مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2022-12-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى چياڭ مۇھىم سۆز قىلدى جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى يىغىنغا قاتناشتى

12 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن 16 ـ كۈنىگىچە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

■كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد سۈپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن 16 ـ كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى كېچياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ 2022 ـ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، 2023 ـ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. لى كېچياڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. لى چياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل. بىز پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك چاقىرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتۇق. بوران ـ چاپقۇنلۇق خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆزلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇردى، تەرەققىيات سۈپىتى مۇقىم ئۆستى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، ئېھتىياج تارىيىش، تەمىنلەش زەربىگە ئۇچراش، كۆزلىمە ئاجىزلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ قات بېسىم يەنىلا بىرقەدەر زور، تاشقى مۇھىت داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭقۇرلاشماقتا. لېكىن شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمى سىجىل نامايان بولدى، كېلەر يىللىق ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئومۇمىي جەھەتتىن قايتا ئۆرلەشتىن ئۈمىد بار. ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بەش يىل ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بەش يىل بولدى، بىز دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېز ئۆزگىرىشى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى قاتارلىق كۆپ خىل سىناقلارغا بەرداشلىق بەردۇق، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدۇق، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ پاراخوت دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. يېڭى دەۋردىكى 10 يىل دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن 10 يىل بولدى. بىز مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقتۇق، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ تەرەققىيات پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇشتا، تەرەققىيات جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولۇشتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، سىستېما قارىشى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى تۈرلۈك سىياسەت ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشتىكى ئۆلچەم قىلىش؛ سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىش؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، توختام روھىغا ئەمەل قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن بازار ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد سۈپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كېلەر يىلى مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا، كۈچلۈك پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى، ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇشى كېرەك. زۆرۈر مالىيە چىقىمىنىڭ سىجىللىقىنى ساقلاپ، قىزىل رەقەم، مەخسۇس تۈر قەرزى، ياردەم ئۆسۈم قاتارلىق قوراللارنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىرىكتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۈنۈملۈك مەدەت بېرىش داۋامىدا مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ ـ خەتىرىنى كونترول قىلغىلى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ يەرلىككە بولغان يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مالىيە كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

پۇختا ۋە كۈچلۈك پۇل سىياسىتى دەل جايىدا، كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. يۆتكىلىشچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، تولۇق بولۇشىنى ساقلاپ، كەڭ مەنىدىكى پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ۋە جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئوخشاش نامدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماسلىشىشىنى ساقلاپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

كەسىپ سىياسىتىدە تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تەڭ تۇتۇش كېرەك. كەسىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەپ تولۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشان ـ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا يېڭى كەسىپ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. «پەن ـ تېخنىكا −كەسىپ − پۇل مۇئامىلە»نىڭ ياخشى ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پەن ـ تېخنىكا سىياسىتىدە دىققەتنى ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى كۈچلۈك بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تەشكىللەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش سۈپىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى تېزلىتىش كېرەك.

جەمئىيەت سىياسىتى خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشلارنىڭ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. قۇرۇلما خاراكتېرلىك مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ قىسمەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تۈگىتىش كېرەك. يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھالىتى بويىچە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى سىغىمىنى كېڭەيتىش، تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ۋە رايونلارغا تەكشى جايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى دەل ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى، تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق، خىرىس ناھايىتى كۆپ، سىستېما قارىشى، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە قاراپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى باسقۇچتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىشى، دورا ئىشلىتىشىگە ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ياشانغانلار ۋە ئاساس خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار توپىغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچەش كېرەك. ئىقتىساد سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سان ئۆزگىرىشىنىڭ جۇغلىنىشى ئارقىلىق سۈپەت ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنات ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىل ۋە يول ئارقىلىق ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى قوللاش كېرەك. ئىقتىساد سىياسىتى بىلەن باشقا سىياسەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىنى كۈچەيتىپ، ماكرولۇق سىياسەت يۈزلىنىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت ئىچى ئايلىنىشى بىلەن خەلقئارا ئايلىنىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، دۆلەت ئىچى چوڭ ئايلىنىشىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇش، خەلقئارا ئايلىنىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھازىر بىلەن ئۇزاق كەلگۈسىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەم ھازىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئۈچۈن جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، چىگىش، ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق كۆزلىمىنى ياخشىلاش، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇشتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، ئاساسنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

بىرىنچى، دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىش كېرەك. ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئىستېمال ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇپ، تۇرالغۇنى ياخشىلاش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىستېماللارغا مەدەت بېرىش كېرەك. ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش ۋە سىياسەت جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، «14ـ بەش يىل»دىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، رايونلار ئارا ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇھىم، زور تۈرلەرگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىن مەدەت بېرىشنى زورايتىش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ خەلق ئىچى كاپىتالىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلىرى ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە جەلپ قىلىش كېرەك. ئېكسپورتنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تىرەكلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار تېخنىكا، مۇھىم ئۈسكۈنە، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى پائال كېڭەيتىش كېرەك.

ئىككىنچى، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ياسىمىچىلىق نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلار ۋە زاپچاسلاردىكى ئاجىز ھالقىلارنى دەل جايىدا تېپىپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولۇشى ۋە بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇھىم ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى دۆلەت ئىچىدە چارلاش ـ ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىش ـ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيا زاپىسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يەرشارىۋى كەسىپ ئىش تەقسىماتىدىكى ئورنى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيو ياسىمىچىلىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، كىۋانت ھېسابلاش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش، كېڭەيتىشنى تېزلىتىش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دائىملىق نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىشتا، خەلقئارا رىقابەتتە ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلىشنى قوللاش كېرەك. يەرشارىۋى كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭ جايلىشىشىنى تەڭشەش جەريانىدا يېتىلگەن يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دادىللىق بىلەن يېڭى ساھە ئېچىش، يېڭى مۇسابىقە يولىدا غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىزنىڭ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش ـ تۇرالماسلىقىمىز توغرىسىدا جەمئىيەتتە تارقالغان ناتوغرا مۇلاھىزىلەرگە قارىتا، جەزمەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز كېرەك. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ ئىسلاھ قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتى بىلەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. جۇڭگوچە دۆلەت كارخانىلىرىنى زامانىۋى شىركەت تۈزۈمى بويىچە ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى بويىچە تىجارەت قىلىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش تەلىپىنى تۈزۈم ۋە قانۇن جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا سىياسەت ۋە ئاممىۋى پىكىر جەھەتتىن ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت ـ سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشى كېرەك.

تۆتىنچى، تاشقى مەبلەغنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەت ساھەسىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا قارىتا دۆلەت پۇقراسىدەك مۇئامىلىدە بولۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش ـ خېرىدار بولۇش، ئۆلچەم بېكىتىشكە قانۇن بويىچە باراۋەر قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى قاتارلىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد ـ سودا كېلىشىملىرىگە قاتنىشىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئالاقىدار قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەمگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ سودا، مەبلەغ سېلىش كېڭىشىشى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، تاشقى مەبلەغ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ قۇرۇلۇش قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بەشىنچى، ئېغىر، زور ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. ئۆي ـ مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كەسىپلەرنىڭ مۇۋاپىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كەسىپلەرنى قايتا تەشكىللەش، قوشۇۋېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆي ـ مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، مۈلۈك قەرز ئەھۋالىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. شەھەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، مۇتلەق خاراكتېرلىك ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاپ، يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياشلار قاتارلىقلارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجارە ئۆي بازىرى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئۆينى ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىش، سودا ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالماسلىقتىن ئىبارەت ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆي ـ زېمىن كەسپىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىلىق ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، رايون خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، قەتئىي تۈردە ئېشىش مىقدارىنى توسۇش، ساقلانما مىقدارنى تۈگىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلاش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. رايون مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى ۋە رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما چىقىرىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىزدەك بۇنداق چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ تەدبىر يۈرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقى ۋە دەل جايىدا بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوزغىتىش كېرەك. بازار قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىش كېرەك. دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى جىددىي ئېھتىياجنى چۆرىدەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان پايدىسىز ئامىللارنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە، يەرلىك قەرز خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ ـ خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. تېخىمۇ زور سالماق بىلەن تاشقى سودىنىڭ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن تاشقى مەبلەغنىڭ ساقلانما مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاشۇرۇلما مىقدارىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەمىنلەشنى كۆپەيتىشىگە مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىجادىي ياخشى تۇتۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى پۇختا بىر تەرەپ قىلىپ ۋە تۈگىتىپ، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرتىپلىك تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراش مەزگىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، تىنچ باسقۇچقا ئۆتۈش ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ۋە كېلەر يىلىنىڭ بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆمۈر، توك، ماي، تەبىئىي گاز، تىرانسپورتنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ قىشنى ئىللىق، بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقۇم، ئاپەت سەۋەبىدىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئامما ۋە ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىغا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىدىغان روھىي ھالەت ۋە «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېڭى بەنزىدىكىلەر يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىشى، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپكە پىششىق، كەسىپ ئەھلى رەھبەرلەرگە ئايلىنىشى كېرەك. ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى ئىلمىي، دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.