شى جىنپىڭ چاغاننىڭ ئالدىدا گۇيجوۋغا بېرىپ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى

2021-02-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ چاغاننىڭ ئالدىدا گۇيجوۋغا بېرىپ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت - سائادەتلىك بولۇشىنى تىلىدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشى، باي - قۇدرەتلىك بولۇشىنى تىلىدى


2 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇيجوۋغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. سۈرەتتە: 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىجيې شەھىرى چيەنشى ناھىيەسىنىڭ شىنرېن مياۋزۇ يېزىسى خۇاۋۇ كەنتى مەدەنىيەت مەيدانىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)


2 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇيجوۋغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. سۈرەتتە: 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ گۇيياڭ شەھىرى گۈەنشەنخۇ رايونىدىكى خې لى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تىرىك، يېڭى مەھسۇلاتلار تاللا بازىرىدا چاغانلىق مال سېتىۋېلىۋاتقان ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇيياڭ، 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − دېھقانلار كالېندارى بويىچە كالا يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇيجوۋغا كېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ ساغلام، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، كالا يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىنى تىلىدى! ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ - دەريالىرىنىڭ گۈزەل، گۈللەپ ياشنىغان، باي - قۇدرەتلىك بولۇشىنى تىلىدى!

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن يىچىن ۋە ئۆلكە باشلىقى لى بىڭجۈننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىجيې، گۇيياڭ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، يېزا، مەھەللە، تاللا بازار قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بىجيې شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. بىجيې ئىلگىرى غەربىي قىسىمدىكى نامرات رايونلارنىڭ تىپى ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، گوۋۇيۈەن بىجيې «نامراتلارنى روناق تاپقۇزۇش - يۆلەش، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى» سىناق رايونىنى تەستىقلاپ قۇردى. شى جىنپىڭ بىجيېنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، بىجيې سىناق رايونىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا ئۈچ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، «بىجيې سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش يىرىك پىلانى(2013 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)»نى ياخشى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىجيې ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىناق رايون قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، 2020 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

ۋۇجياڭ دەرياسى گۇيجوۋ ئۆلكىسىدىكى بىرىنچى چوڭ دەريا، شۇنداقلا چاڭجياڭ دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىن. بىجيې شەھىرى چيەنشى ناھىيەسىنىڭ شىنرېن مياۋزۇ يېزىسىدىكى ۋۇجياڭ دەرياسىنىڭ ليۇچۇڭ بۆلىكىدە، شى جىنپىڭ ۋۇجياڭنىڭ تاغ - دەريالىرىغا يىراقتىن نەزەر سالدى، ۋۇجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - قوغداش، بېلىق تۇتۇشنى چەكلەشنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

شى جىنپىڭ خۇاۋۇ پىرىستانىغا كېلىپ، دەريا قىرغىقىنى بويلاپ مېڭىپ ۋۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە سۇ سۈپىتى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، شۇ جاينىڭ دەرياغا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى باشقۇرۇش ۋە سۇ سۈپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئىككى تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، تىرىشىپ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى يولنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

ئارقىدىنلا، شى جىنپىڭ خۇاۋۇ كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خۇاۋۇ كەنتى ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، نامرات نوپۇسنى نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. شى جىنپىڭ خۇاۋۇ كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.

مياۋزۇ كەنت ئاھالىسى جاۋ يۈشۆنىڭ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ تۇرمۇش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى، جاۋ يۈشۆ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىق يېمەكلىكى خۇاڭبانى تەييارلىدى ھەم پاراڭلاشتى. جاۋ يۈشۆ باش شۇجىغا، ئەسلىدە سۇ، توك يەتكۈزۈلمىگەن، يول تۇتاشتۇرۇلمىغان كەپە ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ھازىر ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنادا ئولتۇرىدىغان بولدۇق، سۇ، توك يەتكۈزۈلدى، يوللار تۇتاشتۇرۇلدى، دېدى. شى جىنپىڭ ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي تەدبىر. يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئاممىنى ھەم كىرىم قىلىش ھەم ئائىلىسىدىكىلەرگە قاراش، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئۇ جاۋ يۈشۆ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك، شېرىن بولۇشىنى تىلىدى.

خۇاۋۇ كەنتى مياۋزۇلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەل ئىچى مەدەنىيەت - سەنئەت يۇرتى. شى جىنپىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخىغا كىرىپ، خاس مياۋزۇ كەشتىچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتنىڭ دېمەك دۇنيانىڭ دېمەكتۇر. خاس مياۋزۇ كەشتىسى ھەم ئەنئەنە ھەم مودا، ھەم مەدەنىيەت ھەم كەسىپ بولۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپلا قالماي، يەنە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولالايدۇ، مياۋزۇ كەشتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

كەنت مەدەنىيەت مەيدانىدا، يۇرتداشلار چاغانلىق مىللىي ئۆرپ - ئادەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، دۇمباق چېلىپ، قومۇش نەي چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، مياۋزۇلارنىڭ شادىيانە مېھمان كۈتۈش ناخشىسىنى ئېيتىۋاتاتتى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك تەڭلا «باش شۇجى ياخشىمۇسىز» دەپ تەنتەنە قىلدى. شى جىنپىڭ سەمىمىي ھالدا يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى كۈتۈۋالىمىز. جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلە، 56 مىللەت 56 گۈل. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىرمۇ مىللەتنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ؛ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىر مىللەتنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇرتداشلارنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى، يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئايرىلىدىغان چاغدا، يۇرتداشلار كۆزى قىيمىغان ھالدا باش شۇجىنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ، مياۋزۇلارنىڭ مېھماننى ئېلىپ قېلىش ناخشىسىنى ئوپچە ئېيتتى، چوڭقۇر مۇھەببەتلىك ناخشا ساداسى ۋۇجياڭ دەرياسى ئاسمىنىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى گۇيياڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن گۈەنشەنخۇ رايونىدىكى خې لى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تىرىك، يېڭى مەھسۇلاتلار تاللا بازىرىغا كېلىپ، چاغان ئالدىدىكى بازار تەمىناتى، چاغانلىق مال بىلەن تەمىنلەش - سېتىش، مال باھاسىنىڭ ئايلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تىرىك، يېڭى مەھسۇلاتلار زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنى گۇيياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت كارخانىلىرى ھەمكارلىشىپ قۇرغان بولۇپ، تاۋارلارنى تەكسە باھادا پارچە ساتىدىغان ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرىگە ئىگە ئاخىرقى ئۇچ بەرپا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ «كۆكتات سېتىۋېلىشى قىيىن بولۇش، كۆكتات سېتىۋېلىشى قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شى جىنپىڭ تاۋارلارنىڭ باھاسىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، شۇ جاينىڭ «كۆك - تاق»، «ئاشلىق»، «مېۋە» قاتارلىقلار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: خې لى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تىرىك، يېڭى مەھسۇلاتلار تاللا بازىرىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسى ئىنتايىن ئۆزگىچە ئىكەن، ھۆكۈمەت يېتەكچى بولۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار بىرلىشىپتۇ، بىر ئۇچى ئېتىز - ئېرىقلاردىكى دېھقانلارغا تۇتاشقان، بىر ئۇچى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان شەھەر ئاھالىسىگە تۇتاشقان بولۇپ، دەسمايىنى ساقلاپ ئاز پايدا ئېلىش تىجارىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپتۇ، بۇ خىل ئەندىزە ۋە تىجارەت ئىدىيەسى كېڭەيتىشكە ئەرزىيدۇ.

چاغانلىق مال سېتىۋېلىشقا كەلگەن ئامما باش شۇجىدىن قىزغىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىكتىن چاغانلىق ماللارنى يېتەرلىك تەييارلىغان - تەييارلىمىغانلىقىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە رەھبىرىي كادىرلار پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى پۇختا تۇتۇشى، ياخشى تۇتۇشى، بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ چاغاننى كۆڭلى توق، خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

گۈەنشەنخۇ رايونى جىنياڭ كوچا باشقارمىسى جىنيۈەن مەھەللىسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى، تىنچ - ئامانلىق تورى، خەلق تۇرمۇشى تورىدىن ئىبارەت «ئۈچ تورنىڭ يۇغۇرۇلۇشى»نى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. شى جىنپىڭ جىنيۈەن مەھەللىسىگە كېلىپ خەلققە قولاي مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلام كۈچەيسە دۆلەت كۈچىيىدۇ، ئاساسىي قاتلام تىنچ بولسا دۆلەت تىنچ بولىدۇ، جەزمەن ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇللۇق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر، يېزا، مەھەللە تەشكىلاتلىرى ۋە خەلققە قولاي مۇلازىمەت مەركەزلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، مەھەللىنىڭ خەلقنى كۆزلەش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجى بولسا، مەھەللىنىڭ مۇلازىمىتى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەھەللىنى ئاھالىلەر ئەڭ خاتىرجەم بولىدىغان، ئەڭ كۆڭلى تىنىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ - خەتىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈش تەشەببۇس قىلىندى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈشتىكى مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى ئالاھىدە ھەم ئىللىق چاغان ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەھەللە مەيدانىدا، ئاھالىلەر ئۈنلۈك ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ ئارقا - ئارقىدىن كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى بىر يىلدا ھەممە ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولۇشىغا، تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەن بىر يىل ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بولدى، شىددەتلىك دولقۇنمۇ بولدى، جاسارەت بىلەن ئېلىشىشمۇ بولدى، تېخىمۇ مۇھىمى مۇۋەپپەقىيەت ۋە غەلىبە بولدى، ھەربىر كىشى بىۋاسىتە ھېس قىلدى، ھەربىر كىشى قالتىس. بۇ يىل بىز «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى باشلاپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىمىز، بىز داۋاملىق بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ، غەيرەت قىلىپ ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز، يېڭى مەنزىل ئېچىشىمىز كېرەك.

گۇيجوۋ ئۆلكىسىگە جايلاشقان دىيامېتىرى 500 مېتىر كېلىدىغان شار يۈزلۈك رادىيو تېلېسكوپ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەككە دىيامېتىرلىق رادىيو تېلېسكوپ بولۇپ، «جۇڭگو تيەنيەن» دېگەن نامى بار. 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ «جۇڭگو تيەنيەن» تۈرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پەن تەتقىقات تايانچلىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، «جۇڭگو تيەنيەن»نىڭ قۇرۇلۇش مۇساپىسى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو تيەنيەن» دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى، ئالەمنى كۆزىتىشتىكى غايەت زور كۆزى، دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئەسلىي ئىجادىيەتلىك بۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى، نەن رېندۇڭ ۋەكىللىكىدىكى زور بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز خىزمەت قىلغانلىقى، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقى كىشىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ سىن ئارقىلىق «جۇڭگو تيەنيەن» نەق مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم باش كونترول ئۆيىدىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا، جەزمەن پەن - تېخنىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋە تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇ كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى نەن رېندۇڭ قاتارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنى ئۈلگە قىلىپ، ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئېگىز چوققىسىغا چىقىپ، بىر قىسىم ساھەلەردە تەڭ يۈگۈرۈش، يېتەكلەپ يۈگۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، گۇيجوۋنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، گۇيجوۋنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئىككى تۆۋەن چەكنى ياخشى ساقلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى يول ئېچىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا يېڭى پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە يارىتىپ، پۇقرالىرى باي، ئېكولوگىيەسى گۈزەل بولغان جەلپكار گۇيجوۋنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى تىرىشىپ يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجادىي تەرەققىيات يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاش. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى كۆزلەپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىستېمال ئېھتىياجىنى پائال قويۇپ بېرىپ، ئىستېمال يېڭى ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ باشلامچىلىق قىلىش ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ ھەل قىلىپ، كۆپرەك يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك ئىزدىنىپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى كۆپرەك قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى ئۆتىڭى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بويلاپ «چىقىرىش»نى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش - ئۆلچەش، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، «تۆتنى توختاتماسلىق» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىرىم ئۆزگىرىشىنى ۋە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى مۇستەھكەملەش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ، قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن ئاممىغا قارىتا كېيىنكى داۋاملىق يۆلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرى، ئىختىساسلىقلىرى، مەدەنىيىتى، ئېكولوگىيەسى، تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ۋە يېزا خىزمەت ئەترىتىنى داۋاملىق تاللاپ ئەۋەتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت گۇيجوۋنىڭ ئەڭ زور تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە رىقابەت ئەۋزەللىكى. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تاغ - دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، شېغىللىشىش - چۆللىشىشنى، سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن بۇ چوڭ ئىشنى ئۈزلۈكسىز ياخشى قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئورتاق بېيىش ئەسلىدىنلا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم نىشانى، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، رايون پەرقى، شەھەر - يېزا پەرقى، كىرىم پەرقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ، ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىش، ئۇلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مائارىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، داۋالاش، تۇرالغۇ قاتارلىق مەسىلىلەرنى گەۋدىلىك ياخشى ھەل قىلىش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەينى يىللاردىكى ئۇزۇن سەپەردە، قىزىل ئارمىيەنىڭ گۇيجوۋدا پائالىيەت قىلغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق، پائالىيەت دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولۇپ، بىزگە قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقلارنى قالدۇرغان. زۇنيى يىغىنى پارتىيەمىز تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ بۇرۇلۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە مۇھىم يىغىن. بۇ قېتىمقى يىغىن قىزىل ئارمىيەنىڭ 5 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇشى مەغلۇپ بولغان ۋە ئۇزۇن سەپەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان تارىخىي پەيتتە ئېچىلغان بولۇپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلەنگەن، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى ماركسىزملىق توغرا لۇشيەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلىنىشكە باشلىغان، يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى شەكىللىنىشكە باشلىغان، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىش يېڭى باسقۇچى باشلىنىپ، ئەڭ خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، پارتىيەمىزنى قۇتقۇزۇپ قالغان، قىزىل ئارمىيەنى قۇتقۇزۇپ قالغان، جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. زۇنيى يىغىنىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇلۇپ، خاتالىقلار تۈزىتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى تىكلەنگەن، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكا ئىجادىي تۈزۈلگەن ۋە يولغا قويۇلغان. بۇ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇزۇن سەپەر روھى ۋە زۇنيى يىغىنى روھىدىن كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە دەپ بىلىپ، قەتئىي تۈردە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئۈزلۈكسىز ساپلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.