شى جىنپىڭ 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2020-11-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، دۇنيا بىلەن بازار پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، جۇڭگو بازىرىنى دۇنيانىڭ بازىرىغا، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بازارغا، كۆپچىلىكنىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، دەپ تەكىتلىدى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش يېڭى تەدبىرلىرىنى جاكارلىدى


11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىن شەكلىدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)


11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىن شەكلىدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىن شەكلىدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللارنى كۆپەيتىۋەتتى، لېكىن جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەدىمى يەنىلا تېزلەشمەكتە، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىشكە يۈزلەنگەن، ھەمكارلىشىشقا يۈزلەنگەن چوڭ ۋەزىيەت ئۆزگەرمىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچىشى كېرەك. جۇڭگو ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، جۇڭگو بازىرىنى دۇنيانىڭ بازىرىغا، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بازارغا، كۆپچىلىكنىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى. تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئېغىر زەربە بولدى، دۇنيا ئىقتىسادىغىمۇ ئېغىر زىيان سالدى. جۇڭگو يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، بۇ يەر شارىۋى كاتتا سودا كۆرگەزمىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بازار پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتەك سەمىمىي ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولساقمۇ، بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەدىمى يەنىلا تېزلەشتى. مەن 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە جاكارلىغان سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىرلەر ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتى. جۇڭگو ئىمپورتنى سىجىل كېڭەيتىدۇ. خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ قۇرۇلۇش ئومۇمىي لايىھەسى، شېنجېننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا كېلىشىمىنى كېڭىشىپ تۈزۈش، ئىمپورت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈلگە رايونى يېتىشتۈرۈش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىدە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇم دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللارنى كۆپەيتىۋەتتى. تارىختىن قارىغاندا، مەيلى قانداق خەۋپ - خەتەر، قانداق ئاپەت، قانداق قارشى ئېقىمغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ھامان ئالغا ئىلگىرىلىگەن، شۇنداقلا چوقۇم داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىشكە يۈزلەنگەن، ھەمكارلىشىشقا يۈزلەنگەن چوڭ ۋەزىيەت ئۆزگەرمىدى. بىز قول تۇتۇشۇپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىمىز، ھەمكارلىشىش، ئالاقىلىشىشنى ئورتاق كۈچەيتىشىمىز، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئورتاق كېڭەيتىشىمىز كېرەك. ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ چىقىرىشىمىز، گۇمانلىنىش ئەمەس بەلكى ئىشىنىش، مۇشت ئېتىش ئەمەس بەلكى قول تۇتۇشۇش، تىللاش ئەمەس بەلكى كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ھەمكارلىشىپ مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك، چوڭ دۆلەتلەر باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇشى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئۈلگە كۆرسىتىشى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پائال نەتىجە يارىتىشى كېرەك. ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ چىقىرىشىمىز، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىقنىڭ خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا قائىدىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئىجابىي قىياپەت بىلەن يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمدىلا يېپىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگونىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاندى. جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشانى پات ئارىدا ئىشقا ئاشىدۇ، كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىپ، جۇڭگو يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ. بىز دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ ھەرگىزمۇ بېكىنمە بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئايلىنىش بولماستىن، بەلكى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش، بۇ جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىيات ئېھتىياجى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە چوڭ بازار. جۇڭگو ياسىمىچىلىقى يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ، پائال تۆھپە قوشماقتا. جۇڭگونىڭ كەڭ ئىچكى ئېھتىياج بازىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۇرغۇتىدۇ. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، جۇڭگو بازىرىنى دۇنيانىڭ بازىرىغا، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بازارغا، كۆپچىلىكنىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

بىرىنچى، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى قۇرىدۇ. جۇڭگو ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئەركىن سودا پورتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى چىقىرىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئالاقە تورى قاتارلىق ساھەلەردە ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

ئىككىنچى، تاشقى سودىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو داۋاملىق ئىمپورت كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن سۇپىلار ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى سودا پۇرسىتىنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىدۇ. جۇڭگو تاشقى سودىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، خەلقئارا سودىنىڭ ئېشىشى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەرنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرىدۇ. جۇڭگو «جۇڭگو ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان، ئىمپورت قىلىشقا چەكلىمە قويغان تېخنىكىلار مۇندەرىجىسى»نى قىسقارتىپ، تېخنىكا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ ئەركىن يۆتكىلىشىگە ياخشى مۇھىت يارىتىدۇ.

ئۈچىنچى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرىدۇ. جۇڭگو يۇقۇمدىن كېيىن چىقارغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدە جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولىدۇ. بۇ يىل، جۇڭگو چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ۋە ئالاقىدار يانداش قانۇن - نىزاملارنى يولغا قويۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى يەنىمۇ قىسقارتتى. جۇڭگو ئاشكارا، ئوچۇق بولغان چەت ئەلگە چېتىلىدىغان قانۇن سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئەلا مۇلازىمەت ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىدۇ.

تۆتىنچى، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە رايونلار ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ دۆلەت بىلەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا كېلىشىمىنى كېڭىشىپ ئىمزالاپ، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى تېزرەك ئىمزالاشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى، جۇڭگو - ياپونىيە - كورېيە قاتارلىقلارنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، دۇنيادىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق مېخانىزملاردىكى ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىدۇ. جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگولۇقلار ھەمىشە «سەددىچىن سېپىلىگە چىقمىغانلار ئەزىمەت ھېسابلانمايدۇ» دېيىشىدۇ. ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، بىز ئىشەنچنى چىڭىتىشىمىز، غەيرەتنى ئاشۇرۇشىمىز، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئېچىۋېتىش داۋامىدا پۇرسەت يارىتىپ، ھەمكارلىشىش داۋامىدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ!