جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

2020-12-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى


12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)


12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش باش تېما قىلىندى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىش ۋە شەكىلۋازلىق گەۋدىلىك بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

يىغىندىن بۇرۇن، ئالاقىدار تەرەپلەر تەييارلىق قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار بىلەن سىردىشىپ، سۆزلىشىپ، باش تېمىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تىپىپ چىقىپ، سۆز قىلىش ماتېرىيالى يازدى. يىغىندا «2020-يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» ۋە «شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى سىجىل ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى. ئارقىدىن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىرمۇبىر سۆز قىلىپ، تەلەپ بويىچە سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سۆزىدە، بەش مۇھىم نۇقتا ئىگىلەندى ۋە گەۋدىلەندى. بىرىنچى، باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش. ئىككىنچى، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش. ئۈچىنچى، باشلامچىلىق بىلەن ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش. تۆتىنچى، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان «14-بەش يىل»لىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانىغا ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانغا سېلىشتۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش. بەشىنچى، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ سۆز - ھەرىكەتلەرنى تەنقىد قىلىپ ۋە تۈزىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىلدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تەمكىن تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتىدە ئالدى بىلەن مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى قەرەلىدە تاماملاندى، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى. «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇردى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. 2020-يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدىكى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز تارقالدى، كەلكۈن-ھۆلچىلىك ئاپىتى كۆپ جايلاردا يۈزبەردى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى، تاشقى مۇھىت خەۋپ-خەتەرگە تولدى، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار، جەمئىيەت، خەلقئارا، تەبىئەت قاتارلىق ساھەلەردە خىرىسلار كەينى-كەينىدىن يېتىپ كەلدى. غايەت زور ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان خەتەرلىك پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە يېتەكلەپ، بۇ ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە يىلدا ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار مۇنداق قارىدى: ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، مۇھىم، زور سىناق ئالدىدا، رەھبەرلىك كۈچى ئەڭ ئاچقۇچلۇق شەرت، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ھەرىكەت ئىقتىدارى ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ياخشى ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئەمەلىيەت خاراكتېرلىك، دەۋر خاراكتېرلىك، ئىجادىيەت خاراكتېرلىك روشەن پەزىلەتكە ئىگە، ئۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بارلىق ئەمەلىيىتى داۋامىدا شەكىللەنگەن نەزەرىيە جەۋھىرى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىلمىي كۆرسەتمە. پۈتۈن پارتىيە بۇ ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار جەزمەن ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش جەھەتتە پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز چۈشىنىپ، نەزەرىيە ساپاسى، سىياسىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى كۈچلۈك مەنىۋى قورالغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2012-يىلى 12-ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغاندىن بۇيان، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، بىز ئىلگىرى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، دەپ قارالغان بەزى ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىياتنى توسۇپ قالدۇق، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بەزى جاھىل كېسەللەرنى تۈگەتتۇق، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېپيېڭى تۈسكە كىردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق گەۋدىلىك بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى كۈچەپ يېنىكلىتىپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، نىشانلىق داۋالاپ، بىرىكمە مۇشت ئېتىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ يىلتىزى تېخى قومۇرۇپ تاشلانمىدى، تۇپرىقى يەنىلا مەۋجۇت، ئېگەر ئاتتىن ئايرىلمايدىغان، چۇلۋۇرنى قويۇپ بەرمەيدىغان ئىرادە، قايتا-قايتا تۇتۇش، قايتىلىنىشنى تۇتۇش چىدامچانلىقى، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشىمىز، تاكامۇللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار داۋاملىق تىرىشىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ياخشى باشلامچى بولۇشى، ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: كېلەر يىلى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. بارلىق خىزمەتلەرنى ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان «14-بەش يىل»لىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانغا سېلىشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئىلمىي پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى ھەرقايسى يولداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش سۆزىگە باھا بېرىپ، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ قېتىمقى يىغىننى خۇلاسىلىدى ھەم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ «بەلگىلىمە»، «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ناھايىتى ياخشى ئېچىلدى، كۆپچىلىك ھاسىلاتلىرىنى سۆزلەپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىزمەتلەرنى ياخشىلىشىغا زور ياردىمى بار، دەپ قارىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز پات ئارىدا 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ. پارتىيە قۇرۇلغان مىسلىسىز كاتتا ئىشتىن تارتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشكىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جاھاننى زىل-زىلىگە سېلىشىغىچە، يەنە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈلۈشىگە پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭ ساقلىغانلىقى تۈپ سەۋەب بولدى. پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ئۇزاققىچە داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، جەزمەن سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرگە سىياسىي جەھەتتىن قاراشقا ماھىر بولۇپ، سىياسىي چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش ھەم ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا پارتىيەمىز ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئەۋزەللىك. پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار كوردىناتنى توغرا تېپىپ، يۆنىلىشنى توغرا تاللاپ، نىشان مەركىزىنى نىشانلاپ، مەسىلىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش تەلىپىنى تاشقى تەلەپتىن ئىچكى تەشەببۇسكارلىققا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە، جەزمەن سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تارىخىي مۇساپىسى مۇنداق بىر قائىدىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدى: سىياسىي جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ئەڭ پايدىلىق تەشەببۇسكارلىق، سىياسىي جەھەتتىكى پاسسىپلىق ئەڭ خەتەرلىك پاسسىپلىق. سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنى مۇھىم بىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلمىي ئىگىلەش، ھادىسىنىڭ ماھىيىتىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، ھەرىكەتتىكى ھەق-ناھەقنى سەگەكلىك بىلەن ئېنىق پەرقلەندۈرۈش، خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتىگە چېتىلىدىغان تۈپ خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، سىستېمىلىق، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە تەتقىق قىلىش، پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا كاللا ئالاھىدە سەگەك بولۇش، كۆز ئالاھىدە روشەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەتتىكى ئىشلاردىن سىياسىي مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، خاھىش خاراكتېرلىك، بىخ خاراكتېرلىك مەسىلىلەردىن سىياسىي مۇددىئانى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، چىگىش، مۇرەككەپ زىددىيەت مۇناسىۋىتىدىن سىياسىي لوگىكىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، سىياسىي مەيداندىن تەۋرەنمەسلىك، سىياسىي يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە جەزمەن سىياسىي جەھەتتە چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ زىممىسىگە ئالغىنى سىياسىي مەسئۇلىيەت، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى روھى ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەشكىللىگۈچى ۋە تۈرتكە بولغۇچىلار، ئۇلار سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ «چوڭ ئىشلىرى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆزىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە جەزمەن سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار دائىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى روھىغا توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەنئى قىلغاننى قەتئىي قىلماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق، ئېغىپ كەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى روھىنىڭ ئىزچىللىشىشىنى، ئەمەلىيلىشىشىنى كەم-كوتسىز ياخشى تۇتۇشى كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى خىزمەتلەرنىڭ باش-ئاخىرىغا سىڭدۈرۈپ، بىخ ھالىتىدىنلا ئىشنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىش، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، دادىللىق بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى، مەسىلىلەرنى يوشۇرماسلىقى، مەسىلە كۆرۈلسە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە جەزمەن قاتتىق تەلەپچان بولۇش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار جەزمەن ئۆزىنى تەربىيەلەپ تەلەپچان بولۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلىشى، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈشى، يالغۇز تۇرغاندا، باشلىنىشىدا، كىچىك ئىشلاردا، دوست تۇتۇشتا ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. ئۆزىنىڭ پەزىلىتىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، زەررىچە چاڭ-توزاننى ئۆزىگە قوندۇرمايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك. ئائىلىسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاك باشقۇرۇشى، ئالاھىدە ئىمتىيازلىق بولۇۋېلىشقا باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلەر يىلىدىن باشلاپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ مەركەزلىك نۆۋەت ئالماشتۇرۇشى كەينى-كەينىدىن باشلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى نۆۋەت ئالماشتۇرۇشنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى تەشكىللەپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىشى كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە كادىرلار ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان ئىدىيەۋى تەربىيەنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، رەھبىرىي كادىرلارنى شەخس بىلەن تەشكىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا نۇرغۇن ئىنتايىن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى، بۇلارنىڭ بەزىلىرى مەركەزنىڭ خىزمىتىگە چېتىلىدۇ، بەزىلىرى تارماقلارنىڭ خىزمىتىگە چېتىلىدۇ، بەزىلىرى يەرلىكنىڭ خىزمىتىگە چېتىلىدۇ، يىغىندىن كېيىن چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، تەدبىر تۈزۈپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش، جەزمەن ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.