«مەن شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم»

2022-07-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدا

7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شى جىنپىڭ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە بولدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

□خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، ياڭ مىڭفاڭ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

تاڭ شەپىقى كۆتۈرۈلگەندە يولغا چىقىپ، يۇلتۇزلار چاقنىغاندا قايتىپ كېلىشتىكى مەقسەت شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى كۆپرەك كۆرۈپ، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈندۇر.

7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، قۇرۇقلۇق دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بىپايان زېمىننىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇڭگودىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ كەلدى.

«شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىنى تىلغا ئالسام، جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، مەن ئىلگىرى جېجياڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، جېجياڭ بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە - ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا شىنجاڭدىكى يولداشلار بىلەن كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەنىدىم. 2003 - يىلى 8 - ئايدا، مەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭدا سەككىز كۈن تەكشۈرۈشتە بولغانىدىم، ئۇ قېتىم بارغان جايلىرىم بىرقەدەر كۆپ بولدى».

«مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، مەن يەنە شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم، 2009 - يىلى، 2014 - يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدۇم، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم».

«ئانار دانىسى» دېگەن ئوخشىتىش سۆزىنى دەل 2014 - يىلى تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، بىر ئۇيغۇر يۇرتداشتىن ئاڭلىغانىدى. تۇرمۇشتىن كەلگەن بۇ سەمىمىي سۆز باش شۇجىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەنىدى.

سەككىز يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، بىر ئىنچىكە تەپسىلات كىشىنى ھاياجانغا سالدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا، كەنت ئاھالىلىرىگە، مەھەللە ئاھالىلىرىگە «بىز ئانارنىڭ دانىسىدەك» دېگەن سۆزنى قىلىشى بىلەنلا، سۆزى ئاياغلاشماي تۇرۇپ نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كېلىشىۋالغاندەك جاراڭلىق ئاۋازدا: «زىچ ئۇيۇشىشىمىز كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.

تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، ھەر قېتىم بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۆنىلىشنى بەلگىلىگەندە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يولباشچى بولدى. 2014 - يىلى، 2020 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. بۇ يىل 4 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ شىنجاڭ خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا مۇزاكىرە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تەلىپى ئىنتايىن ئېنىق، ئاچقۇچلۇقى − تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىش، قەتئىي بوشاشماي تۈرتكە بولۇش، كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. مەن شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا، ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئېنىق تونۇش، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى تەسىرىنى ئېنىق تونۇش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى ئورنىنى ئېنىق تونۇش كېرەك، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنىدىم».

«ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، ھازىر شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى، بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى تىنچ، ئىناق، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى قىياپەتنى كۆرۈپ، چىن قەلبىمدىن خۇشال بولدۇم».

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش

شىنجاڭدىكى تەكشۈرۈشنىڭ تۇنجى بېكىتى شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋە روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە شىنجاڭ داشۆ بولدى.

داشۆنىڭ مەكتەپ تارىخى سارىيىدا، كەلگۈسىنى يارىتىدىغان بىر بۆلەك قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار ساقلانغان. «ئويغانغان يىللار»دىكى يۈ شيۇسۇڭ ئىلگىرى بۇ يەردە مەكتەپ مۇدىرى بولغان، «ئىتتىپاق بولۇش، جىددىي بولۇش، ئاددىي - ساددا بولۇش، جانلىق بولۇش» تىن ئىبارەت مەكتەپ تەلىمى يەنئەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش جۇڭگو خەلق ھەربىي - سىياسىي داشۆسىنىڭ مەكتەپ تەلىمىدىن كەلگەن. مەكتەپ تارىخى سارىيىنى گېنېرال ۋاڭ جېن ياش جەڭچىلەرنى باشلاپ بىر خىش، بىركاھىشتىن قۇرۇپ چىققان.

باش شۇجى مەكتەپ ناخشىسى كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا تۇرۇپ، خەتمۇخەت تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى.

«مىللەتنىڭ تەقدىرى زىممىمىزگە يۈكلەندى. تىرىشايلى، كېچىكتۈرمەيلى...» دۆلەت بىلەن ئائىلىنىڭ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشى مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا تومۇرغا سىڭىپ كەتكەنىدى.

2014 - يىلى 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق پوزىتسىيە بىلەن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ پىروگراممىسىغا ئايلاندى.

يېشىللىققا پۈركەنگەن مەكتەپ قورۇسىدا، باش شۇجى ماركسىزم شۆيۈەنىگە جايلاشقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسى» غا كىردى.

ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار سىرتقا چىقىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، قىزغىن ئورتاقلىشىۋاتاتتى:

قومۇل كەشتىچىلىكىدە تارقاق كىچىك دۇكانلاردىن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى؛ قارامايدىكى يايلاقتا كالا، قوي باقىدىغان ئاشۇ چارۋىچىلارمۇ زامانىۋى كارخانىلارغا كىردى... باش شۇجى شى جىنپىڭ تەپسىلىي ئاڭلىدى.

«ھەر يىللىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەمەلىيىتىدىن قانداق نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلدىڭلار؟» باش شۇجى كۆپچىلىكتىن سەمىمىي سورىدى.

«بارچە مىللەت چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بەس - بەستە جاۋاب بەردى. چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى كىگىز ئۆيلەر، يېزا - كەنتلەردىكى قۇرۇتۇش ئۆيلىرى، شەھەر - بازارلاردا قەد كۆتۈرگەن بىنا ئۆيلەر، ئىدىيە - قاراش، مەدەنىيەت قارىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى ئورتاق ھالدا زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ھەر قانچە چەت، يىراق تاغلىق كەنتلەرمۇ ۋەتەندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تومۇر سوقۇشىنى ھېس قىلماقتا.

«دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلىشىشى دۆلىتىمىزنىڭ بىر روشەن ئالاھىدىلىكى، شۇڭا مەن بۇنى ئالاھىدە قىلىپ <ئانارنىڭ دانىسى> دېگەن سۆز ئارقىلىق سۈپەتلىدىم».

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى ئاچقانلىقىدۇر. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ جانلىق سۈرەتلەپ مۇنداق دېدى:

«تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىز ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. بىزنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتىمىز ياخشى، ئۈنۈملۈك بولۇپ، ھېچنېمە تەۋرىتەلمەيدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان جۇڭگو چوقۇم ھەممىدە غەلىبە قىلىدۇ، چوقۇم پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ، بىز چوقۇم ھازىرقىدەك بۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئالاھىدە قەدىرلىشىمىز كېرەك».

100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاندا مائارىپ ئاساس. ئادەم تەربىيەلەشنىڭ نېگىزى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرسلىكلەرنى، تارىخشۇناسلىق ئەسەرلىرىنى بىر - بىرلەپ تەپسىلىي كۆرۈپ، سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:

«شۇنى جەزمەن تەكىتلەش كېرەككى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ ئاساسى. بۇلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئاددىيلا تونۇش مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلە».

«ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتە نېمىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ بۇنىڭدا دەل سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك».

«مەن ھەرقانداق بىر جايغا بارسام ياشلارغا كۆڭۈل بۆلىمەن. ساۋاقداشلار گۈللەنگەن دەۋرگە توغرا كەلدى ھەم بۇ دەۋردە ياشاۋاتىدۇ، ياخشى تىرىشىپ، ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلەتكە ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ چىقىشى كېرەك!»

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولۇش

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا كىردى.

خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «ئاشلىق مەھكىمىسى مۆھۈرى» غەربىي يۇرتنى ئەسكەرلەرنى ئىشقا سېلىپ دېھقانچىلىق قىلىپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئارقىلىق ئاچقانلىقىغا گۇۋاھ بولدى؛ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «قوۋۇقتىن چىقىش - كىرىش خېتى» غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ بېرىش - كېلىشىنى ئىسپاتلىدى؛ جۇڭغارنى تىنچىتىش ئويما يېزىقلىق ئىلى ئابىدىسىگە ھەر خىل يېزىق ئارقىلىق گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان پاكىتلار ئويۇلغانىدى. باش شۇجى ئۇلارنى بىر - بىرلەپ تەپسىلىي كۆرۈپ ئويلاندى.

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى پارلاق، چەكسىز، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشتۇر. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دەل «سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەقىقىي ھەل قىلىش» ئۈچۈندۇر.

«شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشتا ئالدى بىلەن شەرققە نەزەر سېلىش كېرەكمۇ ياكى غەربكە نەزەر سېلىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك».

شەرققە نەزەر سالساق، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك گۆھىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك قوشۇلۇش، بۈيۈك يۇغۇرۇلۇش ئۇلۇغ ھېكايىسىنى نامايان قىلدى. كۆرگەزمە زالىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. بىز شىنجاڭ تارىخىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاقىلىشىشى جەريانىدا شەكىللەنگەن تارىخ ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلىشىمىز كېرەك».

توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتىلىدۇ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تاۋلىنىدۇ.

مۇزېيدا مىللىي ئېپوس «ماناس» ئېيتىش نومۇرى ئورۇنلاندى. مۇزىكا ساداسى ياڭرىدى، مېلودىيە ياڭراق ۋە جاراڭلىق ئىدى. ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن «ماناس» − «گېسار» «جاڭغىر» بىلەن ئوخشاش نام چىقارغان دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۈچ چوڭ ئېپوسى بولۇپ، قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەيدىغان كىلاسسىك ئەسەردۇر.

دەل ئوتتۇرىدا ئولتۇرغىنى «ماناس»نىڭ ۋارىسى 57 ياشلىق چارۋىچى جاننۇر ئىدى.

«قانچىلىك ۋاقىتتا ئېيتىپ بولغىلى بولىدۇ؟» باش شۇجى ئۈزۈلمەي ئېيتىلىۋاتقان ئېپوسنى كۆرۈپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى.

«بىر كېچە - كۈندۈز ئېيتىپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ».

جاننۇرنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، ئۈچ ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ماھارەت ئۆگىنىۋاتقان شاگىرتى بىر چەتتە تۇرۇپ خۇرسىنغان ھالدا: «مەن پەقەت 60 مىنۇتلا ئېيتالايمەن» دېدى.

«بۇمۇ ئاسان ئەمەس!» باش شۇجى 14 ياشلىق بۇ ئۆسمۈرگە مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ياش ئەۋلادلارنى ياخشى يېتىشتۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك».

«سىلەرنىڭ يەنە قانداق قىيىنچىلىقىڭلار بار؟»

«مەن پۈتۈن دۇنيا <ماناس>نى چۈشەنسە، تونۇسىكەن دەيمەن.» جاننۇرنىڭ كۆزلىرىدىن تولۇپ تاشقان ئارزۇ چاقناپ تۇراتتى.

«پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىش كېرەك. ئۇلار ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تەۋە، ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى دۇنيا مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ خىزمەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ».

يارغول قەدىمىي شەھىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى غەربىي يۇرتنى باشقۇرىدىغان ئالىي ئاپپارات ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ، «شىنجاڭ ئەزەلدىنلا دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون» ئىكەنلىكىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى.

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي چوڭ يولنى بويلاپ، قوۋۇقتىن ئۆتۈپ شەھەرگە كىردى. كۈنگۈرە، كوچا، بۇتخانا، رەستە، مەھكىمە، ھۈنەرخانا، ئاھالىلەر تۇرالغۇسى، خارابىلەر كۆك ئاسمان بىلەن سېرىق توپا ئارىسىدا قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، تارىختىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

«شەھەردىكى سۇ قەيەردىن كېلىدۇ؟»

«ئاۋۋال قۇدۇق قازىدۇ، ئاندىن ئۆي قازىدۇ، قۇدۇق ئۆينىڭ ئىچىدە.» چۈشەندۈرگۈچى گەپنى سۇدىن باشلاپ، باش شۇجىغا دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان بۇ خام توپا قۇرۇلمىلىق قەدىمكى ئىمارەتلەر شەھەر خارابىسىنى قوغداش خىزمىتىنى سۆزلەپ بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمكى شەھەر ئېتىكىدە بىر توپ ساياھەتچىنى ئۇچراتتى.

بىر ساياھەتچى بۇ ئەھۋال، بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «ئوتتەك قىزىق ھاۋادا، ئوتتەك قىزىق قەلبىم بار، ھەرقانچە ئۇزۇن يول يۈرسەممۇ ھارمايمەن».

باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان بىردىنبىر ئۈزۈلۈپ قالمىغان مەدەنىيلىك، بىز ئۇنى رەتلەپ ئېنىقلىشىمىز كېرەك، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسەك بىز ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ مىللەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىز، مەدەنىيەتتە ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. جۇڭگولۇق بولۇش قالتىس ئىش، بىزنىڭ شانلىق تارىخىمىز بار بولۇپلا قالماي، كەلگۈسىمىزمۇ تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.

56 مىللەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇش

بىر مەھەللە، بىر كەنت. تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ شەھەر - يېزىلىرىدىكى ئىككى ئاساسىي قاتلام بۆلىكىگە بېرىپ، كىچىككىنە ئىشلاردىن چوڭ ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدى.

«شىنجاڭدا ئاددىيلا ھالدا تەرەققىياتنىلا سۆزلەشكە بولمايدۇ، بەلكى تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك».

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى تىيانشان رايونىنىڭ گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە كۆرگەن بىر مۇھىم نۇقتا خەلق تۇرمۇشىدىكى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تېما «ياشانغانلار - بالىلار» بولدى: «يۇقىرىدا مىڭ تال يىپ، تۆۋەندە بىر تال يىڭنە بار، ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، چوقۇم ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ ئويلىغانلىرى، ئۈمىدى، تەقەززاسىغا زىچ يېقىنلىشىش كېرەك».

پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان بىر توپ ياشانغان كىشى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بولۇپ، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق ئىدى. ئۇلار پەخىرلەنگەن ھالدا باش شۇجىغا ئۆزلىرىنىڭ يېشىنى ئېيتىپ بەردى: «74»، «73»، «80».

باش شۇجى ئۇلارغا بەخت تىلىدى: «بەختلىك تۇرمۇشۇڭلار مەڭگۈ داۋاملاشسۇن!»

ياندىكى ئۆيدە بىر توپ بالىلار قەدىمكى شېئىرلارنى يادلاۋاتاتتى. شى بوۋىسىنى كۆرۈپ، بالىلار چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسەتتى. «مىننۇڭ»(دېھقانغا ئىچ ئاغرىتىش) «ئۈچ خەتلىك دەستۇر» «يىگىرمە تۆت مەۋسۇم ناخشىسى»، ئاخىرىدا يەنە «مەن بېيجىڭ تيەنئەنمېننى سۆيىمەن» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردى.

باش شۇجى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى: «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسىنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش، دائىم ئاڭلاش ۋە كۆرۈش جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتىكى ئاساسنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق».

ئۇيغۇر مىللىتى ئاھالىسى ئابلەت تۇرسۇن ئائىلىسىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن باش شۇجىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. مېھمانخانا ئۆيدە مۇڭداشتى، داۋالىنىش، مائارىپ، كىرىم، ئۆزگىرىش توغرىسىدا پاراڭلاشتى. بېشى ئاغرىسا، قىزىپ قالسا، ئىشىك ئالدىدىكى مەھەللە دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىدۇ، ياشانغانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىمۇ چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، بالىلار مەكتەپتە ئوقۇپ ئىستىقبالى بار بولدى.

«بۇ بىنادا ھەرقايسى مىللەت ئاھالىلىرى تۇرىدىغاندۇ؟»

«شۇنداق. خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، تاتار مىللىتى... ھەممىسى تونۇش كىشىلەر، بىللە پاراڭلىشىمىز، ئايلىنىمىز، ناخشا ئېيتىمىز، يەنە مەيدان ئۇسسۇلى ئوينايمىز، ھەممىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتىمىز».

قوشنىلار توققۇز مىللەتتىن تەركىب تاپقان. باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەھەللىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شاد - خۇراملىققا چۆمگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

مەھەللىدىكى كوچىدا مەھەللە ئاھالىلىرى باش شۇجىنى چۆرىدەپ تۇرۇپ، ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى.

«بىز ھەممىمىز پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، نىشاننى بىر - بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلىپ، كىچىك غەلبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈردۇق. بىزدە ئىرادە بار، قەيسەرلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇش روھى بار. 56 مىللەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، مۇشۇنداق تىرىشساقلا چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىمىز».

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇرپاندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، باش شۇجى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىگە بېرىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنى كۆردى.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر ھالقا ئىدى. ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، كارخانىلارنىڭ كەنتكە ماكانلىشىشى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، سېتىش يولى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ زاۋۇت ئۆيىگە كىردى. تاللاش رايونىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئەپچىللىك بىلەن قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ياخشىسى بىلەن ناچىرىنى ئىلغاۋاتاتتى. قۇرۇق ئۈزۈم يەشىكلەرگە قاچىلىنىپ، پات ئارىدا دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلاتتى. باش شۇجى بىلەن پاراڭلىشىپ، كەلگۈسىدىكى كۈنلەر ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۈمىدكە تولدى.

«كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، تەرەققىيات ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇق قىلدى.

كەنت مەيدانىدا، بىر مەيدان ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى كەسكىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. باش شۇجىنىڭ كېلىشى بىلەن، كەنت ئاھالىلىرى تەنتەنە قىلىپ توپ - توپ بولۇپ يېتىپ كەلدى.

«يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى يەنە بىر يېزا خىزمىتىدىكى كۈرەش نىشانىمىز، سىلەرنىڭ بۇ كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، مەن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭلاردىن خۇشال بولدۇم. جۇڭگو يېزىلىرى بۇ ئون يىلدا ناھايىتى قالتىس بىر مۇساپىنى باشتىن كەچۈردى. بىز ئۇدا كۈرەش قىلىپ، جۇڭگونىڭ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق، بۇ دۇنيا بويىچە قالتىس بىر ئىش. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، بىزنىڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى!»

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «56 مىللەتنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. ئىلگىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلانغاندا شۇنداق بولغان، بىزنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىشىمىزدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. يېزىلاردا، شەھەرلەردە، ئېتىزلاردا، زاۋۇتلاردا، ھەربىر ئىش ئورنىدا كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشىغا تايانساق، بىز چوقۇم ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرالايمىز».

شاخ - يوپۇرماقلار تېخىمۇ بۈك - باراقسانلىشىش

7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر پارچە غايەت زور خەرىتە ئالدىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇزاققىچە زەن قويۇپ قارىدى.

ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىككى چوڭ بازارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى، تۆمۈريوللار كېسىشكەن، تاشيوللار گىرەلەشكەن، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى زىچ تارقالغانىدى.

ئىلگىرى بىرمەھەل، شىنجاڭ «يول چېكىگە يەتكەن، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى چېكىگە يەتكەن، سۇ چېكىگە يەتكەن، توك چېكىگە يەتكەن، ئېتىز چېكىگە يەتكەن» چېگرادىكى جاي بولۇپ، «تۆگە ئارقىلىق تېلېگرامما يەتكۈزىدىغان، ئات - ئېشەكتە پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزىدىغان» قاقاس جاي ئىدى.

«پولات كارۋان» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىلگىرىكى جاڭ چيەن كەزگەن يولنى بويلاپ، چۆللۈكتىن ئۆتۈپ، باياۋانغا بۆسۈپ كىرىپ، غەربىي شىمالدىكى چېگرا رايوننى ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندۇردى.

بۇ يەردىكى كىشىلەر باش شۇجىنىڭ قازاقىستان نەزەربايېۋ داشۆسىدە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان چاغدىكى شۇ مەيدان مۇھىم نۇتقىنى بەش قولدەك بىلىدۇ.

2014 - يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشى دەل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ يېرىم يىل ئۆتكەن چاغقا توغرا كەلدى. باش شۇجىنىڭ ئەينى چاغدىكى پىلانىنى ئەسلىگىنىمىزدە، سۆز - ئىبارىلەردە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغانىدى: «ئەگەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلسا، شىنجاڭ ئاۋات مەركەزگە ئايلىنىشى مۇمكىن. باشقىسىنى دېمەيلى، ئۈرۈمچى ھازىر 1500 كىلومېتىر دائىرىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، شۇ چاغقا بارغاندا قانداق مەنزىرە شەكىللىنىدۇ؟»

بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

سەككىز يىل ئۆتۈپ كەتتى، مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ قورغاس، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى مەملىكەت بويىچە قاتناش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

چوڭ ئېكراندا، قورغاس پورتى، ئالاتاۋ پورتىنىڭ مەشغۇلات رايونىنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشلىرى ماس قەدەمدە يەتكۈزۈلۈۋاتاتتى. كەڭ رېلىس ۋە ئۆلچەملىك رېلىس تەرتىپلىك ئالماشتۇرۇلۇپ، ياكى مەۋقە شىنجاڭغا كىرگۈزۈشكە قويۇلۇپ، ياكى شىنجاڭدىن چىقىرىشقا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ئەۋزەللىكى ۋە پۇرسىتى ئىزاھلاندى. قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىكى مەسئۇل يولداشنىڭ شىنجاڭدىن چىقىدىغان شوخلا قىيامى سودىسى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى ناھايىتى قىزىقتى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى داۋامىدا جانلاندى، چوڭ زالدا ئىش بېجىرگىلى كەلگەن نۇرغۇن كارخانا ئىش بېجىرگۈچىلىرى بار ئىدى.

«كەسپىڭلار ئالدىراشمۇ؟»

«توردىكى ئىش كۆپەيدى، تور سىرتىدىكىسى ئازايدى».

بىر چۇڭچىڭلىق كىشى خەينەندىن ئوتتۇرا شەرققە توشۇيدىغان مېلى بولغاچقا، بۇ يەرگە ئالايىتەن لىنىيە ئۈستىدە كېڭىشىش ئۈچۈن كەلگەنىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بايىقى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلاندى: «ھەقىقەتەن بىر ھېسابلاش ئۇسۇلى بولۇشى كېرەك ئىكەن، قانداق ماڭسا ئەڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا قاراش كېرەك».

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، ئىككىنچى 100 يىللىق يېڭى مۇساپىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، باش شۇجى يىراقنى ئويلىدى: «<چوڭ سىزما رەسىم>دىن <نەپىس سىزما رەسىم>گىچە نەتىجىلەر مول بولدى. <كۆۋرۈك جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلۇپ، تەبىئىي توسۇق راۋان يولغا ئايلاندى.> ئىلگىرى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى بىر ئۆلكە ئىدى، ھازىر <بىر بەلباغ، بىر يول> بولغاچقا، ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ جاي ئەمدى چەت، يىراق جاي بولماستىن، بەلكى بىر يادرولۇق جايغا ئايلاندى، بىر تۈگۈن جايغا ئايلاندى. سىلەر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر».

پۈتۈن زېھنى بىلەن ئويلىنىپ، قەدىمكى بىلەن بۈگۈننى تۇتاشتۇرۇش. مەدەنىيلىك ئېچىۋېتىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىدۇ، مىللەت يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

سەنداۋلىڭ، ئاپقۇر بۇلاق، يەتتە قۇدۇق، تۇزكۆل، پىچان، سىڭگىم ئېغىزى، تۇرپان، بەيياڭگوۋ، داۋانچىڭ، سەيۋوپۇ... قەدىمكى يىپەك يولىدىكى چوقۇم ئۆتىدىغان جاي. 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇرپان بۇيلۇققا باردى. ئۈزۈمنىڭ سورتى كۆپ بولۇپ، كۆزنى قاماشتۇراتتى. «بۇ جاي نېمىدېگەن مولچىلىق، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تاراپ تۇرىدىكەن. بۇ كەڭ تەبىئەتنىڭ سوۋغىسى.» باش شۇجى قىزىقارلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاسماندىن گۆشنان چۈشىدىغان ئىش يوق، لېكىن ئۈزۈم چۈشىدىغان ئىش بار ئىكەن».

قۇملۇقتىكى توغراققا ئوخشاش چوڭقۇر يىلتىز تارتىش

بۇ يەرگە «جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىرىنچى شەھىرى» دەپ نام بېرىلگەن. ئەينى يىلى قاقاس چۆل - باياۋاندا، بىڭتۇەنلىكلەر تۇزلۇق سۇ ئىچىپ، گەمىلەردە يېتىپ، ئادەم كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللاندى، قار - مۇزلارنى كەچتى.

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شى شىخەنزە شەھىرىگە كەلدى.

شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى جاپاغا چىداپ ئىشلىگەن ئاشۇ يىللارنى قايتا نامايان قىلىپ تۇراتتى.

ھەممە يېرىگە ياماق چۈشكەن ھەربىيچە پەلتۇ، داتلىشىپ كەتكەن كەتمەن، باش شۇجى «بىر جۈپ كۆز» دەپ ئىسىم قويۇلغان ھەيكەلنىڭ ئالدىدا توختىدى. ئەمگەك سىجىللىقى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەچكە، نۇرغۇن كىشى تۈن قارىغۇسى بولۇپ قالغانىدى. ھەربىر بەن كۆكتاتنى تېجەپ بىر ئادەمگە يېگۈزۈپ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قولتۇقلىشىپ ئۆيگە قايتىدىغان يولنى تېپىشقا كاپالەتلىك قىلاتتى.

مۇزېينىڭ 1 - قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا، بىڭتۇەننىڭ پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلىرى ۋەكىللىرى بىر - بىرىدىن روھلۇق ھالدا باش شۇجىغا دوكلات قىلدى:

«مېنىڭ ئىسمىم ساۋ يۈنمىڭ، يىلتىز تارتقىنىمغا 60 يىل بولدى، ئۆكۈنمەيمەن».

«مېنىڭ ئىسمىم سۈن بېنشيا، 50 - يىللاردا ئۇلۇغ داھىي ماۋ جۇشىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ بۇ يەرگە كەلگەن، مەن پۇشايمان قىلمايمەن، بىر ئۆمۈر پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، پارتىيە مېنى نېمە ئىش قىل دېسە شۇ ئىشنى قىلىمەن».

«سىز بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭىز؟» «قەيەردىن كەلدىڭىز؟» باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن سورىدى.

بۇ شەرەپلىك تۇپراققا نۇرغۇن ھېسسىيات، نۇرغۇن قان - تەر سىڭگەن. «قۇدۇق قېزىپ سۇ ئىزدەش، سۇ بولمىسا شەھەر قۇرماسلىق»تەك چارلاپ تەكشۈرۈپ شەھەر قۇرۇشتىن 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى، ليۇداۋان كۆمۈر كېنى، ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، 1 - ئىيۇل پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى، ئۆكتەبىر ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش - زاپچاس زاۋۇتى، 1 - ئاۋغۇست ئۇن زاۋۇتى، يۆجىن پولات - تۆمۈر زاۋۇتىغىچە... ھەر كۈنى مۆجىزە يارىتىلدى.

باش شۇجى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «سىلەر جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتۇڭلار. بىڭتۇەنلىكلەر ياراتقان ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ قىممەتلىك بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك».

شىخەنزىگە كەلگەندە، ئېتىزلىقنى كۆرۈش زۆرۈر.

يېزا ئىگىلىك 1 - ليەنىنىڭ كېۋەز تېرىش بازىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي ئېتىزغا كىردى. كېۋەز دەل چېچەكلەش، غوزىلاش مەزگىلىدە بولۇپ، يەر ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق سېلىشتىن تارتىپ سۇغىرىش، ھاشارات يوقىتىش، كېۋەزنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈش، ھوسۇل يىغىشقىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ماشىنىلاشقان، ئاپتوماتلاشقان مەشغۇلات قىلىنىدۇ.

بۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا 9 - ليەننىڭ توغاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈش باغچىسى بار بولۇپ، باش شۇجى شاپتۇللۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىردى.

«ئائىلىڭىز قانچە مو يەرنى ھۆددىگە ئالدى؟»

«15 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ شاپتۇل كۆچىتى تىكتىم، بىر يىلدا 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن. يېزا بازىرىدىن ئۆي سېتىۋالدىم، ئاپتوموبىلمۇ سېتىۋالدىم.» ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى.

«يەرنى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ھۆددىگە بېرىۋەتكەنسىلەر، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ بولغانسىلەر؟» باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى دەل ھازىر ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان بىڭتۇەن ئىسلاھاتى ئىدى. بىڭتۇەندىكى مەسئۇل يولداش تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىرىنچى سېپىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %32.2 ئاشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىڭتۇەن ئىسلاھاتىدىن كېيىن، ھۆددە ئېلىش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ كىنىشكا تارقىتىش بىڭتۇەنلىكلەرنى خاتىرجەم قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈپ، زور مەبلەغ سېلىپ تەرەققىياتنى كۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ».

143 - تۇەننىڭ خۇايۈەن بازىرىغا بارىدىغان يولدا كېتىۋېتىپ، باش شۇجى ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن سىرتقا نەزەر سالدى.

كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدىكى بىنا ئۆيلەر يېشىللىق ئارىسىغا ياراشقان بولۇپ، باغچە كەبى گۈزەل ماكان نامايان بولدى.

خۇايۈەن بازىرى مەيدانىدا كەيپىيات تولىمۇ قىزغىن بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەسىرلەنگەن ھالدا كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «قىلىچنى ساپان ئورنىدا ئىشلىتىشتىن باشلاپ ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىدى، بىر پارچە قاقاس جايدا كىشىنى جەلپ قىلىدىغان مۇشۇنداق گۈزەل شەھەر قۇرۇلدى. ئاساس ياخشى سېلىندى، ئۆزگىرىشمۇ بارغانسېرى زورايدى، بۇنىڭدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆيۈنۈشىگە تاياندۇق، نەچچە ئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشىغا تاياندۇق».

«بىڭتۇەننىڭ قۇرۇلۇشىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك، بىز دەسلەپتە بىڭتۇەننى نېمە ئۈچۈن قۇردۇق؟ يۇرتنى، ۋەتەننى قوغداش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىش ئۈچۈن. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل، بەختلىك ماكان قۇرۇپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش كېرەك».

قان قېرىنداش ئائىلە ئەزالىرى

يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدە، ئۆيلەرنىڭ ئالدى - كەينىدىكى تاملار رەسىم تاختىسى قىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى تەسۋىرلەنگەنىدى. تەكشۈرۈشتە بولغاندا، شياڭشىدىكى شىبادۇڭ كەنتى تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە تام رەسىمى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

بۇ ئىككى كەنت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇش كەنتى ئىدى. 3000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئارىلىق ئۇلارنىڭ خۇددى ئۇرۇق - تۇغقانلاردەك دائىم بېرىش - كېلىش قىلىشىنى توسۇپ قالالمىدى.

خۇنەن ئۆلكىسى نىشانلىق ياردەم بېرىپ يۆلەيدىغان جاي دەل بۇ كەنت جايلاشقان تۇرپان شەھىرى ئىدى. كەنتتىكى داۋالاش ئۆيىمۇ ياردەم بېرىپ قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش باش شۇجىغا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرى ئىچىدە داۋالاش ۋە مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ يۇرتداشلارنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە تۈركۈم قېتىم شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئۇلارنى قوبۇل قىلدى ھەم ئوپچە سۈرەتكە چۈشتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈركۈمى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى ئىدى.

باش شۇجى قوبۇل قىلىش زالىغا كىرگەندە، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. سەپنىڭ بىر ئۇچىدىن باش شۇجى بىر تەرەپتىن قول ئىشارىتى قىلىپ ئەھۋال سورىغاچ، بىر تەرەپتىن ئاستا قەدەم بىلەن يەنە بىر ئۇچىغا قاراپ ماڭدى.

مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەنلەر ئوخشاش بىر نىشان ئۈچۈن، بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىللە ئىشلىدى. بۇ مېھىرلىك تۇپراق ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارغا قاراپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىن ھېسسىياتى بىلەن يەرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىدا «فۇجيەننىڭ سانجىغا، جېجياڭنىڭ خوتەنگە نىشانلىق ياردەم بەرگەن»لىكىنى ئەسلىدى: «بۇ ئىشلار ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك چوڭ ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بىر قىسىم مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى ھەل قىلدۇق. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان يولداشلار روھىي جەھەتتىن، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەھەتتىن تاۋلىنىپ ۋە چېنىقىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. سىلەرنىڭ بۇ يەردە پۇختا، تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان تۆھپە».

ئارقىدىن ئېچىلغان دوكلات بېرىش يىغىنىدا، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا توختالدى. ئويلىنىش نۇقتىسى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم سالمىقىنى نامايان قىلدى: «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى. پۈتۈن پارتىيە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك».

ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىمۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت يېڭى پۇرسەت، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت يېڭى يۈزلىنىش، قوش ئايلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى ئەۋزەللىك... تۈرلۈك ئىشلاردا، شىنجاڭ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش دوكلات بېرىش يىغىنىدا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىنتايىن دانا، تامامەن توغرا بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ ئەھۋالدىمۇ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى».

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭغا يېڭى ئۈمىد ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك...»

ماھىر شاھماتچى ھەمىشە شاھمات ۋەزىيىتىنى كۆزلەيدۇ. شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ساقلاشتا، ئەڭ مۇھىم بولغىنى كىشىلەر قەلبى.

«بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالدىغا قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدىكى ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ پىكرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. خىزمەتنى ياخشىلاشقا پايدىلىق، ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولغانلىكى تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق قوبۇل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقنى ئىنكاس قىلىدىغان، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىكى سادالارنىڭ ھەممىسىگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك».

تۆت كۈنلۈك تەكشۈرۈشتە، قەيەرگە بارسا، شۇ يەر قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. ئالقىش سادالىرى، كۈلكە سادالىرى، تەنتەنە سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى، نۇرغۇن ئامما ھاياجانلىنىپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى. ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان بىر ياشانغان كىشى كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا سەپنىڭ ئالدىغا قىستىلىپ ئۆتۈپ، باش شۇجىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتتى.

مەكتەپتە، مەھەللىدە، كەنتتە، بىڭتۇەندە مىللىيچە كىيىنگەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجىنى چۆرىدەپ كەلدى، بىر مەنزىلدىن يەنە بىر مەنزىلگە ئۇزىتىپ قويدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)