شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى رىياد باشلىقلار يىغىنىنىڭ «يەر شارىنى قوغداش» باش تېمىسىدىكى تەرەپلەر يىغىنىدا سۆز قىلدى

2020-11-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


11-ئاينىڭ 22-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى رىياد باشلىقلار يىغىنىنىڭ «يەر شارىنى قوغداش» باش تېمىسىدىكى تەرەپلەر يىغىنىدا سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

■يەر شارى بىزنىڭ ئورتاق يۇرت-ماكانىمىز. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ كىلىمات، مۇھىت ساھەسىدىكى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، بۇ كۆك رەڭلىك پىلانېتانى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك

ئۈچ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئىككىنچى، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى رىياد باشلىقلار يىغىنىنىڭ «يەر شارىنى قوغداش» باش تېمىسىدىكى تەرەپلەر يىغىنىدا سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەر شارى بىزنىڭ ئورتاق يۇرت-ماكانىمىز. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ كىلىمات، مۇھىت ساھەسىدىكى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، بۇ كۆك رەڭلىك پىلانېتانى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ ئۈچ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ كاربون Ⅳ ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى 2030-يىلىدىن ئىلگىرى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈپ، 2060-يىلىدىن ئىلگىرى كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو بۇنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

ئىككىنچى، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە ئېنېرگىيەدە تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى قوللاپ، ھەممە ئادەم ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېنېرگىيەدىن بەھرىلىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ پاكىز ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىپ، ئېنېرگىيەدىن پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېشىل مۇھىت قوغداش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۈچىنچى، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تۇپراقنىڭ چېكىنىشىنى ئازايتىش، مارجان خادا تاشلىرىنى قوغداش، دېڭىز-ئوكيانلاردىكى سولياۋ ئەخلەتلەرگە قارىتا تەدبىر قوللىنىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان يەر شارىۋى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كېلەر يىلى 5-ئايدا كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» بويىچە 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىغا قاتنىشىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىدۇ، يىغىننىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىلدە پۈتۈن يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن نىشان بېكىتىپ، ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىز قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقايلى!