​يېڭى دەۋردىكى شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە نەتىجىنى نامايان قىلىپ، لياۋنىڭنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىش كېرەك

2022-08-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ لياۋنىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​يېڭى دەۋردىكى شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە نەتىجىنى نامايان قىلىپ، لياۋنىڭنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىش كېرەك



8 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ لياۋنىڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جىنجوۋ شەھىرىنىڭ دۇڭخۇ ئورمان باغچىسىدا شياۋلىڭخې دەرياسى قىرغىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئارام ئېلىۋاتقان، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى



8 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ لياۋنىڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شېنياڭ شىنسۇڭ ماشىنا ئادەم - ئاپتوماتلاشتۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، لياۋنىڭ ئىلغار پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى مەركەزلىك كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا لياۋنىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە نەتىجىنى نامايان قىلىپ، لياۋنىڭنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

8 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ گوچىڭ، ئۆلكە باشلىقى لى لېچېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جىنجوۋ، شېنياڭ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى، دەريا - كۆللەرنى تۈزەش قۇرۇلۇشى، كارخانا، مەھەللە قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جىنجوۋ شەھىرىدە ئالدى بىلەن لياۋشېن جېڭى خاتىرە سارىيىنى كۆزدىن كەچۈردى. 70 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئارمىيەسىگە قوماندانلىق قىلىپ لياۋشېن جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شى جىنپىڭ مۇقەددىمە زالى، ئۇرۇش تارىخى سارىيى، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش سارىيى، قەھرىمانلار - ئىنقىلابىي قۇربانلار سارىيىنى تەرتىپ بويىچە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شەرقىي شىمال ئازادلىق ئۇرۇشى تارىخى ۋە لياۋشېن جېڭىنىڭ غەلىبە مۇساپىسىنى ئەسلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگەن تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئەسلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: لياۋشېن جېڭىنىڭ غەلىبىسى يولداش ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پارتىيەمىزنىڭ گومىنداڭ بىلەن قىلغان ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشى ھەم ئەسكىرىي كۈچ، ئوت كۈچى ئۇرۇشى، شۇنداقلا خەلق رايىنى مايىل قىلىش - مايىل قىلالماسلىق ئۇرۇشى. لياۋشېن جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى شەرقىي شىمال خەلقى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ قولغا كەلتۈرگەن، خۇەيخەي جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى پۇقرالار قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ قولغا كەلتۈرگەن، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى پۇقرالار كىچىك كېمىلەرنى ھەيدەپ قولغا كەلتۈرگەن. خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي بولۇپ، ئىشلارنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولغاندىلا، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارنى يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولالايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيىتى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى زۆرۈر دەرسلىك ۋە دائىملىق دەرسلىك قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شەرقىي شىمال خەلقى لياۋشېن جېڭىنىڭ غەلىبىسى ۋە شەرقىي شىمالنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن غايەت زور قۇربان بېرىپلا قالماي، يەنە يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى، پارتىيە ۋە خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. بىزنىڭ قىزىل ھاكىمىيىتىمىز مىليونلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە قولغا كەلگەن. ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. بىز ھاكىمىيەتنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز، خەلقمۇ ھەرگىز قوشۇلمايدۇ. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق دۆلىتىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، خەلق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق تۇرمۇش كەچۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈردى. بىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرجەم قىلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. قىزىل ھاكىمىيەت تەستە قولغا كەلگەن، ھاكىمىيەتنى ياخشى قوغداشتا مەسئۇلىيەت مۇھىم ۋە زور. پارتىيە ھېكايىسى، ئىنقىلاب ھېكايىسى، قەھرىمانلار ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل گېنغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ ئىز باسارى بولۇشقا، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ تېنىنىڭ ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى!

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ جىنجوۋ دۇڭخۇ ئورمان باغچىسىغا كېلىپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. باغچە شياۋلىڭ دەرياسى بىلەن نۈئېر دەرياسى قوشۇلغان جاينىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان. 2014 - يىلىدىن باشلاپ، جىنجوۋ شەھىرى ئىككى دەريانىڭ مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزىدى ھەم دەريا بويىدا ئون كىلومېتىردىن ئارتۇق كۆكەرتىش بەلبېغى بەرپا قىلىپ، دەريا بويى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىستىراھەت بەلباغسىمان باغچىسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ شياۋلىڭ دەرياسى بويىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ياخشى بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى قىممەتلىك بايلىق، شۇنداقلا شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىر ئەۋزەللىك. يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئېكولوگىيەنى قوغداش، مۇھىت قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش - ياسىمىچىلىق، شەھەر تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرگە سىڭدۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدۇ، پۇقرالارنىڭ تەسىراتىمۇ ئەڭ چوڭقۇر بولىدۇ. تاغنى تۈزەش، سۇنى تۈزەش، شەھەرنى تۈزەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقى، تۇرمۇش بوشلۇقى، ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق پىلانلاپ، پۇقرالار ئۈچۈن ئىستىراھەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش ئاممىۋى سورۇنلىرىنى كۆپرەك قۇرۇپ بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ نەق مەيداندا لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. بۇ يىل شىمالدا ھۆل - يېغىن كۆپرەك بولدى، لياۋنىڭ كەلكۈن مەزگىلىگە كىرگەندىن بۇيان كۆپ قېتىم كۈچلۈك يامغۇرلۇق جەريان كۆرۈلۈپ، زىرائەتلەر زىيانغا ئۇچرىدى، ئاممىنىڭ مال - مۈلكى زىيانغا ئۇچرىدى. لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشىدا تۈرلۈك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان 200 مىڭغا يېقىن ئاممىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يەيدىغان تامىقى بولۇشى، كىيىدىغان كىيىمى بولۇشى، ئىچىدىغان پاكىز سۈيى بولۇشى، ۋاقىتلىق بىخەتەر تۇرالغۇسى بولۇشى، كېسىلىنى ۋاقتىدا داۋالىتالايدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى. شى جىنپىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 8 - ئاي يەنىلا شىمالدىكى رايونلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەلكۈن ئەھۋالىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ۋاقتىدا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە، پۇختا تۇتۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش يىرىك پىلانىنى ياخشى قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناچار ھاۋارايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈن، ھۆلچىلىك، گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھازىر، بەزى جايلار ئېغىر قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىدى، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

دۇڭخۇ مەدەنىيەت مەيدانىدا دەم ئېلىۋاتقان، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئامما باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پۈتۈن خەلقنى ئورتاق بېيىتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بېيىسا بولمايدۇ، بەلكى پۈتۈن خەلق ئورتاق بېيىشى كېرەك؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلاشقان زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل مەدەنىيەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى ھەم چەكسىز ئۈمىدكە تولدۇق. جىنجوۋ قەھرىمان شەھەر، شۇنداقلا ئۆزگىچە مەدەنىيەت خاراكتېرىگە ۋە چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە شەھەر. تۈزەش ئارقىلىق بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم. كۆپچىلىكنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش، مۇھىتنى ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ماكانىنى ئورتاق ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يۇرتداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى شېنياڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ شېنياڭ شىنسۇڭ ماشىنا ئادەم - ئاپتوماتلاشتۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىگە كەلدى. كارخانا كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ لياۋنىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، لياۋنىڭ ئىلغار پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى مەركەزلىك كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم شىنسۇڭ شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا سانائەت ماشىنا ئادىمى، ھەمكارلاشقۇچى ماشىنا ئادەم، ئالاھىدە ماشىنا ئادەم قاتارلىقلار سىناق قىلىنىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ تېخنىك خادىملار ۋە كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن كارخانىنىڭ يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى سورىدى، كارخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شىنسۇڭ شىركىتىنىڭ جۇڭگو سۈرئىتى، جۇڭگو سەۋىيەسىنى نامايان قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.

سېخ سىرتىدا كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى چۆرىدىشىپ تۇردى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد چوڭ دۆلىتىدىن ئىقتىساد كۈچلۈك دۆلىتى، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، قورۇقچىلىق باش كۆتۈردى، لېكىن بىز ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ھەم پۇختا، ئېھتىياتچان بولۇپ، ھەم ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا قويۇپ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دېگەن پوزىتسىيە بىلەن پەن - تېخنىكىدا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەردە پەيتنى قولدىن بەرمەي بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكا ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى تىرىشىپ ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. ياشلار كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئۇلار كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئۈمىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنى ھەرقايسى ساھەلەردە دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، يېڭى دەۋردىكى شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن خۇاڭگۇ رايونى سەنتەيزى كوچا باشقارمىسى مۇدەن مەھەللىسىگە كەلدى. بۇ مەھەللە 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 3000دىن ئارتۇق ئاھالە بار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش مەھەللىسىگە ئايلاندى. شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى، ئامما پائالىيەت مەركىزى ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، بەخت تەربىيەسى دەرسخانىسىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە پېشقەدەم پىدائىيلاردىن شۇ جايدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ياشانغانلار ئاشخانىسىدا، شى جىنپىڭ غىزالىنىۋاتقان پېشقەدەملەردىن تاماق باھاسىنىڭ قىممەت - قىممەت ئەمەسلىكىنى، مەھەللە مۇلازىمىتىنىڭ ياخشى - ياخشى ئەمەسلىكىنى، تۇرمۇشىدا يەنە قانداق قىيىنچىلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى سورىدى.

شى جىنپىڭ ئاھالە لى شۇينىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى، ياتاق ئۆي قاتارلىقلارنى كۆردى، ئارقىدىن مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردى ھەم بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. كۆپچىلىك باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: مەھەللىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قىشتا ئۆينىڭ ئىچى خېلىلا ئىسسىپ قالدى، يوللارغا سۇ يىغىلىپ قالىدىغان مەسىلىمۇ ھەل بولدى، مۇھىت ياخشىلاندى، كەيپىياتىمىزمۇ ياخشىلاندى. ھازىر بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ئىشى ھەل بولدى، ياشانغانلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولدى، قوشنىلار ئىناق ئۆتۈپ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇق. ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ ئىناق، كۆڭۈللۈك، باياشات ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ ئىنتايىن مەمنۇن بولدى.

مەھەللىدىن ئايرىلغاندا، ئاھالىلەر باش شۇجىنى قىزغىنلىق بىلەن ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ھاللىق جەمئىيەت ئارزۇسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى، جۇڭگو ئارزۇسى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا پۇقرالارنىڭ «بەخت ئارزۇسى». جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق كۈرەشلىرىنىڭ ھەممىسى خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەت، شۇنداقلا شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم مەزمۇن. دىققەتنى خەلقنى كۆزلەش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياخشىلاپ، سۇ، توك، گاز قاتارلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەھەللە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ياشانغانلار ۋە بالىلار مەھەللىدە ئەڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالە، «ياشانغانلار ۋە بالىلار» مەسىلىسى نۇرغۇن ئائىلىلەر ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. دۆلىتىمىز ياشانغانلار كۆپىيىش جەمئىيىتىگە قەدەم قويدى. ياشانغانلار ئىشلىرى ۋە ياشانغانلار كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شارائىتى بار جايلار ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە ئامان - ئېسەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. مەھەللە تۈرلۈك ئاممىۋى پاراۋانلىق دەرستىن سىرتقى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى، پىسخىك ساغلاملىقى، قەلب ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەھەللە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىقنىڭ مەھەللىگە مايىللىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقرالارغا پارتىيەمىزنىڭ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ يېڭى دەۋردىكى شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شېنياڭدا شېنياڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى داشياۋدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ۋە تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل قوماندانلارنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، شېنياڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. جاڭ يوۋشيا قوبۇل قىلىشتا ھەمراھ بولدى.