشمە مەشىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرلەشمە مەشىقنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئۆزگىچە بىرلەشمە مەشىق سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك. مەشىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزام، تۈزۈم ۋە ئۆلچەم، ۋاسىتە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تولۇق دەۋرىيلىك، ئىنچىكىلەشكەن مەشىق باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى جابدۇق، يېڭى كۈچ، يېڭى ساھە مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ئىلغار مەشىق ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەشىقنىڭ پەن-تېخنىكا تەركىبىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك. مەشىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇھىم ئامىللارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈشنىڭ ئەينەن مۇھىتىنى لايىھەلەپ يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك مەشىق كاپالىتى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي مەكتەپ مائارىپى، قىسىملارنىڭ مەشىق ئەمەلىيىتى، ھەربىي ئىشلار كەسپىي مائارىپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم كەسىپ ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەربىي ئىشلار دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. جاپالىق، قاتتىق مەشىقتە، ئەمەلىي جەڭگە ئوخشاپ كېتىدىغان مۇھىتتا، كەسكىن، مۇرەككەپ ھەربىي ئىشلار كۈرىشىدە قىسىمنى مەشىقلەندۈرۈپ ۋە چېنىقتۇرۇپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى غايە، ئېتىقادنى چىڭىتىشقا، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇشقا، كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى تاۋلاشقا يېتەكلەپ، جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش روھىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ھەربىي مەشىق خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىق خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئەمەلىي جەڭنى چۆرىدەپ مەشىقنى تۇتۇپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولغان خىزمەت يۆنىلىشى، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى، سىياسەت يۆنىلىشى، ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قاتتىق بولغان مەشىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قاتلاممۇ قاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، دەرىجىمۇ دەرىجە مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەڭنى مۇھاكىمە قىلىش، مەشىقنى مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەشىققە يېتەكچىلىك قىلىشنى ۋە خىزمەت شەكلىنى ياخشىلاپ، مەشىقنى تۇتۇشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەشىق جەريانىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى چوڭقۇر تۈزەپ، مەشىق ئىستىلىنى تۈپتىن ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلار زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەربىي ئىشلارنى تەتقىق قىلىپ، ئۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، جەڭ قىلىشنى تەتقىق قىلىپ، ئۇرۇش قىلىشنى چۈشىنىپ، قوماندانلىق قىلىشنى بىلىپ، مەشىقنى تەشكىللەشكە ماھىر بولۇپ، مەشىقنى ھەقىقىي تۇتۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇننى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەربىي مەشىقنى ياخشى تۇتۇش پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ھەربىي كومىتېت بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەر ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر مەشىق مەيدانى قۇرۇلۇشى، مەشىق بايلىقى كاپالىتى، مەشىق مېيىپلىك نەپىقىسى، مانېۋىر ۋەزىپىسى زىددىيىتىنى پەسەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچلۈك مەدەت بېرىپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش سەۋىيەسىنى بىرلىكتە ئۆستۈرۈشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا «مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ھەربىي مەشىقتىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى»نى ئوقۇدى، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ھەربىي مەشىقتىكى ئون ئىلغار ئورۇن، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ھەربىي مەشىقتىكى 23 ئىلغار شەخس تەقدىرلەندى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن ئوبيېكتلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلىرىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.