پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2021-01-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى   لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى


1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسىئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نەزەرىيەۋى لوگىكىسى، تارىخىي لوگىكىسى، رېئال لوگىكىسى بەلگىلىگەن. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇردى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش دۆلىتىمىز زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يول تاللىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇن ۋە تەرەققىيات باسقۇچىنى توغرا تونۇش پارتىيەمىزنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك مەركىزىي ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈشتىكى تۈپ ئاساسى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلىپ ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تەجرىبىسى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، بىز ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىشىمىز، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ چوڭقۇر ئاساسى بار. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى بىر باسقۇچ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەچچە ئون يىللىق جۇغلىنىش ئارقىلىق يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا چىققان بىر باسقۇچ. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى كۈتۈۋالغان يېڭى باسقۇچ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز يېڭى مۇساپىنى باشلاش، يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مول ماددىي ئاساسىغا ئىگە بولدۇق. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، كەلگۈسى 30 يىل بىز بۇ تارىخىي ئۇلۇغۋار ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى بىر مۇھىم باسقۇچ. سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى تۇرغۇن، ئۆزگەرمەس، بىر ئىزدا توختاپ ئىلگىرىلىمەيدىغان باسقۇچ ئەمەس، ئىستىخىيەلىك، پاسسىپ، كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايمۇ تەبىئىي ھالدا ھالقىپ ئۆتكىلى بولىدىغان باسقۇچمۇ ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتچان، پائال نەتىجە يارىتىدىغان، باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان جەريان، پەلەمپەيسىمان تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەيدىغان، سۈپەتنىڭ، ھالقىشنىڭ، مىقدارنىڭ جۇغلىنىشىغا ۋە تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە كۈنسېرى يېقىنلىشىدىغان جەريان. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىن تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىنىڭ تەلىپى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ بىزنىڭ ئىرادە ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا غەيرەت ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرسىمۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بار، پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ زورلۇقى ئوخشاشلا مىسلىسىز، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا پۇرسەت خىرىستىن چوڭ. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن داۋاملىق كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلىپ، بەلگىلەنگەن نىشانىمىزنى قەتئىي بوشاشماي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور مەسىلىگە ياخشى جاۋاب بېرىش. ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى، مۇئەييەن تەرەققىيات ئەمەلىيىتى مۇئەييەن تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق يېتەكلىنىدۇ. تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ توغرا بولۇش - بولماسلىقى تەرەققىياتنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى، ھەتتا مۇۋەپپەقىيىتى، مەغلۇبىيىتىنى تۈپتىن بەلگىلەيدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قارىتا نۇرغۇن مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە پىكىر يولىنى ۋاقتىدا تەڭشىدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى سىستېمىلىق نەزەرىيە سىستېمىسى بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ مەقسىتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، شەكلى، يولى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى بىر قاتار نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى، پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىياتتىكى سىياسىي مەيدانى، قىممەت يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئەندىزىسى، تەرەققىيات يولى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلىلەرنى شەرھلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى جەزمەن مۇكەممەل، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. بىرىنچى، تۈپ ئاساسىي مەقسەتتىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىگىلەش. خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە ئەڭ زور ئىشەنچى. خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ھەم پارتىيەمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى، ھەم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ «يىلتىزى» ۋە «روھى». خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا، توغرا بولغان تەرەققىيات قارىشى، زامانىۋىلىشىش قارىشىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، يەنە پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلە. ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات قانۇنىيىتى بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، رايون پەرقى، شەھەر، يېزا پەرقى، كىرىم پەرقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، مەسىلە يۆنىلىشىدىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىگىلەش. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى تەلەپكە ئاساسەن، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى تېخىمۇ دەل جايىدا، ئەمەلىي قىلىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، كۈلپەت ئېڭىدىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىگىلەش. دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇش كېرەك. سىياسىي بىخەتەرلىك، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەم كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆزىمىزنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە بولۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن توغرا ئىگىلەش ۋە پائال ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ. مەۋقەنى ئۆزىمىزگە قويۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرساقلا، ئاندىن خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايمىز ۋە تەرەققىي قىلالايمىز. ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولغان كۈچلۈك بوران - چاپقۇن، شىددەتلىك دولقۇندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۈچىمىز، رىقابەت كۈچىمىز، تەرەققىيات كۈچىمىز، سىجىللىق كۈچىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ راۋان، توسالغۇسىز بولۇشىدا. جەزمەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» مۇھىم ۋەزىپىسىنى داۋاملىق تاماملاپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، رىقابەت كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك سېلىنما - ھاسىلات مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، جەزمەن ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ تەكىتلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئەۋزەل بايلىقنى توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «باشلامچى تاللاش» تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ئېھتىياج تەرەپلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاھالە ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىچكى بازار قۇرۇشنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تارىخىي جەريانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتا، جەزمەن كۈچلۈك بولغان دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ئايلىنىش سىستېمىسى ۋە مۇستەھكەم ئاساسىي گەۋدىنى ھازىرلاش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە قاتنىشىشتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، خەلقئارا ئايلىنىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ سۈپىتى ۋە تەقسىملىنىش سەۋىيەسىنى ياخشىلاپ، دۆلىتىمىز كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنىڭ فۇنكسىيە تەقسىماتى جەھەتتە تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇشىغا، تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتە تېخىمۇ تولۇق، مۇكەممەل بولۇشىغا، يۈرۈشۈشنى باشقۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپى»نى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئەينەن ئۆگىنىپ، بىرمۇبىر، بۆلەكمۇ بۆلەك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇھىم نۇقتا ۋە يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسىنى گەۋدىلىك ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتەك ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، خىزمەت ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار جەزمەن مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى سىياسىي ئىقتىدارى، ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

لى كېچياڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، تارىخ بىلەن رېئاللىق، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى بىرلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشنىڭ نەزەرىيە ئاساسى، تارىخىي ئاساسى، رېئال ئاساسىنى تەھلىل قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەلىپىنى بايان قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى شەرھلىدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىدا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.