شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن بىرلىكتە چاغاننى كۈتۈۋالدى

2021-02-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارغا، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە چاغانلىق بەخت تىلىدى

ۋاڭ ياڭ، خەن جېڭ قاتناشتى


2-ئاينىڭ 1-كۈنى، شى جىنپىڭ، ۋاڭ ياڭ، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى شىنچوۋ كالا يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارغا، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە چاغانلىق بەخت تىلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قاتناشتى.

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى چېن پىڭيۈەن، يې شياۋگاڭ قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. تەكلىپ بىلەن قاتناشقانلاردىن يەنە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەن سابىق رەئىسلىرى، بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسلىرى بار.

ۋەن ئېشياڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2020-يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى بىر يىلدا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا كۆرسىتىلگەن يۆنىلىش بويىچە، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

ۋەن ئېشياڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020-يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر، مىسلىسىز خەۋپ-خەتەر، خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش ۋە «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا باشلامچىلىق بىلەن مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى قەرەلىدە تاماملاندى، «13-بەش يىل» مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، «14-بەش يىل» ئومۇميۈزلۈك پىلانلاندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پەۋقۇلئاددە پەيتىدە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىللە ئويلاپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئىشلەپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئامال ئىزدەپ، چارە ئويلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. كۆپچىلىك مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى قىياپەتنىڭ نامايان بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. كۆپچىلىك يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېڭىپ، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2021-يىلى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلانغان تۇنجى يىل، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەيمىز. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتەك شانلىق مۇساپىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ ۋە نامايان قىلىپ، كەڭ ئەزالارنى شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، پائال ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى، بوران-چاپقۇن توسۇيالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقىلىشىدىغان ئاممىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك سىياسىي خىسلىتىنى ساقلىشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىغا بولغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تەتقىق قىلىش، پىلانلاش خىزمىتىنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى، نەزەرىيە يۈكسەكلىكى، دەۋر يۈكسەكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى بولۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ باشتىن كەچۈرگۈچىسى، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، قوغدىغۇچىسى، مۇھاپىزەتچىسى بولۇشى كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، پىكىرلەرنى ئىنكاس قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ھەم 15 يىللىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. كۆپچىلىكنىڭ ئىختىساسلىقلار يىغىلغان بولۇش، ئەقىل-پاراسەت توپلانغان بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، ماكرولۇق تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىر، تەكلىپلەر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى ئۆرنەك قىلىپ، يېڭى مەخسۇس دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى پىلانلاش، ياخشى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش كېرەك. مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلارنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بۇ يىل پۈتۈن پارتىيەدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىگە ئومۇميۈزلۈك نەزەر سېلىپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ۋەكىل زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، يوۋ چۈەن، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.