شى جىنپىڭ كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2022-11-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى



11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا كېلىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا دىئاز - كانېل ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن دىئاز - كانېل ۋە رەپىقىسى كۈيسىتا بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا كېلىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى رەھبىرى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. كۇبا غەربىي يېرىم شاردىكى تۇنجى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت، جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ كۇبا تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى، بىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنى ئۆز كۈچىمىز ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلەيمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ماركسىزمنى يەرلىكلەشتۈرۈش، دەۋرلەشتۈرۈش يېڭى مەنزىلىنى ئورتاق ئېچىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزمنى ياخشى قۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كۇبا بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى ياخشى يولداشلار، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلار. جۇڭگو - كۇبا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى پېشقەدەم رەھبەرلەر ئۆز قولى بىلەن ئورناتقان ھەمدە كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 62 يىلدىن بۇيان، كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - كۇبا ئىككى تەرەپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات - تەرەققىياتتىكى ھەمراھلاردىن بولدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن مۇئامىلە قىلدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتىنى دىپلوماتىيە پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇنغا قويدى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو - كۇبا ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇقىدا چىڭ تۇرۇش فاڭجېنى ئۆزگەرمەيدۇ، كۇبانىڭ سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشىنى قوللاش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، كۇبا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، زومىگەرلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كۇبانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە قامال قىلىشىغا قارشى تۇرۇشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، كۇبا تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ھازىر كۇبادىكى يولداشلار ناھايىتى زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئەزەلدىن جاسارەت بىلەن يول ئېچىش داۋامىدا ئىلگىرىلىگەن، بىز كۇبادىكى يولداشلارنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى چوقۇم يېڭەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز، شۇنداقلا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز ۋە ياردەم بېرىمىز. جۇڭگو تەرەپ كۇبا بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقى ماھىيەتتە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى، بۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئالدىنقى شەرت، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى پىرىنسىپ، ئوچۇق ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇشنى ئالاھىدىلىك، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە تارىخ ئېقىمىغا ماس كېلىدۇ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ھازىر لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى رايونىنىڭ سىياسىي ئەندىزىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك چوڭقۇر تەڭشىلىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كۇبانى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

دىئاز - كانېل رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنى جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغان لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تۇنجى دۆلەت باشلىقى سۈپىتىدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە دۆلىتىگە ۋاكالىتەن يەنە بىر قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ شى جۇشىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، دۇنيادىكى ئىلغار كۈچلەرنىڭ بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملانغانلىقىنى بىلدۈردى. دىئاز - كانېل مۇنداق بىلدۈردى: مەن ئۆزۈم ۋە كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر سىزنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىڭىزنى ئەستايىدىل ئۆگەندۇق. ئىنتايىن مۇرەككەپ، كەسكىن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئالدىدا، كۇبا جۇڭگونى ئۈلگە قىلىپ، خىرىسقا ئىجادىي ھالدا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، سوتسىيالىزمنى گۈللەندۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

دىئاز - كانېل مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۇبانىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. كۇبا تەرەپ شۇنداق تەكىتلەيدۇكى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى - جۇڭگو ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى، «77 دۆلەت گۇرۇھى + جۇڭگو» قاتارلىق رايون ۋە خەلقئارالىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋاملىق تۈردە لاتىن ئامېرىكىسى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ پارتىيەلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقلىرى ئارا كېڭىشىش مېخانىزمى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىق قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئىككى تەرەپ ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە كۇبا جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا دىئاز - كانېل ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى.

سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن دىئاز - كانېل ۋە رەپىقىسى كۇيسىتا ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.