يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك

2022-12-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

12 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتكەندىلا ئاندىن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ. يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى بولمىسا پۈتكۈل زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتمۇ بولمايدۇ؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشى بولمىسا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشمۇ ئومۇميۈزلۈك بولمايدۇ. تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىنى پۇختىلاشنىڭ ھەممىسى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، مەۋقەنى ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇشتەك بايلىق ئالاھىدىلىكى، تېرىقچىلىق مەدەنىيلىكىنىڭ تارىخىي ئاساسى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتەك دەۋر تەلىپىگە قويۇپ، ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىشىمىز، چەت ئەلنىڭ زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى ئەندىزىسىنى ئاددىيلا كۆچۈرۈپ كەلمەسلىكىمىز كېرەك. ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ تاماق قاچىسىنى مەھكەم تۇتۇپ، قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە تايىنىپ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك، تۆۋەن كاربونلۇق يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېرىقچىلىق مەدەنىيلىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ھازىر، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يىرىك پىلانى تۈزۈشنى تېزلىتىش كېرەك؛ تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئاساس سالىدىغان، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش كېرەك؛ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار نىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ تەخىرسىز، دېھقانلارنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان يۈز - ئابرۇي قۇرۇلۇشىنى قىلماسلىق كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش باشتىن - ئاخىر يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈش كېرەك. تېرىلغۇ يەر ۋە ئۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ ھەممىسىنى پەيدىنپەي يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىدە ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، مۇھىم سورتلارنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلارغا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش بىلەن زىياننى ئازايتىشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە تەڭ كۈچەپ، يېمەكلىك تېجەشكە دائىر تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ماكرو يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، كۆپ مەنبەلىك يېمەكلىك تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېمەكلىك مەنبەسىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئېچىش كېرەك. قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالاپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋردە يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، ئادەم كۈچى سېلىنمىسى، ماددىي كۈچ تەقسىماتى، مالىيە كاپالىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يۆتكەش كېرەك. كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت «بەشنى گۈللەندۈرۈش»نى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم قىلىش - يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەرلىك خاس مەھسۇلات» ئىشىنى ياخشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ خاس بايلىقىغا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك قىممىتىنى ئېچىشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، باشلامچىلارنى كۈچەيتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، كەسىپ ھالىتىنى گۈللەندۈرۈپ، ماركا يارىتىپ، يېزا - كەنت كەسىپ پۈتۈن زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بازار رىقابەت كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيەتنى داۋاملىق چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارغا ياردەم قىلىش - يۆلەش سىياسىتىنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كەنت، پۈتۈن يېزا بويىچە قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلۈشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن كېڭەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكا ۋە ئىسلاھاتتىن ئىبارەت قوش چاقلىق قوزغىتىشقا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى چىڭ كۆزلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا سەۋىيىسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ھەركىم ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلىش، تۆۋەن سەۋىيەدە تەكرار ئىش قىلىش، ئايلاندۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يېتەكچى، كەسىپ جىددىي ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىپ، دىققەتنى ئۇللۇق تېخنىكا، يادرولۇق ئۇرۇقلۇق مەنبەسى، ئاچقۇچلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئەۋزەل پەن تەتقىقات بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەلەمپەيسىمان ئېنىق ئايرىلغان، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىدىغان، مۇۋاپىق رىقابەتلىشىدىغان يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا ئىستراتېگىيەلىك كۈچىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ساھەسىنىڭ مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش كېرەك. يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى داۋاملىق ئىگىلەپ، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش، دېھقانلار كوللېكتىپى ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشنى بايلىق مۇھىم ئامىلىنى قوزغىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېزا كوللېكتىپىنىڭ بايلىق، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايرىم تەسىس قىلىش ۋە ھوقۇق ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ دېھقانلارنى ئىسلاھات داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەردىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. ھۆددە مۇددىتىنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كۆپ ساندىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھۆددە ھوقۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ھۆددە مۇددىتىنى ئوڭۇشلۇق ئۇزارتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى قوللاپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېز تاكامۇللاشتۇرۇپ، يەككە دېھقان ئائىلىلىرىگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇختا، سالماق ئالغا سىلجىتىپ، يېزا كوللېكتىپنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەر قوشۇلما قىممەت پايدىسىنى تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شەھەر - يېزا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشى، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىگە توسالغۇ بولىدىغان تۈزۈم توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەرەققىيات مۇھىم ئامىللىرى، تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرنىڭ يېزىلارغا تېخىمۇ كۆپ مايىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدى بىلەن ناھىيە رايونى ئىچىدىكى شەھەر - يېزىدىن ئىبارەت ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە زۆرۈر شەرتى، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان، ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنى. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىن ئىچكى ماھىيىتىنى چۈشىنىش، تاشقى قىياپەت بىلەن ئىچكى ماھىيەت تەڭ ھازىرلانغان بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «يېزىلاردا زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاش» نىشانىنى كۆزلەپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇش، بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەل بولۇش دەرىجىسى، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ قولايلىق بولۇش دەرىجىسى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ راھەت بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى ئۆز جايىدا زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنى ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇش، ھەم مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنى ئىشنى بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىش، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەش، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاش، زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىش، كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش پىرىنسىپىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بەش دەرىجىلىك شۇجى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى «بىرىنچى سەپتىكى باش قوماندان» بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كادىرلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالايدىغان، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۆز جايىدا تەربىيەلەش بىلەن سىرتتىن كىرگۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى ۋە يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتى باشلامچىلىرىنى تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ساپاسىنى، تەربىيەلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى ياخشى يېتىشتۈرۈش، ياخشى ئىشلىتىش كېرەك؛ بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، داشۆنى پۈتكۈزگەنلەرنى يېزىغا بېرىشقا، قابىللارنى يۇرتىغا قايتىشقا، دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنى يۇرتىغا قايتىشقا، كارخانىچىلارنى يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەشكە تەرتىپلىك يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى تۇرۇپ قېلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. كەنت پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈلۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى پۈتۈن ۋەزىيەت، ئومۇمىي ۋەزىيەت نەزەردە تۇتۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلدى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسى، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىغىننىڭ باش تېمىسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

خۇ چۇنخۇا خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىلمىي كۆرسەتمىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا دائىر ئاساسىي خىزمەت ۋەزىپىسىنى قەتئىي ياخشى ئورۇنداپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. بەش دەرىجىلىك شۇجى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئىش كۆرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسى ۋە باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھازىر، يېزىلاردىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇرتىغا قايتقان ئىشلىگۈچىلەر ۋە ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ياشانغانلار، بالىلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشى قوغداش كېرەك.

يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ 2023 - يىللىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ بىر قىسىم شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىگە مەسئۇل مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.