جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېپيېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

2022-07-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېپيېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە ئۆلكە، مىنستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تېلېگراممىسى ئۆلكە، مىنستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى 7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەرنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. بىز يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى پىكىر يولى، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، داۋاملىق تۈردە «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېپيېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، كەلگۈسى بەش يىل، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىسى ۋە زور سىياسەت ـ فاڭجېنىنى ئىلمىي پىلانلايدۇ، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيەنىڭ يېڭى مۇساپىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈشى، قانداق يولدا مېڭىشى، قانداق روھىي ھالەتنى ساقلىشى، قانداق نىشانغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق جاكارلىدى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى چوڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، بىز دۇچ كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارنى ئىلمىي ئىگىلەش كېرەك. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرمەكتە، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا دۇچ كېلىپ، تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلار، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چېگىش، مۇرەككەپ بولدى. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، توغرا ئىستراتېگىيە ـ تاكتىكا بىلەن ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشى كېرەك، بۇنىڭ تۈپ نېگىزى ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە كەينى ـ كەينىدىن كەلگەن غايەت زور خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالغا سىلجىتتى. بىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولدۇق، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتا قەدەمنى تېز ۋە پۇختا ئالدۇق، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى پائال راۋاجلاندۇردۇق، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى گەۋدىلەندۈردۇق، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى يولغا قويدۇق، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغدىدۇق، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدۇق، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدۇق، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە قانات يايدۇردۇق. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردۇق. بولۇپمۇ تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردۇق. بىز ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ـ ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، شياڭگاڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى مەھكەم ئىگىلىدۇق. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشى ئالدىدا، بىز كۈرەش قىلىش جەريانىدا دۆلەتنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتى ۋە يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىك تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىدۇق. بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن باشلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. ئون يىلدىن بۇيان، بىز ماركسىزم ـ لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىر قاتار ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدۇق، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن زور ئىش، مۇھىم ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردۇق، سىياسىي، ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە، تەبىئەت دۇنياسى قاتارلىق تەرەپلەردىن كەلگەن خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدۇق. يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئاسانلا، داقا ـ دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، جەزمەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى دادىل ئېلىپ بېرىپ، تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىش كېرەك. ئون يىلدىن بۇيان، بىز خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارنىڭ زور دولقۇنىغا دۇچ كەلدۇق، بەزىدە ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار كەينى ـ كەينىدىن يۈزبەردى، ئۇنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى مىسلىسىز بولدى. بىز ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، جەڭنى جەڭگە ئۇلىدۇق. بىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياراتقان.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇش پارتىيەمىزنىڭ روشەن سىياسىي خىسلىتى ۋە قۇدرەتلىك سىياسىي ئەۋزەللىكى. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ـ سىرتى ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش ۋە ئەمەلىيەتنىڭ يېڭى تەرەققىياتى بىزنىڭ بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىشىمىزگە جىددىي ئېھتىياجلىق. بىز ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردۇق، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. پۈتۈن پارتىيە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، قاراش، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋر ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت ئاساسىدا، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتۇق ۋە كېڭەيتتۇق. دۇنيادا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەندىزىسى مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا ھەممىلا يەرگە ماس كېلىۋېرىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۆلچىمىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. بىز ئالغا سىلجىتىۋاتقان زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، ھەم بېكىنمە، قاتمال كونا يولدا ماڭماي، ھەم بايراق ئالماشتۇرىدىغان قىڭغىر يولدا ماڭماي، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا قويۇشتا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىشتىن ئىبارەت: 2020 ـ يىلىدىن 2035 ـ يىلىغىچە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ 2035 ـ يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلىتىمىزنى باي ـ قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككى قەدەملىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماكرو جەھەتتىن نەزەر سېلىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ. كەلگۈسى بەش يىل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا ئىش باشلاش، قەدەم ئېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، بۇ بەش يىلدىكى تەرەققىياتنى ياخشى قىلىش ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تەدبىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. پارتىيەمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي پارتىيە، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىشتە، جەزمەن «ئىمتىھانغا بېرىش»تىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەككى، پارتىيە دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقى ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتىشمەسلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق، چىرىكلىك خەۋپى ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئەمەلىيەت بىزنى قايتا ـ قايتا ئاگاھلاندۇردىكى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن دائىم بوشاشماي تۇتۇش، چىڭ تۇتۇپ قويۇۋەتمەسلىك كېرەك، ھەرگىز بوشىشىپ توختاپ قېلىشقا، چارچاپ ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىدا بولۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، پۈتۈن پارتىيە جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ تەنقىدى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن مۇھىم سۆز قىلدى، ھازىرقى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر بايان قىلدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىسىنى چوڭقۇر بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ زور سىياسەت ـ فاڭجېنى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە، پۈتۈن پارتىيەدە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىدا خۇلاسە سۆزى قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلدى. كۆپچىلىك ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتتى، ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى ساقلىدى، ئىشەنچ ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.