شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇر» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2022-09-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

لى كېچياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە ھەم تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى



8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇر» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىلى شۆرېنفوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تېلېگراممىسىمەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇر» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەش يىغىنى 8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارنى بۇرچ ـ مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىندا تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

خەن جېڭ تەقدىرلەش يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەت بويىچە <خەلق رازى بولغان مەمۇر> ۋە <خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى>نى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە، ئىلغار تىپلارنى تەقدىرلەش، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كەڭ مەمۇرلار ۋە مەمۇرلار كوللېكتىپىنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن جۇ چىن قاتارلىق 397 يولداشقا مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇر» دېگەن نامنى بېرىش؛ بېيجىڭ لىزې پۇل مۇئامىلە سودا رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق 198 كوللېكتىپقا مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» دېگەن نامنى بېرىشنى قارار قىلدى.

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەنلىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇر» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى يۈكسەك تەقدىرلەيدىغانلىقىنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ مەمۇرلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق رازى بولغان مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى مەمۇرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى مۇساپىدە، كەڭ مەمۇرلار باشلامچىلىق بىلەن بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى، باشلامچىلىق بىلەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى، باشلامچىلىق بىلەن تۈزۈمگە رىئايە قىلىپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى، باشلامچىلىق بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى تەربىيەلەپ، پاكلىق مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ مەمۇرلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن مەمۇرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، خۇ چۇنخۇا، خۇاڭ كۇنمىڭ، شياۋ جيې كۆرۈشۈشكە ھەم يىغىنغا قاتناشتى، چېن شى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا تەقدىرلەنگەن ۋەكىللەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى. تەقدىرلەنگەن شەخس ۋە كوللېكتىپ ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.