ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ، قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

2021-01-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ بېيجىڭ، خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ، قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

خەن جېڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى


1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ، خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)


1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ، خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىغا جايلاشقان پايتەخت تەنتەربىيە سارىيىدا، دۆلەت فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش كوماندىسى ۋە قىسقا يولدا تېز مۇز تېيىلىش كوماندىسىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭ، خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر چوڭ ئىشى، بىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىز، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە بۇرچ شەرەپلىك، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ، قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ھەمبەھرە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ئوچۇق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، پاك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك ئېسىل، قالتىس، ئاجايىپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسىنى سۇنۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈشكە قاتناشقان بارلىق قۇرۇلۇشچىلار، باشقۇرغۇچىلار ۋە خىزمەتچى خادىملارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، كۆپچىلىككە چاغانلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

زىمىستان قىش پەسلىدە، خۇابېي زېمىنىنىڭ ئاسمىنى سۈپسۈزۈك بولۇپ، تاغلىق رايون كۈمۈش لىباس كىيگەنىدى. 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي چى ۋە شەھەر باشلىقى چېن جىنىڭ، خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭفېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خەيديەن، يەنچىڭ، جاڭجياكوۋ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرى، مەشىق بازىلىرى، قاتناش تۈگۈنى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىغا جايلاشقان پايتەخت تەنتەربىيە سارىيىغا كېلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش، تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئاممىۋى خاراكتېرلىك قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

پايتەخت تەنتەربىيە سارىيى دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى سۈنئىي زال ئىچى مۇز مەيدانى بولۇپ، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش ئارقىلىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىسقا يولدا تېز مۇز تېيىلىش ۋە فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ مەشىق شارائىتىنى ھازىرلىغان. شى جىنپىڭ مەشىق مەيدانىنىڭ چېتىگە كېلىپ، مەيدان-ساراينى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، دۆلەت فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش كوماندىسى ۋە قىسقا يولدا تېز مۇز تېيىلىش كوماندىسىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم نىشانى. تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ ئاساسى ئاممىۋى تەنتەربىيەدە. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەم تۈرلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ماھارەت تەنتەربىيەسىدە كۈچلۈك، ئاممىۋى تەنتەربىيەدە ئاجىز بولۇش ۋە «يازلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە كۈچلۈك، قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە ئاجىز بولۇش»، «مۇز تۈرلىرىدە كۈچلۈك، قار تۈرلىرىدە ئاجىز بولۇش» مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. زامانىۋى ماھارەت تەنتەربىيەسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ھەم كۈچكە تايىنىش، ھەم ماھارەتكە تايىنىش كېرەك. تەنھەرىكەتچىلەردە ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش، باتۇرلۇق بىلەن ياخشى نەتىجە يارىتىش ئىرادىسى بولۇشى، يازدىكى تومۇز ئىسسىق، قىشتىكى قەھرىتان سوغۇقتا جاپالىق مەشىق قىلىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەللەرنىڭ ئىلغار ئىدىيەسى ۋە تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، مەشىق ۋە مۇسابىقە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرى يەنچىڭ رايونىغا جايلاشقان دۆلەت ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مەركىزىگە كېلىپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. دۆلەت ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مەركىزىدە پىلان بويىچە قار تېيىلىش يولىدىن يەتتىسى ياسالغان بولۇپ، مۇسابىقە مەزگىلىدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش تۈرىدىكى بارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شى جىنپىڭ ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرۇپ قار تېيىلىش يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۇپىغا بېرىپ، دۆلەت ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېشىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرە بىلەن ئىناق ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، كىشىلەرنىڭ ھەم قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا، ھەم كەڭ تەبىئەتنىڭ ئېكولوگىيە گۈزەللىكىدىن تولۇق ھۇزۇرلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ماھارەت كۆرسىتىش ئاخىرلىشىش رايونىدا، شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ مۇداپىئە تورىنى ئورنىتىش، قار تېيىلىش يولىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، تەنھەرىكەتچىلەرنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق مۇسابىقە مەيدانلىرىنىڭ كاپالەت خىزمىتىدىن ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىخەتەرلىك زور تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە جەزمەن چىڭ ساقلاشقا تېگىشلىك تۆۋەن چەك. ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش «باتۇرلارنىڭ تەنھەرىكىتى» بولۇپ، ھەرقايسى جەھەتتىكى بىخەتەرلىك كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش كوللېكتىپى، قۇتقۇزۇش كۈچى ۋە ئەسلىھەلەرنى ئاسراش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، نۇقسانسىز بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ ئىلمىي مەشىق قىلىپ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، سالامەتلىكىنى ئاسراپ، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئىشىك ئالدىدا» مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش تۈرىدە مېدال ئالالماسلىقتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ دۆلەت روللۇق چانا، چانا مەركىزىگە بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مۇسابىقە يولىنىڭ پەللىدىن چىقىش رايونى، ئاخىرلىشىش رايونىغا كېلىپ، روللۇق چانا، چانا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ پەللىدىن چىقىشتىن ئاخىرقى پەللىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشكىچە بولغان مۇكەممەل مەشىق جەريانىنى كۆزدىن كەچۈردى. دۆلەت روللۇق چانا، چانا كوماندىسىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر، جۇڭگولۇق، چەت ئەللىك تىرېنېرلار ۋە يەنچىڭ مۇسابىقە رايونىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كوللېكتىپى، قۇرۇلۇشچىلار ۋەكىللىرى باش شۇجىدىن يۇقىرى ئاۋازدا ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكتىن ھال سورىدى، كۆپچىلىكنى جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، مەشىق قىلىش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ يەنە كەڭ قار-مۇز تەنھەرىكەتچىلىرىگە تېپىلغۇسىز كىشىلىك ھايات پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ھازىر، دۆلىتىمىزدە يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمى يەنىلا ناھايىتى چوڭ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن-ئاخىر چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پۈتۈن جەرياننى يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ تەيزىچېڭ ۋوگزالى جاڭجياكوۋ مۇسابىقە رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان، ئۇ دۇنيادىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقە مەيدانىغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋوگزالى بولۇپ، بىر يىل ئىلگىرى رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن. 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، شى جىنپىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى بويلاپ تەيزىچېڭ ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىپ، ۋوگزالنىڭ تەنھەرىكەتچىلەر مۇلازىمەت زالىغا كىرىپ، قۇم مودېلغا بىرلەشتۈرۈپ بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ۋە تەيزىچېڭ ۋوگزالى قۇرۇلۇشىنىڭ نادىر قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئۈچ چوڭ مۇسابىقە رايونىنى تۇتاشتۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، تىجارەت مۇلازىمىتى، تېخنىكا كاپالىتى، بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىقلارنى سىناشنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇپ، ۋاقتىدا يېتەرسىزلىكلەرنى بايقاپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، تۈجۈپىلەشكەن، ئىنچىكىلەشكەن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈش ئۈچۈن تەجرىبە توپلاپ، تولۇق، ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك.

تەيزىچېڭ ۋوگزالىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ دۆلەت پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش مەركىزىگە كېلىپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. دۆلەت پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش مەركىزى دۆلىتىمىزدىكى پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىشقا ئاساسلىق ئىشلىتىلىدىغان تۇنجى تەنتەربىيە مەيدان-ساراي بولۇپ، ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى لايىھەلەش ئىلھامى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى زىننەت بۇيۇمى «رۇيى»دىن كەلگەن. شى جىنپىڭ دۆلەت پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش مەركىزىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەت ئايلانما كارىدورىغا چىقىپ، جاڭجياكوۋ مۇسابىقە رايونىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، جاڭجياكوۋ مۇسابىقە رايونىدىكى گۇياڭشۇ مەيدان-ساراي توپىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە نەزەر سالدى، ئارقىدىن پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش ئاخىرلىشىش رايونىدىكى كۆرۈش سۇپىسىغا بېرىپ، پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مەشىق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان-سارايلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا نۇرغۇن جۇڭگو ئامىلى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى نامايان قىلدى. بىز بىر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت كاتتا مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئۆزگىچە ئۆتكۈزۈشىمىز، قالتىس ئۆتكۈزۈشىمىز، تەڭداشسىز ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.

دۆلەت قىشلىق ئىككى تۈر مەركىزىنىڭ كۆرۈش سۇپىسىدا، شى جىنپىڭ قىشلىق ئىككى تۈر دالىدا قار تېيىلىش ۋە قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ كۈچ ئۇلاپ مەشىق قىلىش ئەھۋالىنى كۆردى ھەم دۆلەت قىشلىق ئىككى تۈر، پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش كوماندىسىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە جاڭجياكوۋ مۇسابىقە رايونىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كوللېكتىپى، قۇرۇلۇشچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ سەمىمىي ھالدا كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە كەلدىم، شۇنداقلا كالا يىلىدىكى چاغاننىڭ ئالدىدا كۆپچىلىكنى يوقلاپ كەلدىم. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىر نۆۋەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت كاتتا مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشتى، تەنھەرىكەتچىلەر جاپالىق مەشىق قىلدى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ۋە قۇرۇلۇشچىلار، كاپالەتلىك قىلىش كوللېكتىپى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم نادىر قۇرۇلۇشلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى، كۆپچىلىكنىڭ كۈرەش قىلىش روھى، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملاندى، دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن قار-مۇز تۈرى ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، بەزى تۈرلەردە دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يېتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش تۈزۈم ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان قىلىندى.

1-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي چى، خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭفېڭ، تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گوۋ جۇڭۋېن، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جاڭ خەيدى ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلىپ، تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۆلىتىمىز «14-بەش يىل»نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆتكۈزىدىغان مۇھىم، زور بەلگە خاراكتېرلىك پائالىيەت. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ قوماندانلىق قىلىشىدا، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى كونكرېت تەشكىللەپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، كىشىنى رازى قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش، ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش، دەسلەپكى لايىھەنى ياخشى تۈزۈش، خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلگەن ھالدا تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېڭىدىن پىلانلاپ، تەڭشەپ، ھەقىقىي تۈردە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش ۋە مۇسابىقە ئىشلىرىنى ياخشى تەشكىللەشكە قويۇش كېرەك. «تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس» مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، مۇسابىقە ئىشلىرىنى تەشكىللەش، مۇسابىقىگە مۇلازىمەت قىلىش، پەن-تېخنىكىنى قوللىنىش، مەدەنىيەت پائالىيىتى قاتارلىق تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش خىزمەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم خەۋپ-خەتىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى، مۇسابىقىنى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈش نىشانىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەش ھەم ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆلچەم بويىچە مەيدان ۋە ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلمەيدىغان مەيدان-سارايلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى قەرەلىدە تاماملاپ، تۈرلۈك يانداش ئەسلىھەلەر ۋە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، قاراتمىلىق ھالدا تۈرلۈك مەيدان-سارايلاردىكى زۆرۈر بولغان يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئايرىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىپ، مەيدان-سارايلارنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى تۈرلۈك سىناق پائالىيەتلىرىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىككىنچى، مۇسابىقە مەزگىلىدىكى يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كۈچلۈك بولغان مۇسابىقە مەزگىلىدىكى يۈرۈشتۈرۈش قوماندانلىق سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، رايون ھالقىغان، ساھە ھالقىغان قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇسابىقە مەزگىلىدىكى يۈرۈشتۈرۈشنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، مۇسابىقە مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ مۇسابىقە رايونى، بىر ئۆلچەم» پىرىنسىپى بويىچە، ياتاق، يېمەك-ئىچمەك، قاتناش، داۋالاش، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق تۈرلۈك مۇسابىقە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۆتىنچى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قاتارلىق خەلقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەشىقنى كۈچەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بەشىنچى، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە يۆلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ مۇز مەيدانىغا، قار مەيدانىغا بېرىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئالتىنچى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ قاتناش، مۇھىت، كەسىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقە مەيدان-سارايلىرىدىن مۇسابىقىدىن كېيىن پايدىلىنىشنى پائال پىلانلاپ، مۇھىم، زور مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بېيجىڭ - جاڭجياكوۋ تەنتەربىيە، مەدەنىيەت-ساياھەت بەلبېغى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىدە يولۇققان مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىشى كېرەك. ھەرقايسى مەخسۇس ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايون ھالقىغان، تارماق ھالقىغان، قاتلام، دەرىجە ھالقىغان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان شەھەر بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا، سۈپەتلىك تاماملىشى كېرەك. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خامچوت باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى تىزگىنلەپ، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇپ، چىرىكلىكنى توسۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قار-مۇزدەك پاك-پاكىز ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، «تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس» مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇسابىقىنى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك. تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشى، مۇسابىقە مەزگىلىدىكى يۈرۈشتۈرۈش، مۇسابىقە مۇلازىمەت كاپالىتى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا قارىتا، خىزمەت لايىھەسى ۋە دەسلەپكى لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، نۇقسانسىز بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلىپ، زۆرۈر بولمىغان ھالقا، پائالىيەت ۋە خادىملارنىڭ سانىنى ئىخچاملاپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك سىناق پائالىيەتلىرىنى جانلىق، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش ۋەزىپىلىرىنى بىرلىكتە ياخشى تاماملاش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى ھەم دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى، سۈن چۇنلەن، خې لىفېڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.