شېنجوۋ 14 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2022-06-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئورۇنلاشتى


6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدە سۈرەتكە تارتىلغان تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە كىرىپ ئورۇنلاشقان ئالەم ئۇچقۇچىسى چېن دۇڭ (ئوتتۇرىدا)، ليۇ ياڭ (ئوڭدا)، سەي شۈجېنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە سالام بەرگەن كۆرۈنۈشى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شىن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جيۇچۈەن، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان(مۇخبىرلارلى لىخەن، جاڭ رۇيجيې) جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 2022 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 10دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 14 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئېلىپ ماڭغان چاڭجېڭ 2 - نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 14 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئوت يېقىلىپ قويۇپ بېرىلگەن، تەخمىنەن 577 سېكۇنتتىن كېيىن، شېنجوۋ 14 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى راكېتادىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرگەن، ئۇچۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، قويۇپ بېرىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.

بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى تۈرىنى تۇرغۇزۇپ يولغا قويغاندىن بۇيانقى 23 - قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى، شۇنداقلا بوشلۇق پونكىتى باسقۇچىدىكى 3 - قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئالدىن بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بوشلۇق پونكىتى بىرلەشمە گەۋدىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا تېز سۈرئەتتە ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىدۇ. ئارقىدىن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئالتە ئاي داۋاملىشىدىغان ئوربىتىدا تۇرۇشنى باشلاپ، بوشلۇق پونكىتى سۇپىسىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇش، ماشىنا بىلەك مەشغۇلاتى، بۆلۈمچىدىن چىقىپ پائالىيەت قىلىش، بۆلمە بۆلىكىنى يۆتكەش قاتارلىق خىزمەتلەر ھەمدە بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسى، تېخنىكا تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان(مۇخبىرگاۋ رۇي) جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شېنجوۋ 14 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن بوشلۇق پونكىتى بىرىكمە گەۋدىسى ئۆز ئالدىغا تېز سۈرئەتتە ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇچۇش گۇرۇپپىسى قايتىش بۆلۈمچىسىدىن ئوربىتا بۆلۈمچىسىگە كىرگەن. تەرتىپ بويىچە تۈرلۈك تەييارلىقلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئالەم ئۇچقۇچىسى چېن دۇڭ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىنىڭ ئىشىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقان، بېيجىڭ ۋاقتى 2022 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 20دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چېن دۇڭ، ليۇ ياڭ، سەي شۈجې تەرتىپ بويىچە ھەممىسى تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە كىرگەن.