شى جىنپىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2022-06-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

ئىتتىپاق، باراۋەر، تەڭپۇڭ بولغان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ بولغان، ماس، سىغدۇرۇشچان بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئورتاق گۈللەنگەن يەرشارىۋى تەرەققىيات يېڭى دەۋرىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە يەرشارىۋى تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات يېڭى دەۋرىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە يەرشارىۋى تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات يېڭى دەۋرىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى «بۇلۇتتا بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە». □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر ياڭ يىجۈن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە يەرشارىۋى تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېببۇن، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، سېنېگال زۇڭتۇڭى سال، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف، بىرازىلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى موران، كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن، ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ئابىي، فىجى زۇڭلىسى مۇبەينىماراما، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، مالايسىيا زۇڭلىسى ئىسمائىل، تايلاند زۇڭلىسى بايۈ قاتناشتى. ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى «يېڭى دەۋردىكى يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرەيلى» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقى زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، كەڭ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، يىغىنغا قاتناشقان 18 دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى.

  كەچ سائەت 8لەردە، شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە سىنلىق قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھەمكارلىق مۇھىم پەيتلىرىنى قايتا ئەسلەپ ئۆتتى. 18 دۆلەت رەھبىرى «بۇلۇتتا بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن» سۈرەت چوڭ ئېكراندا كۆرۈنگەن ھامان، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  شى جىنپىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات يېڭى دەۋرىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەرەققىيات ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى. پەقەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ تۇرمۇشنىڭ ئامان - ئېسەنلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ - ئامانلىقىغا بولغان ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى پۈتۈن يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، جەمئىيەت، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئۇچقاندەك تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەرشارىنىڭ كۆپ يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى يۇتۇۋالماقتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇساپىسى توسالغۇغا ئۇچرىدى، جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭ داۋاملىق چوڭايدى، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىدە كىرىزىس كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت تېخىمۇ كېڭەيدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ، بىر رىقابەتكە تولغان دەۋر، شۇنداقلا بىر ئۈمىدكە تولغان دەۋر. بىز دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ بولغان، ماس، سىغدۇرۇشچان بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئورتاق گۈللەنگەن تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، بىز تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى ئورتاق مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەندىلا، گۈللىنىش ئاندىن ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ، خەۋپسىزلىك ئاندىن كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق ئاندىن ئاساسقا ئىگە بولىدۇ. تەرەققىياتنى خەلقئارا قارالمىدىكى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە ئادەم تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى ئورتاق كۆزلەيدىغان سىياسىي ئورتاق تونۇشنى ھاسىل قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، بىز تەرەققىياتقا پايدىلىق بولغان خەلقئارا مۇھىتنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. قورۇقچىلىق ئۆزىنى ئۆزى چۈشەپ قويغانلىق، «كىچىك گۇرۇھ» قۇرۇش پەقەت ئۆزىنى يېتىم قالدۇرىدۇ، چېكىگە يەتكەن جازا قوللىنىش باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، ئالاقىنى ئۈزۈۋېتىش، تەمىناتنى ئۈزۈۋېتىش ئىشقا ئاشمايدۇ، ئۇزاققا بارمايدۇ. چىن قەلبتىن تەرەققىياتنى كۆزلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە تۈزۈم مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، بىز يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئورتاق يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. پەن - تېخنىكا ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخنىكا يۆتكەش ۋە بىلىمدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەمدىكى ھاڭنى تولدۇرۇپ، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام بولغان يەرشارىۋى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، بىز يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى، ياخشى ئىشلارنى قىلغىلى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك، جەنۇب - شىمال ئىككى تەرەپ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاق، باراۋەر، تەڭپۇڭ بولغان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى، ھەرقانداق بىر دۆلەت، ھەرقانداق بىر ئادەمنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمكارلىقىدىكى بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش، سودا - سانائەت ساھەسى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، تاراتقۇ ئاقىللار ئامبىرىنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىزچىل بىر ئەزاسى. جۇڭگو ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى داۋاملىق قوللايدۇ.

  − جۇڭگو يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا قارىتا بايلىق سېلىنمىسىنى زورايتىپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى ياردەم فوندىنى رەتكە سېلىپ، ئۇنى «يەرشارىۋى تەرەققىيات ۋە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى ياردەم فوندى» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو − بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات فوندىغا بولغان سېلىنمىنى زورايتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتنى قانات يايدۇرۇش تەشەببۇسى، ھەمكارلىقىنى قوللايدۇ.

  − جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات بايلىقىنى سەپەرۋەر قىلىپ، يەرشارى بويىچە نامراتلارنى ئازايتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ؛ ۋاكسىنىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىدۇ؛ قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئومۇمىي خەلقنىڭ رەقەملەشتۈرۈش بويىچە تەربىيەلىنىشى ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، سانائەتلىشىشنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، رەقەملىك دەۋردىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

  − جۇڭگو خەلقئارا تەرەققىيات بىلىملىرى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات بىلىملىرى تورىنى ئورنىتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرىدۇ؛ دۇنيا ياشلار تەرەققىيات مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، يەرشارىۋى ياشلار تەرەققىيات ھەرىكەت پىلانىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ كەڭ كۈچ توپلايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولغاندىلا، پىلان چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.» بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە قاراپ قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان يېڭى دەۋرنى ئورتاق يارىتايلى.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى يەرشارىۋى تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ھەم مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى چوڭقۇر بايانلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلايمىز. ھازىر خەلقئارادا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تېخىمۇ ئادىل، تەڭپۇڭ بولغان خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىدىغان، تىنچ، بىخەتەر، باراۋەر، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق كۈچ بولۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىنى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ ساندىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقى توغرىسىدا يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئالقىشلىدى ھەم قوللىدى، بىردەك مۇنداق قارىدى: تەرەققىيات خەۋپسىزلىكنىڭ ئاساسى، خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەشەببۇسى كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە ۋە ئېھتىياجغا ئۇيغۇن بولۇپ، خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات بايلىقىنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشكە پايدىلىق، نامراتلارنى ئازايتىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى رايون تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىق، باراۋەرسىزلىك ۋە تەرەققىيات ساھەسىدىكى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ھەرقايسى تەرەپلەر يەككە تەرەپلىمە جازا پەيدا قىلغان سەلبىي تاشما ئېففېكت ھەم ئۇنىڭ ئاجىز بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كەلتۈرگەن ئېغىر زىيىنىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىشى كېرەك. يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇقىم، ساغلام يۈرۈشۈشىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم جانلىنىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاق، باراۋەر، تەڭپۇڭ بولغان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا رەئىس باياناتى ئېلان قىلىنىپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات توغرىسىدىكى سىياسىي ئورتاق تونۇشى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىندى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ ئەمەلىي ھەمكارلىق تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.