شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2022-11-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى



شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم «دەۋر خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىجۈ پېڭفوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارليۇ خۇا، يۈ چيەنلياڭ) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم «دەۋر خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، بۇ، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش. ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تەكرارلىنىپ ئارقىغا سۈرۈلۈۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىقى تېخىمۇ گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيەت كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇۋاتىدۇ، ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆپ خىل كىرىزىس گىرەلىشىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئېغىر، زور خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئورنىغا، ھەمكارلىقنى قارشىلىشىشنىڭ ئورنىغا، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى باشقىلارنى چەتكە قېقىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، «دۇنياغا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن بۇ، دەۋر تېمىسىنى ئورتاق ھەل قىلىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئورتاق ئۆتۈپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيا ۋە رايون چوڭ دۆلەتلىرى بولۇپ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلىشى، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى كۆزلىشى، دۇنيانىڭ ئالغا بېسىشىنى كۆزلىشى كېرەك.

بىز تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان بولغان يەرشارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئىتتىپاقلىق − كۈچ، بۆلگۈنچىلىكنىڭ چىقىش يولى يوق. بىز ئوخشاش بىر يەرشارى كەنتىدە ياشاۋاتىمىز، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇشىمىز كېرەك. ئىدېئولوگىيەنى پاسىل قىلىپ، گۇرۇھۋازلىق سىياسىيسى ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشى بىلەن شۇغۇللىنىش پەقەت دۇنيانى پارچىلاپ، يەرشارىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى 21 ـ ئەسىرگە قەدەم قويدى، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتتى. بىز قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك، قوشنىسىغا ئورا كولىماسلىقى، «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام» قوپۇرماسلىقى، بېكىنمىچىلىك قىلىپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان «كىچىك گۇرۇھ» قۇرماسلىقى كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. بۆلگۈنچىلىك، قارشىلىشىش ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئىتتىپاقلىشىپ بىللە ياشاشلا توغرا تاللاشتۇر.

بىز تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان يەرشارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىلا ھەقىقىي تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ. دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى نامراتلارنىڭ بارغانسېرى نامراتلىشىشى، بايلارنىڭ بارغانسېرى بېيىشى ئاساسىغا قۇرۇلسا بولمايدۇ. ھەربىر دۆلەت ياخشى كۈن كەچۈرۈشنى ئويلايدۇ، زامانىۋىلىشىش قايسىدۇر بىر دۆلەتنىڭ ئىمتىيازى ئەمەس. ئالدىدا ماڭغان دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ يەرشارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. چوڭ دۆلەتلەردە چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيەتچانلىق بولۇشى، ھەممىسى يەرشارىۋى تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنى بىلەن كۈچ چىقىرىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ۋە جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقى فوندى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو − بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات فوندى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن بۇ تەشەببۇسنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېڭى ياردەمچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

بىز تېخىمۇ ئېلاستىكلىققا ئىگە يەرشارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى تەتۈر شامالغا دۇچ كەلدى، دۇنيا ئىقتىسادى چېكىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ كۈنى تەس، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئالدى بىلەن بۇ زەربىگە ئۇچرىدى. بىز تەرەققىيات مەسىلىسىگە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. يەرشارىۋى ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئويلاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا قاتنىشىشىنى قوللايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى پۇل پاخاللىقىنى چەكلەپ، سىستېما خاراكتېرلىك ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنى تۈگىتىشى كېرەك، بولۇپمۇ تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر پۇل سىياسىتىنى تەڭشەشنىڭ سەلبىي تاشما ئېففېكتىنى ئازايتىشى كېرەك. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە سودا ھەقدارلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق ھەقدار تەرەپلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىتا قەرزنى كېمەيتىش ـ كېچىكتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى، قەرزنى كېچىكتۈرۈش ئومۇمىي سوممىسى 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئالاقىدار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىنى مەدەت بىلەن تەمىنلىدى.

بىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى داۋاملىق قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئوچۇق، ئادىل، كەمسىتىش بولمىغان رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىيات مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، جەنۇب ـ شىمال دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى رەقەم ھاڭىنى تارايتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشتە، جەزمەن ئورتاق، لېكىن پەرقلىق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپى بويىچە، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەدەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. چىرىكلىشىشكە قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇش، قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ پۇل ـ زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يەرشارىۋى تەرەققىيات ساھەسىدىكى ئەڭ تەخىرسىز خىرىس. ھازىرقى كىرىزىسنىڭ مەنبەسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېھتىياج مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىق كاشىلىغا ئۇچرىدى. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولى بازارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىلگەن، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ مىقدارلىق تاۋار بازىرىنى قۇرۇپ، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئورتاق راۋانلاشتۇرۇپ، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاشلىق، ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، ۋاسىتىلەشتۈرۈش، قوراللاشتۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بىر تەرەپلىمە چەكلەش تەدبىرىنى بىكار قىلىپ، ئالاقىدار پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىغا قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىش كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى ئىشلەپچىقىرىش، يىغىپ ساقلاش، مەبلەغ، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى زۆرۈر مەدەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ 20 دۆلەت گۇرۇھىدا خەلقئارا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېقىندا مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىلىرى ۋە چوڭ سىياسەت ـ فاڭجېنلىرىنى پىلانلىدى. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ. زامانىۋىلىشىشقا ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلىۋاتقان جۇڭگو مۇقەررەر ھالدا دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا ھەمكارلىققا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ!

ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.