«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2020-12-31 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى


12 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسىمەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىدىغان تارىخىي ئۆتكەلدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش پۈتۈن پارتىيە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك چوڭ ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلە. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى ئاساسىي مەسىلىنىڭ دېھقانلار مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، كەڭ دېھقانلارنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى مۇھىم بۇرچ قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز دېھقانلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىسلاھاتنىڭ پەردىسىنى ئېچىپ، يېزا ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى مىسلىسىز، سالمىقى ئەڭ زور، نەپ يەتكۈزىدىغان نوپۇس ئەڭ كۆپ بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تەشكىللەپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زور پەللىگە كۆتۈرۈلدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى 2010 - يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلاندى، يېزىلاردا خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى. نامرات رايونلاردا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇھىم، زور تۆھپە قوشۇلدى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە جەزمەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئاساسىنى ياخشى ساقلاش ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە قويغاندا، يېزىلاردا غايەت زور بوشلۇق بارلىققا كېلىپ، چوڭ نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، يېزا ئىگىلىكى دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ. بىز چوڭ تارىخ قارىشى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىگە مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، پەقەت «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا، ئاندىن پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، مىللىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز. جەزمەن شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساس يەنىلا يېزىلاردا.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، بۇ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قەتئىي ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتتە بوشلۇق قالدۇرماسلىق، سىياسەتتە بوشلۇق قالدۇرماسلىق كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاسانلا قايتا نامراتلىشىپ كېتىدىغان، نامراتلىشىپ كېتىدىغان نوپۇسقا قارىتا دائىملاشقان كۆزىتىپ ئۆلچەشنى يولغا قويۇپ، كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى مۇستەھكەملەش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەپ، داۋاملىق دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارغا قارىتا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، تېخنىكا، ئەسلىھە، ماركېتىڭ قاتارلىقلاردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كەسىپنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باشقا جايغا كۆچۈرگەندىن كېيىنكى داۋاملىق يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يانداش ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ مۇقىم تۇرالايدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان، تەدرىجىي بېيىيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرگە قارىتا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى. ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئاساسلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ھازىر بار بولغان ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسەتلىرىنى تۈرلەر بويىچە ئايرىپ، ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، تەڭشەشنىڭ رىتىمى، سالمىقى، ۋاقىت چېكىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللاشتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا سىلىق، مۇقىم ئۆتۈشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يىلمۇيىل چىڭ تۇتۇش كېرەك. 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق قوغداپ، چىڭ ساقلاپ، ئەڭ كۈچلۈك بولغان قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىپ، قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىش، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم ھوسۇللۇق بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قارا تۇپراقنى قوغداشنى چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، قارا تۇپراقتىن ياخشى پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ياخشى ئاسراش كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، سېتىۋېلىش، ساقلاش، تەڭشەش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تولۇق تەننەرخ ۋە كىرىم سۇغۇرتىسى دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، «ئاشلىق»قا ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش، شۇجىمۇ مەسئۇل بولۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سورت يېتىشتۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتلىك ماركا بەرپا قىلىش ۋە ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، كەسىپلەرنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىشىنى قوللاش كېرەك. يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى قەتئىي بوشاشماي چەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، جەزمەن يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىرىنچى، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ، مەۋقەنى يەرلىكنىڭ خاس بايلىقىغا قويۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەنپەئەت باغلانما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى كەسىپ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي - ساددا خەلق ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچى، يېزا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىش، سۇ - تۇپراق ئېقىپ كېتىش قاتارلىقلارنى تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا بايلىق ئامىللىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋە ئاممىنىڭ ئىجادىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەشىنچى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، داۋاملىق تۈردە ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يېزىلارغا قويۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا سىجىل كۈچەپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، تولۇق كاپالەتلىك، ئۇل خاراكتېرلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش ۋە يۇندىنى، ئەخلەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. كەنت - مەھەللىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىشنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئەنئەنىۋى كەنت ۋە يېزا - كەنتلەرنىڭ خاس قىياپىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالتىنچى، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ناھىيە تەۋەلىرىنى شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك جايلارغا بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىشتە تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، ناھىيە بازارلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يەتتىنچى، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تىنچ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ياخشى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئاساسلىق زېھنىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە قويۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «بىرىنچى سەپ باش قوماندانى» بولۇشى كېرەك. يېزا - بازار رەھبەرلىك بەنزىسى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئەزالىقىغا، بولۇپمۇ كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىقىغا ئەلالارنى تاللاش، كۈچلۈكلەرنى سەپلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئاساسنى پۇختىلاشتىن ئىبارەت خىزمەت يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك بايلىقلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، قابىلىيەت جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كادىرلارنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىرىنچى سېپىدىكى ئىش ئورنىغا تاللاپ ئەۋەتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، چېنىقتۇرۇشنىڭ كەڭ سەھنىسى قىلىش كېرەك. تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا جەلپ قىلىپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىش كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر، بارلىققا كەلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەندى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش پۈتۈن ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەلىپى چوڭقۇر شەرھلەندى، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلدى. بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، كېلەر يىللىق ھەم «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۇنخۇا خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە تۈپ مىزانى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تىرىكىنى پۇختىلاپ، ئۇرۇقچىلىقتا قەد كۆتۈرۈش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يېزا كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغاپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «14 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى(مۇزاكىرە نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىگە مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.