يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك

2022-10-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ شەنشى يەنئەن ۋە خېنەن ئەنياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك

دىڭ شۆشياڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى



10 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن شەھىرى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەنياڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنئەن شەھىرىنىڭ ئەنسەي رايونى گاۋچياۋ بازىرى نەنگوۋ كەنتىدىكى ئالمىلىق باغدا يۇرتداشلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى



10 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن شەھىرى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەنياڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئەنياڭ لىنجوۋ شەھىرىدە قىزىل بايراق ئۆستىڭى سۇ بۆلگۈچ چۈشۈرگىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شەنشى يەنئەن\خېنەن ئەنياڭ، 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن شەھىرى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەنياڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنئەن روھى ۋە قىزىل بايراق ئۆستىڭى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ گوجۇڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى جاۋ يىدې، خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لوۋ ياڭشېڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ كەينىڭ ھەمراھلىقىدا، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن شەھىرى ۋە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەنياڭ شەھىرىدىكى يېزا، مەكتەپ، قىزىل تەربىيە بازىسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

يەنئەن كونا ئىنقىلابىي رايون، شۇنداقلا ئىلگىرى ئېغىر نامرات رايون ئىدى. شى جىنپىڭ شىمالىي شەنشىدىكى يۇرتداشلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 2015 - يىلى 2 - ئايدا، شى جىنپىڭ يەنئەندە شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم سىرتقا چىقىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا يەنئەنگە كېلىپ، يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قانداق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ پويىزدىن چۈشۈپلا، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يەنئەن شەھىرىنىڭ ئەنسەي رايونى گاۋچياۋ بازىرى نەنگوۋ كەنتىگە باردى. دەل ئالتۇن كۈز مەزگىلى بولغاچقا، تاغدىكى ئالمىلىق باغلاردا ئالمىلار مەي باغلاپ پىشقان بولۇپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولۇپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ باغقا كىرىپ، نەق مەيداندا ئالما ئۈزۈۋاتقان باغۋەنلەردىن بۇ يىللىق ئالما ھوسۇلىنى ئىگىلىدى، يۇرتداشلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم بىر تال قىپقىزىل چوڭ ئالمىنى ئۈزدى. شى جىنپىڭ ئالما ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى، ئۈزۈش ئۇسۇلى، سورتنىڭ سۈپىتى، سېتىلىش باھاسى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ھەمدە ئالما ئۆستۈرۈش ۋە باشقا كەسىپلەرنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سورىدى، يۇرتداشلار بىر - بىرلەپ جاۋاب بەردى. شى جىنپىڭ سۇغىرىش ۋە سۇ ئىشلىتىش مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، يۇرتداشلار باش شۇجىغا ئۆزلىرىنىڭ توسما ياساش، تېمىتىپ سۇغىرىش ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئارقىلىق سۇ ئىشلىتىش ۋە سۇغىرىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ ماختاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مانا بۇ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، سىلەر كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇۋاپىق يۆنىلىشىنى تېپىپ چىقىپسىلەر.

كەنتنىڭ ئالما يۇيۇش - تاللاش سېخىدا، شى جىنپىڭ شۇ جاينىڭ ئالما كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئاڭلىدى ھەم ئايرىپ يەشىككە قاچىلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى. نەق مەيداندا شۇ جايدا ئۆستۈرۈلگەن ھەر خىل ئالما ۋە ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار تىزىلغانىدى، شى جىنپىڭ ئىنتايىن قىزىقىش بىلەن بىر - بىرلەپ زەن قويۇپ كۆردى، تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلىدى، شۇ جاينىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

سېخ سىرتىدا، يۇرتداشلار بىر يەرگە يىغىلىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ يۇرتداشلار بىلەن مۇڭدىشىپ، ئەينى يىلى ئۆزى شىمالىي شەنشىدە زىيالىي ياش بولۇپ تۇرغان چاغلارنى ئەسلىدى. شى جىنپىڭ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: مەن شىمالىي شەنشىدە يەتتە يىل تۇرمۇش كەچۈردۈم، ئەينى يىلى يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدە قانداق قىلغاندا كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلايتتىم. بۇ قېتىم يەنئەنگە كېلىپ مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى كۆردۈم، قاتناش شارائىتى ئىنتايىن ياخشىلىنىپتۇ، غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەپتۇ. ئىلگىرى شىمالىي شەنشىدىكى يۇرتداشلار پەلەمپەي ئېتىز ياساپ زىرائەت تېرىيتتى، ئېتىزدا باش كۆتۈرمەي ئىشلەشنىلا بىلەتتى، كونا جوتۇنى كۆتۈرۈپ نۇرغۇن يەر تېرىپ شۇنچە جاپالىق ئىشلىسىمۇ ئاز ھوسۇل ئالاتتى، تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە تاغ باغرىدىكى تېرىلغۇ يەرلەر ئورمانغا قايتۇرۇلۇپ ئالما ئۆستۈرۈلدى، يۇرتداشلارنىڭ خىزمىتى، مۇقىم كىرىمى بار بولدى، بالىلار ياخشى تەربىيەلىنەلەيدىغان بولدى، ياشانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار بولدى، تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلاندى. شىمالىي شەنشىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن جۇڭگودىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىدىكى بىرىنچى 100 يىللىق نىشان ئىشقا ئاشتى، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى ھەل بولدى، يۇرتداشلار ياخشى تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، لېكىن يەنە داۋاملىق تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى گۈزەللەشتۈرۈشى كېرەك. شىمالىي شەنشىنىڭ كىلىماتى، يورۇقلۇق، كەڭلىك گىرادۇسى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى قاتارلىقلار ئالما ئۆستۈرۈشنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى، پاكارلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى، مېۋە تاللاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قاتارلىقلار ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئالمىلار ئۆز جايىدىلا سېتىلىپ، كىشىلەر سېتىش يوللىرىدىن غەم قىلمايدىغان بولدى، ئالما ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كىلىمات، جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە ئادىمىيەت جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە، بۇ، ئەڭ ياخشى، ئەڭ مۇۋاپىق كەسىپ بولۇپ، ئىستىقبالى پارلاق. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنىڭ پارتىيەسى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مەقسىتى دەل پۇقرالارغا ئىش قىلىپ بېرىش، پۇقرالارنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنى بىرمۇبىر ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش كېرەك. يۇرتداشلار گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ يەنئەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ زاۋيۈەن مەكتەپ رايونىغا كەلدى. يەنئەن ئوتتۇرا مەكتىپى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرغان تۇنجى ئوتتۇرا مەكتەپ، پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار، مائارىپچىلار پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبىرىي يولداشلىرىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشى بىلەن ئۆسۈپ يېتىلگەن، شەرەپلىك تارىخ ۋە ئېسىل ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن. شى جىنپىڭ مەكتەپنىڭ مائارىپ تارىخى سارىيىغا كىرىپ، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي مەكتەپ باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ يەنئەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يەنئەن روھى بىلەن ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا، ھەر خىل تاماقلار تەل بولۇپ، مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ تەپسىلىي كۆرۈپ، ئاشپەزلەردىن تاماقلارنىڭ باھاسى ۋە تاماق تۈرلىرىنى ئىگىلىدى، ئۇلارغا سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تازىلىققا دىققەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم، ئازادە غىزالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تاپىلىدى.

ئوقۇتۇش بىناسىدا ئوقۇغۇچىلار دەرس ئاڭلاۋاتاتتى. شى جىنپىڭ تولۇق ئوتتۇرا 1 - يىللىق 2 - سىنىپقا كىرىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ئوقۇغۇچىلاردىن قانداق غايىسى بارلىقىنى، چوڭ بولغاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىشنى ئويلايدىغانلىقىنى سورىدى. بىر ساۋاقداش كەلگۈسىدە لى شىجېنغا ئوخشاش دوختۇر بولغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، يەنە بىر ساۋاقداش ئىمتىھان بېرىپ داشۆگە ئۆتۈپ دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقۇغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، يەنە بىر ساۋاقداش چەت ئەل تىلى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە دىپلوماتىيە تەرجىمانى بولغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئۇلارنى كىشىلىك ھايات نىشانىڭلار ئېنىق، غايەڭلار ئالىيجاناب ئىكەن دەپ ماختىدى. ئۇ ساۋاقداشلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، قىزىل گېننىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

مەكتەپتىن ئايرىلغاندا، تۈن پەردىسى يېيىلغانىدى. ساۋاقداشلار سىنىپتىن چىقىپ، چاۋاك چېلىپ باش شۇجىنى ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خېنەن ئەنياڭنىڭ لىنجوۋ شەھىرىدىكى قىزىل بايراق ئۆستىڭى خاتىرە سارىيىغا كەلدى. 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا، شۇ جايدىكى خەلق تەبىئەتكە تايىنىپ ئاسماندىن يامغۇر يېغىشنى كۈتۈپ تۇرىدىغان ناچار ياشاش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، تەيخاڭ تېغى قاپتىلىدا جوجاڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى لىنشيەن ناھىيەسىگە باشلاش سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرگەن، بۇ قۇرۇلۇش «سۈنئىي سامانيولى» دەپ ئاتالدى. شى جىنپىڭ كۆرگەزمە سارىيىغا كىرىپ، «مىڭ يىللىق قۇرغاقچىلىق ئالۋاستىسىغا قارشى ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈرەش قىلىش» «قىزىل بايراقنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۆجىزە يارىتىش» «قەھرىمان خەلق، تەيخاڭدىكى ئابىدە» «تاغ - دەريالاردىكى غايەت زور ئۆزگىرىش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» «ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش، روھنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش» قاتارلىق كۆرگەزمە مەزمۇنلىرىنى تەرتىپ بىلەن ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىزىل بايراق ئۆستىڭى بىر خاتىرە مۇنارى بولۇپ، ئۇنىڭدا لىنشيەنلىكلەرنىڭ تەقدىرگە تەن بەرمەيدىغان، يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى خاتىرىلەنگەن. قىزىل بايراق ئۆستىڭى روھى ئارقىلىق خەلقنى، بولۇپمۇ كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش كېرەك، سوتسىيالىزم جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، قۇربان بېرىش بەدىلىگە كەلگەن، ئىلگىرى شۇنداق بولۇپلا قالماي، يېڭى دەۋردىمۇ شۇنداق. پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كىشىلەر جان تىكىپ ئىشلىمىگەن بولسا، ئىسسىق قېنىنى تۆكمىگەن بولسا، ھەتتا ھاياتىنى بېغىشلىمىغان بولسا، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇش بولمايتتى، بىز ئۇلارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، ماددىي تۇرمۇش زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، لېكىن يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكەش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھى ئۆزگىرىپ كەتسە بولمايدۇ. قىزىل بايراق ئۆستىڭى ناھايىتى تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كېلىپ كۆرۈپ بېقىشى كېرەك. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قىزىل بايراق ئۆستىڭىنىڭ سۇ بۆلگۈچ چۈشۈرگىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، سۇ بۆلگۈچ چۈشۈرگىسىنىڭ سۇ تەڭشەش، سۇغىرىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

قىزىل بايراق ئۆستىڭىنى ياساش جەريانىدا، 300 نەپەر ياش زەربىدار ئەترەت بولۇپ تەشكىللىنىپ، بىر يىل بەش ئاي جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يەر شەكلى خەتەرلىك، تاش جىسمى قاتتىق بولغان قىيا تاشلىقنى قېزىپ تونېل ئاچتى، بۇ سۇ يەتكۈزۈش تونېلىغا «ياشلار تونېلى» دەپ نام بېرىلدى. شى جىنپىڭ پەلەمپەي بىلەن يۇقىرىغا چىقىپ، ياشلار تونېلىغا كېلىپ، پىيادىلەر يولىنى بويلاپ قىزىل بايراق ئۆستىڭىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قىزىل بايراق ئۆستىڭى روھى يەنئەن روھى بىلەن تومۇرداش، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆچمەس تارىخىي ئەسلىمىسى بولۇپ، مەڭگۈ كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. ياش ئەۋلادلار جاپا - مۇشەققەتكە چىداش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىش ۋە جاپادىن باش تارتىش خاھىشىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش ياشلىق باھارىنى ئىسسىق قېنى ئارقىلىق تارىخىي ئابىدىگە ئويۇشى كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر - ئىككى ئەۋلاد كىشىنىڭ ئىشى، بىز دەل مۇشۇ پەيتتە تۇرۇۋاتىمىز، ئۈمىدنى يەردە قويماي، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك. قىزىل بايراق ئۆستىڭى روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ!

10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئەنياڭ شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى خۇەنخې دەرياسىنىڭ جەنۇب - شىمال ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان يىنشۈ خارابىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. يىنشۈ دۆلىتىمىز تارىخىدىكى تۇنجى ئىشەنچلىك ھۆججەتلەرگە ئىگە، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئارقىلىق ئىسپاتلانغان شاڭ دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە تەۋە پايتەخت شەھەر خارابىسى. شى جىنپىڭ يىنشۈ مۇزېيىغا كىرىپ، مىس بۇيۇملار، قاشتېشى بۇيۇملار، چىغىناق - تاغاق يېزىقى قاتارلىق قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەپسىلىي كۆردى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ھارۋا - ئات ئورىكى كۆرگەزمە زالىغا كېلىپ، شاڭ دەۋرىدىكى ئۇلاغ كۈچىگە تايىنىدىغان ھارۋىنىڭ ئەمەلىي بۇيۇم ئەۋرىشكىسى ۋە يول ئىزىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يىنشۈدە قېزىۋېلىنغان چىغىناق - تاغاق يېزىقى بىز ئۈچۈن 3000 يىل ئىلگىرىكى يېزىقنى ساقلاپ قېلىپ، جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك تارىخىنى تەخمىنەن 1000 يىل ئالدىغا سۈردى. مەن يىنشۈنى كۆرۈپ كېلىشنى ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، بۇ قېتىم كېلىشتىكى مەقسىتىم جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ، قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر. جۇڭگونىڭ خەنزۇ يېزىقى ناھايىتى قالتىس، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى خەنزۇ يېزىقىنىڭ ساقلىشى ۋە باغلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ جەھەتتە، ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىنىڭ تۆھپىسى ئۇلۇغ. ئارخېئولوگىيە خىزمىتىگە داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى، بىزنىڭ ئۇلۇغ مىللىتىمىزنى ياراتتى، بۇ مىللەت يەنە داۋاملىق ئۇلۇغ مىللەت بولىدۇ. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىش، تەتقىق قىلىش - قوغداش خىزمىتى ئارقىلىق مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى پارتىيەمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ «يىلتىزى»، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ يولىمىز «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش». بىز مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىشەنچىمىز ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

چېن شى ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمراھ بولۇپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.