شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 ـ نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2022-07-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 ـ نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 ـ نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى شياڭگاڭ يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 ـ نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى شياڭگاڭ يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭنىڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلىشىدا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 ـ نۆۋەتلىك باش مەمۇرى لى جياچاۋ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار چېن جيەنشىڭ، جۇ جىچەي، جاۋ بو) شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 ـ نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شياڭگاڭ يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 25 يىلدىن بۇيان، ۋەتەننىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتى شياڭگاڭدا پۈتۈن دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلغان مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيەتنىڭ قايتا ـ قايتا سىنىقىدىن ئۆتكەن، دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ۋەتەن خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ھىمايىسىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى. بۇنداق ياخشى تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشكە ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز شەرت.

  يىغىن مەيدانىدا، كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىدە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بايرىقى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 ـ نۆۋەتلىك باش مەمۇرى لى جياچاۋ ۋە رەپىقىسى لىن لىچەننىڭ ھەمراھلىقىدا يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلگەندە، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، تەبرىكلەش يىغىنى ھەم ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى. لى جياچاۋ ئالدى بىلەن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى، ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بايرىقى ئالدىدا ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

  ئارقىدىنلا، شى جىنپىڭنىڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلىشىدا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 ـ نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىدىكى ئاساسلىق ئەمەلدارلار لى جياچاۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.

  كەينىدىنلا، لى جياچاۋنىڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلىشىدا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مەمۇرىي كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن بارلىق شياڭگاڭ ئاھالىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى، يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 ـ نۆۋەتلىك باش مەمۇرى لى جياچاۋ ۋە 6 ـ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى، مەمۇرىي كېڭەش ئەزالىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىنى قوللىغان، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوللىغان دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى قېرىنداشلار ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىدا، خۇاشيا ئەجدادلىرىنىڭ لىڭنەندىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا تىرىشىپ تېرىقچىلىق قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن. ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىنكى جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدا، شياڭگاڭنى مەجبۇرىي بۆلۈپ بەرگەنلىكتەك خورلۇق خاتىرىلەنگەن، شۇنداقلا جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق كۈرەش تارىخىدا، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ قوشقان ئالاھىدە ھەم مۇھىم تۆھپىسى خاتىرىلەنگەن. تارىختىن بۇيان، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار باشتىن ـ ئاخىر ۋەتەن بىلەن جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولدى، تومۇرداش بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاش. مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىشلىگەن خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ گۈللەپ ياشنىشى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈندۇر. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيەتنىڭ قايتا ـ قايتا سىنىقىدىن ئۆتكەن، دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ۋەتەن خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ھىمايىسىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى. بۇنداق ياخشى تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشكە ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ شياڭگاڭدىكى مول ئەمەلىيىتى بىزگە نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى قالدۇردى، شۇنداقلا نۇرغۇن چوڭقۇر ئىلھام بېغىشلىدى.«بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ ئەمەلىيەت قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا ۋە دەل جايىدا ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر توغرا يۆنىلىشكە قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  بىرىنچى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنى بىر مۇكەممەل سىستېما. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىدىكى ئەڭ ئالىي پىرىنسىپ، بۇ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئەسلىدىكى كاپىتالىزم تۈزۈمىنى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالىدۇ، يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچۈن چەكسىز كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بېرىدۇ. «بىر دۆلەت» پىرىنسىپى قانچە مۇستەھكەم بولغانسېرى «ئىككى تۈزۈم» ئەۋزەللىكى شۇنچە نامايان بولىدۇ.

  ئىككىنچى، مەركەزنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ـ ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلارنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش شەرت. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ـ ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بار، بۇ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلارنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ مەنبەسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەركەز ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى قەتئىي قوغدايدۇ. مەركەزنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ـ ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلارنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش بىرلىككە كەلگەن، جىپسىلاشقان، پەقەت مۇشۇ بىر نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلارنى ياخشى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرت. ھاكىمىيەت ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ قولىدا بولۇشى شەرت، بۇ، دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان سىياسىي قانۇنىيەت. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى باشقۇرۇش ـ ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ قولىغا مەھكەم تۇتقۇزۇش كېرەك، بۇ، شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇقەررەر تەلەپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. باشقۇرۇش ـ ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ياخشى قوغدىغانلىق شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغدىغانلىق، 7 مىليوندىن ئارتۇق شياڭگاڭ ئاھالىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق.

  تۆتىنچى، شياڭگاڭنىڭ ئالاھىدە ئورنى ۋە ئەۋزەللىكىنى ساقلاش شەرت. ۋەتەننى تىرەك قىلىپ، دۇنيا بىلەن تۇتىشىش، بۇ، شياڭگاڭنىڭ ئۆزگىچە روشەن ئەۋزەللىكى. مەركىزىي ھۆكۈمەت شياڭگاڭنىڭ ئالاھىدە ئورنى ۋە ئەۋزەللىكىنى ئۇزاققىچە ساقلىشىنى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، سۇ تىرانسپورتى، سودا مەركىزى بولۇشتەك ئورنىنى مۇستەھكەملىشىنى، ئەركىن، ئوچۇق، قېلىپلاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى قوغدىشىنى، ئومۇمىي قانۇن تۈزۈمىنى ساقلىشىنى، راۋان، قولايلىق خەلقئارا ئالاقىنى كېڭەيتىشىنى تامامەن قوللايدۇ. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە، شياڭگاڭ مۇقەررەر مۇھىم، زور تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا تۆت تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ياخشى سىياسەت ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىش يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىش. ئىككىنچى، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ جەمئىيىتىدە مۇجەسسەملەنگەن غايەت زور ئىجادچانلىق ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىش. ئۈچىنچى، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، بارلىق شەھەر ئاھالىلىرىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈرۈش. تۆتىنچى، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش كېرەك. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى دۆلەتنىڭ ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەپ، مىللەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەڭ ياشلارنىڭ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئۆي سېتىۋېلىشتا دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ھەربىر شياڭگاڭلىق ياشنىڭ گۈزەل شياڭگاڭ قۇرۇش سېپىگە ئاتلىنىپ، ئوتتەك ياشلىق باھارى ئارقىلىق قالتىس كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاللىقاچان ئەكسىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ شياڭگاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش بۇ بىر تارىخىي مۇساپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ قەتئىي قوللىشىدا، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنىڭ كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈشىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، شياڭگاڭ چوقۇم تېخىمۇ زور شان ـ شەرەپ قۇچىدۇ، چوقۇم ۋەتەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش شان ـ شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ.

  لى جياچاۋ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 ـ نۆۋەتلىك باش مەمۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدىم، ھەم مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر بىلىمەن. مەن باشقۇرۇش ـ ئىدارە قىلىش كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  دىڭ شۆشياڭ، شۈ چىلياڭ، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يى، شيا باۋلۇڭ تەبرىكلەش يىغىنى ھەم ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې ھەمدە شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلارمۇ تەبرىكلەش يىغىنى ھەم ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.