شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2020-11-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ چىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى


11-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)


11-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا سىن شەكلىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 20 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «<شاڭخەي روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ چىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى، خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى، تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى، ئادىمىيەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىزدىنىشى كېرەك.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى رۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىن رىياسەتچىلىك قىلدى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ، قىرغىزىستاننىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى جاپاروۋ، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېۋ قاتارلىق ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نوروۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گىئوسوۋ قاتارلىق دائىمىي ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى، ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى باتتۇلگا، بېلارۇسىيە زۇڭلىسى گولوۋچېنكو قاتارلىق كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ھەرقايسى تەرەپلەر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خەلقئارا ئەندىزىنىڭ تەڭشىلىشىنى تېزلىتىۋەتتى، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. خەلقئارا جەمئىيەت كۆپ تەرەپلىك ۋە يەككە تەرەپلىك، ئېچىۋېتىش ۋە بېكىنمىچىلىك، ھەمكارلىشىش ۋە قارشىلىشىشتەك ئېغىر، زور سىناقلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە. «دۇنياغا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك»، بۇ دەۋر سوئالى بولۇپ قالدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ كۈچەيدى، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك دەۋر ئېقىمىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق جەزمەن قوشنىسىغا ئورا كولاشتىن ھالقىپ كېتىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق جەزمەن نۆل نەتىجىلىك كۈچ سىنىشىشنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، كۆپ تەرەپچىللىك جەزمەن يەككە تەرەپچىللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىزدىنىشى كېرەك.

بىرىنچى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاچقۇچلۇق رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇش، ۋىرۇسنى بەلگىلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇپ، «سىياسىي ۋىرۇس»قا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدە قىزىق لىنىيەلىك ئالاقە تەسىس قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ تەشكىلاتتىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنا ئېھتىياجىنى پائال ئويلىشىشنى خالايدۇ.

ئىككىنچى، خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداپ، خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، تۈرلۈك تەھدىت ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم، زور دۆلەت ئىچى سىياسىي قارالمىلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشى، مۇقىم ئالغا سىلجىتىشىنى قەتئىي قوللىشىمىز، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكنى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللىشىمىز، تاشقى كۈچلەرنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق پەسەيتىش ۋە تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قاتتىق ساقلىنىشىمىز، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش خەۋپسىزلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو تەرەپ چىقارغان «يەر شارىۋى سانلىق مەلۇمات خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسى»غا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

ئۈچىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ھەم ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون ھەمكارلىقى تەشەببۇسلىرى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئاقىل شەھەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كېلەر يىلى چۇڭچىڭدا جۇڭگو−شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك ئىقتىساد كەسىپلەر مۇنبىرى ئۆتكۈزىدۇ. تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق يولغا قويىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇ تەشكىلاتنىڭ نامراتلار سانىنى ئازايتىش بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىشىنى قوللايدۇ.

تۆتىنچى، خەلق رىشتىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، تاراتقۇ، ئاياللار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قوللىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كېلەر يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەلئارا دوستلۇق مۇنبىرى ئۆتكۈزىدۇ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ھەرقايسى تەرەپلەرنى 600 كىشىلىك ياشلار ئالاقىسى سانى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىشىمىز كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تورىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلەر يىلى بۇ تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق كاتتا مەرىكىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. بىز «شاڭخەي روھى» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ چىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى!

يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئىجابىي باھا بېرىپ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە تۈرلۈك خىرىس ۋە تەھدىت كۆپىيىۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىۋى سىياسىغا، ئىقتىسادقا، جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئېغىر سەلبىي تەسىر پەيدا قىلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ تاقابىل تۇرۇشى، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى، يۇقۇمنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزۈشكە قارشى تۇرۇشى كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، باراۋەر بولغان، كېڭىشىدىغان، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش كېرەك. سودا، سېلىنما، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، قاتناش، ئېنېرگىيە، يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قوللاش كېرەك. ھەمكارلىشىپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى، بىيو بىخەتەرلىكنى قوغداپ، تالاش - تارتىشلارنى سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشقا كۈچەپ، بۇ رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى قوغداش كېرەك.

يىغىندا تاجىكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى قارار قىلىندى.

يىغىندا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ موسكۋا خىتابنامىسى» ھەمدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقى، خەلقئارا ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، رەقەملىك ئىقتىساد ساھەسىدىكى ھەمكارلىق، ئالاقە تورى قاتارلىق يوللاردىن پايدىلىنىپ تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىزم ئىدىيەسىنى تارقىتىشقا زەربە بېرىش، زەھەرنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى بىر قاتار باياناتلار ماقۇللاندى ھەم ئېلان قىلىندى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.