دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2023 ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى

2023-01-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق، 2023 ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى تېلېگراممىسىيېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق، 2023 ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! 2023 ـ يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەن بېيجىڭدا كۆپچىلىككە يېڭى يىللىق گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈرىمەن!

2022 ـ يىلى، بىز پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش دەۋر بۇرغىسىنى ياڭراتتۇق.

دۆلىتىمىز دۇنيادىكى 2 ـ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلىدى، ئىقتىسادى مۇقىم، ساغلام راۋاجلاندى، پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى مۆلچەرلىنىشىچە 120 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. يەرشارىۋى ئاشلىق كىرىزىسى ئالدىدا، دۆلىتىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «ئۇدا 19 يىل مول ھوسۇل ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى قولىدا مەھكەم تۇتتى. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتۇق، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدۇق، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدۇق.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىز باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدۇق. كەڭ كادىرلار، ئامما، بولۇپمۇ تېببىي خادىملار، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرى جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقماي، ئۆز ئورنىدا قەتئىي چىڭ تۇردى. مىسلىسىز جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، بىز مىسلى كۆرۈلمىگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئۈستىدىن غالىب كەلدۇق، بۇ، ھەربىر كىشىگە ئاسانغا توختىمىدى. نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش يېڭى باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، يەنىلا ئەڭ كۈچەيدىغان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قەتئىي بوشاشماي تىرىشىۋاتىدۇ، تاڭ نۇرى ئالدىمىزدىلا. كۆپچىلىك يەنىمۇ غەيرەت قىلايلى، چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە، ئىتتىپاقلىقنىڭ ئۆزى غەلىبە.

2022 ـ يىلى يولداش جياڭ زېمىن بىزدىن ئايرىلدى. بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، ئۇ قالدۇرغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقنى قەدىرلەيمىز. بىز ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىنى مەۋج ئۇرۇپ ئاقماقتا، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر ئۇدا كۈرەش قىلىپ بۈگۈنكى جۇڭگونى ياراتتى.

بۈگۈنكى جۇڭگو ئارزۇلار ئارقا ـ ئارقىدىن ئىشقا ئاشقان جۇڭگو. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، قار ـ مۇز ئەزىمەتلىرى مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇچقاندەك چېپىپ، كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شېنجوۋ 13 ـ نومۇر، 14 ـ نومۇر، 15 ـ نومۇرلار كۈچ ئۇلاپ ئۇچتى، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇپ، بىزنىڭ «ئالەم بوشلۇقى ئائىلە»مىز كۆكنى كەزدى. خەلق ئارمىيەسى 95 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى، كەڭ ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشى مۇساپىسىدە كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. دۆلىتىمىزنىڭ 3 ـ ئاۋىياماتكىسى «فۇجيەن» ناملىق ئاۋىياماتكا سۇغا چۈشۈرۈلدى، تۇنجى C919 تىپلىق چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى، بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى... بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سانسىزلىغان كىشىنىڭ جاپالىق ئەجرى ۋە قان ـ تەرى سىڭگەن. ئۇچقۇنلار توپلىنىپ يانغىنغا ئايلىنىدۇ، مانا بۇ جۇڭگو كۈچى!

بۈگۈنكى جۇڭگو ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو. ھەرقايسى ئەركىن سودا سىناق رايونلىرى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، دېڭىز بويىدىكى رايونلار بەس ـ بەستە يېڭىلىق ياراتماقتا، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلار تېز تەرەققىي قىلماقتا، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش كۈچ توپلاپ كۈچەش باسقۇچىغا كىردى، چېگرا رايونلار گۈللەندۈرۈلۈپ خەلق بېيىتىلدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولۇپ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي ھالىتى يەنىلا ئۆزگەرمىدى. پەقەت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىسەك، بەلگىلەنگەن نىشانغا چوقۇم يېتەلەيمىز. بۇ يىل مەن شياڭگاڭغا بېرىپ، شياڭگاڭنىڭ تۈزۈلۈشتىن گۈللىنىشكە ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرسەك، شياڭگاڭ، ئاۋمېن مۇقەررەر ئۇزاققىچە ئاۋات ۋە مۇقىم بولىدۇ.

بۈگۈنكى جۇڭگو مىللەتنىڭ روھىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان جۇڭگو. بۇ بىر يىلدا يۈزبەرگەن يەر تەۋرەش، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق، تاغ ئوت ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە بەزى بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ، لېكىن، ھەققانىيەت يولىدا جان پىدا قىلىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولغان كۆرۈنۈشلەر كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ، قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى مەڭگۈ قەلبىمىزدە. ھەر قېتىم كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغاندا، جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغۋار روھنى دائىم ئەسلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيا بىلەن زىچ باغلانغان جۇڭگو. بۇ بىر يىلدا، مەن بېيجىڭدا نۇرغۇن يېڭى، كونا دوستلارنى كۈتۈۋالدىم، شۇنداقلا دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىنى بايان قىلدىم. 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۇنيا تىنچ ئەمەس. بىز تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى باشتىن ـ ئاخىر بىردەك قەدىرلەپ، دوست ۋە ھەمراھلارنى باشتىن ـ ئاخىر بىردەك قەدىرلەپ، قەتئىي ھالدا تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى تەرەپتە تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىمىز.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە يەنئەنگە بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنئەندىكى مەزگىلدە دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كەلگەن شانلىق يىللىرىنى قايتا ئەسلەپ ئۆتۈپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ھېس قىلدۇق. مەن ھەمىشە: قىيىنچىلىق ۋە جاپا ـ مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ، دەپ كەلدىم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق بوران ـ چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ مۇساپە شۇ قەدەر جاپالىق ھەم شۇ قەدەر ئۇلۇغ. بىز توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك كۈرەش قىلىپ، ئەتىكى جۇڭگونى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشىمىز كېرەك.

ئەتىكى جۇڭگودا كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مۆجىزە يارىتىلىدۇ. سۇ شىنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزى بار: «ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندىمۇ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەش كېرەك»، بۇنىڭ مەنىسى «ئەڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئەڭ ئۇلۇغۋار نىشاننى كۆزلەش» دېگەنلىكتۇر. يول گەرچە يىراق بولسىمۇ، توختىماي ئىلگىرىلىگەندە مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ؛ ئىش گەرچە تەس بولسىمۇ، بەل قويۇۋەتمىگەندە ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك ئىرادە، تامچە سۇنىڭ تاشنى تېشىشىدەك جاسارەتكە كېلىپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، قەدەممۇقەدەم ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، ئۇلۇغۋار نىشاننى جەزمەن گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

ئەتىكى جۇڭگودا كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ. جۇڭگو شۇنداق چوڭ بولغاچقا، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىلتىماس ـ تەلىپى بولىدۇ، ئوخشاش بىر ئىشقا قارىتا ئوخشاش بولمىغان كۆز قارىشى بولىدۇ، بۇ ناھايىتى نورمال ئىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلسىلا، قىلغىلى بولمايدىغان ئىش، ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان يوق. دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئالغا بېسىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك بەخت ـ سائادىتىنى ئورتاق يارىتىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ئەتىكى جۇڭگودا ئۈمىد ياشلارغا باغلىق. ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى كەڭ ياشلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشىغا تايىنىدۇ. ياشلار جاسارەتكە تولغان بولىدۇ، ياشلىق ئۈمىد يېتىلدۈرىدۇ. كەڭ ياشلار ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئالغا ئىنتىلىش پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

مۇشۇ پەيتتە، نۇرغۇن كىشى يەنىلا جاپالىق ئىشلەۋاتىدۇ، كۆپچىلىك، جاپا چەكتىڭلار! يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بىز كەلگۈسىگە بولغان گۈزەل ئىستەك بىلەن 2023 ـ يىلىنىڭ تۇنجى كۈن نۇرىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالايلى.

ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا ۋە دۆلەتنىڭ تىنچ، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا تىلەكداشمەن! دۇنيانىڭ تىنچ، گۈزەل ۋە بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىغا تىلەكداشمەن! كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىگە، ھەممەيلەننىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تىلەكداشمەن!

رەھمەت!