پەن ـ تېخنىكا جان تومۇرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى، ئۆز ـ ئۆزىگە ئىگە بولۇشى، بىخەتەر بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

2022-07-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


  شى جىنپىڭ خۇبېي ۋۇخەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پەن ـ تېخنىكا جان تومۇرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى، ئۆز ـ ئۆزىگە ئىگە بولۇشى، بىخەتەر بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

http://uy.ts.cn/pic/003/526/414/00352641495_6d715256.jpg

  6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋۇخەن خۇاگۇڭ لازېر نۇر قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سېخ بىناسى ئالدىدا، كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى

http://uy.ts.cn/pic/003/526/414/00352641496_a9c5b939.jpg

  6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ دۇڭخۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى زولىڭ كوچا باشقارمىسى جىيۈەن مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، مەھەللە خىزمەتچىلىرىدىن پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام مەھەللە ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ھەم خەلققە قولاي مۇلازىمەت قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەمدە ئىش بېجىرىشكە كەلگەن ياشانغانلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 6 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پەن ـ تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى، خەۋپسىزلىكىنىڭ ئاچقۇچى. بىز جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكا جان تومۇرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلەپ، پەن ـ تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى، ئۆز ـ ئۆزىگە ئىگە بولۇشى، بىخەتەر بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى ساھە، يېڭى بەيگە يولى ئېچىپ، خەلقئارا رىقابەتتە يېڭى ئەۋزەللىك شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مېڭخۇي، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ جۇڭلىننىڭ ھەمراھلىقىدا، ۋۇخەندىكى كارخانىلار، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ۋۇخەن خۇاگۇڭ لازېر نۇر قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. كارخانىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئۇنىۋېرسال بىناسىدا، شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ فوتو ئېلېكتىرون ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ھەم يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئۆزەك كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: فوتو ئېلېكتىرون ئۇچۇر كەسپى ئەمەلىي قوللىنىلىشى كەڭ بولغان ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپ، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى باشلامچىلىق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىش شارائىتى بار يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپ. خۇبېي ۋۇخەن دۇڭخۇ يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى فوتو ئېلېكتىرون ئۇچۇر كەسپى ساھەسىدە خاسلىق ياراتتى. تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ فوتو ئېلېكتىرون ئۇچۇر كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، «گالنى بوغىدىغان» ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، جەزمەن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ يېتىشىۋېلىپ، پەن ـ تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كارخانىنىڭ لازېر نۇر پەن ـ تېخنىكا سارىيى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تاختىلىق لازېر نۇر ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، لازېر نۇر تېخنىكا كەسپىدە ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرەك. دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، جەزمەن تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئورنىغا دەسسىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا جان تومۇرىنى ئۆز قولىمىزدا ئىگىلىگەندىلا، دۆلىتىمىز ئاندىن ھەقىقىي قۇدرەت تاپىدۇ.

  شى جىنپىڭ سېخ بىناسىنىڭ ئالدىدا كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز دۇنيادىكى 2 ـ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، لېكىن يەنە ئاز بولمىغان كەمتۈكلۈكلەر بار، بەزى كەسىپلەرنىڭ ئاساسى تېخى ئانچە پۇختا ئەمەس، يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشتا جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يېڭىلىق يارىتىش بىر ھەل قىلغۇچ ئامىل. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى. ئەگەر بىزنىڭ ھەربىر شەھىرىمىز، ھەربىر يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق تەرەققىيات رايونىمىز، ھەربىر پەن ـ تېخنىكا كارخانىمىز، ھەربىر پەن تەتقىقات خىزمەتچىمىزنىڭ ھەممىسى دۆلەت بېكىتكەن تەرەققىيات يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتسا، ئۇنداقتا بىز چوقۇم بەلگىلەنگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر جەزمەن بۇ شەرەپلىك بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچىدىن سېلىنمىغا، ئىككىنچىدىن ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ. بۇ جايغا نۇرغۇن قابىلىيەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ توپلانغانلىقى، كۆپچىلىكنىڭ ناھايىتى ياش ئىكەنلىكى، ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پۈتۈن ئىمكانىيەت بىلەن پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ۋە خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتىنى يارىتىپ، پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ ئارقىدىن دۇڭخۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى زولىڭ كوچىسى جىيۈەن مەھەللىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. بۇ مەھەللە دۆلەت كارخانىسى كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قىلغان ئولتۇراق رايون بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، بەش دەرىجىلىك ھۆددىگە ئېلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنىغا قايتىش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن مەھەللە مۇقىملىق كاپالەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى، خىزمىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، نورماللىشىشىغا تەرتىپلىك تۈرتكە بولدى. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە يۇقۇمدىن كېيىنكى مەھەللە ئىدارە قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2020 ـ يىلى ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدا غەلىبە قىلغاندىن بۇيان، ۋۇخەن بۇ ئىككى يىلدا يەنە كۆپ قېتىم توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمغا دۇچ كەلدى، لېكىن ناھايىتى تېزلا كونترول قىلىۋالدى، يۇقۇمنىڭ چوڭ كۆلەملىك قايتا كۆرۈلۈشى يۈزبەرمىدى. ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى، تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەشكە ئەرزىيدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش فاڭجېن ـ سىياسەتلىرى توغرا، ئۈنۈملۈك بولۇپ، جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت زالىغا كىرىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، پىدائىيلاردىن ئاساسىي قاتلامدا يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇلارنى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىنىڭ توسىقىنى پۇختىلاشقا، ئاھالىلەر ئۈچۈن خاتىرجەم، تىنچ ـ ئىناق بولغان تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ مەھەللىدە بىر ياقتىن ماڭغاچ بىر ياقتىن كۆرۈپ، مەھەللىنىڭ خەلققە قولايلىق خېسۇەن تەكشۈرۈش بويىچە ئەۋرىشكە ئېلىش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، مەيلى جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ھالىتىدىكى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بولسۇن ياكى دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە بولسۇن، مەھەللىلەر ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بالدۇر بايقاش، تېز بىر تەرەپ قىلىشقا تايىنىش، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىشىغا تايىنىش، مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئاساسقا تايىنىش كېرەك. مەھەللىلەردە دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقۇم بايقالغاندىن كېيىن چوقۇم كەسكىن بولۇپ، ئىككىلەنمەي، ئىلمىي، قاتتىق بولغان باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي چىڭ ساقلاش كېرەك.

  جىيۈەن مەھەللىسى ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى گەۋدىلىك بولۇش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئائىلىنى ئاساس قىلغان، مەھەللىنى تايانچ قىلغان، ئاپپاراتنى تولۇقلىما قىلغان، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئورناتتى. مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، شى جىنپىڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرىدىن پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام مەھەللە ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ھەم خەلققە قولاي مۇلازىمەت قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ياشانغانلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەھەللە شەھەر ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ئاساسىي بىرلىك. دۆلىتىمىزدە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ بىر ئەۋزەللىكى شەھەر ـ يېزا مەھەللىلىرى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتۇر. مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەھەللە ئىدارە قىلىشتىكى رەھبەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى مەھەللىلەرگە چۈشۈرۈپ، خىزمەت كۈچىنى تولۇقلاپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  مەھەللىدىكى كىچىك مەيداندا كادىرلار، ئامما بەس ـ بەستە چۆرىدىشىپ كېلىپ، ئالقىش ياڭراتقاچ باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: مەن ئىزچىل ۋۇخەن خەلقىنى قەلبىمگە پۈكۈپ كەلدىم، ئىككى يىل ئۆتۈپ، ۋۇخەندىن ئىبارەت بۇ قەھرىمان شەھەرگە يەنە بىر قېتىم كۆپچىلىكنى يوقلاپ كەلدىم. يۇقۇم پارتلاش خاراكتېرلىك تارقالغاندىن بۇيان، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ، زور مىقداردىكى مۇرەككەپ، ئۇششاق ـ چۈششەك كونكرېت خىزمەتلەرنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەھەللە ئاھالىلىرى ئۈچۈن سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئىنتايىن جاپا چەكتى، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. بۇ يەردە مەن كۆپچىلىكتىن ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىر مەيدان چوڭ سىناق. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىتقا ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدۇق. دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇس تۈپ سانى چوڭ، ئەگەر «كوللېكتىپ ئىممۇنىتېتلاش» «ئوڭدا يېتىۋېلىش»تەك ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىياسىتىنى قوللانغاندا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. بىز يولغا قويغان ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش سىياسىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى چىقىش قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ بېكىتكەن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋاقىتلىق ئازراق تەسىرگە ئۇچرىسا مەيلىكى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلار، بالىلارنى ياخشى قوغداش كېرەك. ئەگەر ئومۇمىي ھېساباتنى قىلساق، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىمىز ئەڭ تېجەشلىك، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى تەدبىر. بىزدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بار، مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم بولغان ئاساسىي قاتلام ئاساسى بار، تاكى ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئىقتىدارىمىز ۋە ئەمەلىي كۈچىمىز بار.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، يۇقۇم تېخى ئاياغلاشمىدى، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمى يەنىلا ناھايىتى زور. چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە. بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى تۈگىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئىمكانقەدەر تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر بار ئاماللار بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ كۆپ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بىرقەدەر ياخشى سەۋىيەگە يېتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشەنچىمىز بار.

  دىڭ شۆشياڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.