مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2022-09-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​شى جىنپىڭ بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرنى تەبرىكلىدى


9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى بېيجىڭدىكى 1 - ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى ۋاڭ چياڭغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرمېي چاڭۋېي) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بېيجىڭدىكى 1 - ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ئەتراپىدا، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى ۋاڭ چياڭغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بېرىپ، تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋان پاگونى تاقىغان ۋاڭ چياڭ شى جىنپىڭغا ھۆرمەت سالىمى بەردى، مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا ھۆرمەت سالىمى بەردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.