​غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە، قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2023-11-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


شى جىنپىڭ بېيجىڭ، خېبېيدا ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

​غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە، قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

​سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى


11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ، خېبېيدا ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ مېنتوۋگوۋ مياۋفېڭشەن مىللەتلەر مەكتىپىدە، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما، ئوت ئۆچۈرۈش ھەم جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرى، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، پىدائىيلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن سەمىمىي ھال سورىماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى


11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ، خېبېيدا ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خېبېي باۋدىڭ جوجوۋ شەھىرىنىڭ بەيگوۋخې دەرياسىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى (جوجوۋ بۆلىكى)نى تەكشۈرگەندە، سۇچىلىق قۇرۇلۇش خادىملىرى ۋە ئىلگىرى جوجوۋدا كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە قاتناشقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەر، ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ\خېبېي باۋدىڭ، 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بېيجىڭ، خېبېيدا ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە، قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىلمىي پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى سىستېمىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

بۇ يىل 7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ بېشىدا، خۇابېي، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ۋە گېئو ئاپەت يۈز بېرىپ، بېيجىڭ، خېبېي قاتارلىق جايلاردا ئېغىر ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شى جىنپىڭ ئىزچىل ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلاردىن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاپەت يۈزبەرگەن رايوننىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 9 - ئاينىڭ باشلىرىدا، شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭنىڭ شاڭجى شەھىرىگە بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. شىمالدا قىش كىرگەن پەيتتە، شى جىنپىڭ يەنە بېيجىڭ، خېبېيدىكى ئاپەت بىرقەدەر ئېغىر بولغان ئالاقىدار رايونلارغا بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى.

11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن لى ۋە شەھەر باشلىقى يىن يۇڭ، خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نى يۆفېڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ جېڭپۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مېنتوۋگوۋ، باۋدىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

يۇڭدىڭخې دەرياسى سەنجياديەن سۇ باشلاش تۈگۈنى − يۇڭدىڭخې دەرياسى گۇەنتىڭ جىلغىسى بۆلىكىدىكى تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سۇ سىستېمىسى، يۇڭدىڭخې دەرياسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - تۈزەش، دەريا توسۇش چۈشۈرگىسىنىڭ يۈرۈشۈشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مېنتوۋگوۋ، فاڭشەن قاتارلىق تاغلىق رايونلاردا تاغلار ئېگىز، جىلغىلار چوڭقۇر بولغاچقا، ئۇدا ياغقان قاتتىق يامغۇر ئاسانلا پەۋقۇلئاددە زور قىيان پەيدا قىلىدۇ، بۇ جاي بېيجىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشىدىكى نۇقتىلىق رايون. ھەم سۇ ئامبىرى قاتارلىق تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەم تاغلىق رايون يولى، ئۆي قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى بېيجىڭنىڭ سۇ سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، «يۇقىرى ئېقىندا ساقلاش، ئوتتۇرا ئېقىندا راۋانلاشتۇرۇش، تۆۋەن ئېقىندا چىقىرىۋېتىش، كەلكۈننى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش» پىرىنسىپى بويىچە، كەلكۈندە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، پايتەختنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ مياۋفېڭشەن مىللەتلەر مەكتىپىگە كەلدى. بۇ يىلقى كەلكۈن مەزگىلىدە، بۇ جاي ۋاقىتلىق ئاپەتتىن ساقلىنىش ئورنى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى تۇرۇشلۇق جاي قىلىندى. شى جىنپىڭ بىر دەرسخانىغا كىردى، بالىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەخسۇس تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئېچىۋاتاتتى. كۆپچىلىك شى بوۋىسىغا ئۆزلىرىنىڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش تېما قىلىنغان قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى بەس - بەستە كۆرسەتتى ھەم ئۆزلىرىنىڭ كەلكۈن ئاپىتىدىكى كەچۈرمىشلىرى ۋە تەسىراتلىرىنى دوكلات قىلدى، شى جىنپىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇش باشلاپ مەكتەپكە قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا قويغان ئېنىق تەلىپى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، ئاپەت يۈزبەرگەن رايوندىكى بارلىق مەكتەپلەر ۋاقتىدا ئوقۇش باشلىدى، بالىلارنىڭ بەختكە تولغان تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خاتىرجەم بولدۇم، سۆيۈندۈم. مەكتىپىڭلار بۇ قېتىمقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا خەتەردىن ساقلىنىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «بىخەتەر ئارال» بولۇشتەك رولىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرۇپتۇ، بۇ جانلىق دەرسلىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە خەتەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ قېتىمقى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى بالىلار مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ، ئۇلارغا مىننەتدار بولۇش، ئىرادە تىكلەش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشنى ئۆگىتىش كېرەك.

مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىدا، شى جىنپىڭ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما، ئوت ئۆچۈرۈش ھەم جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىش خادىملىرى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىشچى - خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ مەيدان كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىش قوشۇنىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەتەرگە قاراپ ئىلگىرىلىدى، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر كەلكۈن خەۋىرىنى ئاڭلاپلا ھەرىكەتكە كېلىپ، جىددىي ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە پىدائىيلار پائال قاتنىشىپ، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ، كەلكۈن شەپقەتسىز، كىشىلەر مېھىر - مۇھەببەتلىك دېگەن جاھاندىكى چەكسىز مېھىر - مۇھەببەتنى پۈتۈپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىدىغان روشەن ئەۋزەللىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتەك كۈرەش قىلىش روھىنى نامايان قىلدى، بۇ جەرياندا نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەر بارلىققا كەلدى. نۇرغۇن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا قۇربان بولدى، بىز ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئېتىشىمىز، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك، ئالاقىدار تەرەپلەر ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇلارغا ياخشى غەمخورلۇق قىلىشى كېرەك.

چۈشكە يېقىن، شى جىنپىڭ مياۋفېڭشەن بازىرى شۈييۈزۈي كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. كەنت ئېغىزىدىكى دەريا بويى سۇپىسىدا، شى جىنپىڭ بۇ كەنتنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، ئارقىدىن پىيادە كەنت قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زور كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن، جەزمەن كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە تۈزەپ، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئىلمىي پىلانلاپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئېلاستىكلىق شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق ھالدا تەدبىر قوللىنىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش تەشكىلىي سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

كەنت ئاھالىسى لى مېڭنىڭ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچراش، رېمونت قىلىش چىقىمى، ئىسسىنىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىر تۈرلۈك قاتتىق ۋەزىپە. شىمالنىڭ قىش پەسلى ئۇزاق، تاغ ئىچى قىشتا تېخىمۇ سوغۇق بولىدۇ، ئىسسىنىش خىزمىتىنى چوقۇم ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆيلىرىنى رېمونت قىلىش، مۇستەھكەملەش ياكى قايتا سېلىشنى تاماملىغان، كۆچۈپ كىرىش شەرتىنى ھازىرلىغان ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ قىشلىق ئىسسىنىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك. ئۆيلىرىنى تېخى قايتا سېلىپ بولالمىغان ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە قارىتا، ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىغا تايىنىش، ئۆي ئىجارە ئېلىش، ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، شۇ جايدىكى ئامما باش شۇجىنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: مەن ئاپەت يۈزبەرگەن رايوندىكى خەلق ئاممىسىنى ئىزچىل قەلبىمگە پۈكۈپ كەلدىم. كوممۇنىستىك پارتىيە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، پۇقرالارنى مەڭگۈ قەلب تۆرىگە قويىدۇ، مەيلى خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياكى ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتا بولسۇن، ھەممىسىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىدۇ. يۇرتداشلارنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ يۇرت - ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ يىلقى كەلكۈن مەزگىلىدە، باۋدىڭنىڭ جوجوۋ شەھىرى پەقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى، نۆۋەتتە، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شۇاڭتا كوچا باشقارمىسى يۇڭجى شيۇيۈەن ئولتۇراق رايونىغا كەلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئولتۇراق رايون دەرۋازىسى ئالدىدىكى دورىخانا، تاللا بازارغا كىرىپ، تىجارەتچىلەردىن تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئارقىدىن ئولتۇراق رايوننىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە پونكىتىغا كېلىپ، پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ مەيدان زور ئاپەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاھالىلەر ۋە بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت ئورۇنلىرى خېلى زور زىيانغا ئۇچرىدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە كارخانا، تىجارەتچىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە تىرىشىپ ياردەم بېرىشى كېرەك. شەھەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتا، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش بويىچە دەلىللەش، پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، خەتەردىن ساقلىنىش، ئاپەتتىن ساقلىنىشنى تولۇق ئويلىشىپ، كەلكۈن ئاققۇزۇش يولى ۋە كەلكۈن قويۇۋېتىش رايونى، كەلكۈن قاچىلاش رايونى قالدۇرۇپ، سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاپ، شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاھالە دۇڭ سەييىڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يوقلىدى ۋە ھال سورىدى، كەلكۈننىڭ سۇ ئورنى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تۇرالغۇسى، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى، پار بىلەن تەمىنلەش، ئالاقىدار ياردەم پۇلى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. دۇڭ سەييىڭ باش شۇجىغا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ياردىمىدە، ئۆيىنى تازىلاپ، رېمونت قىلىپ كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى، قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىدە ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەرنى ئاپەتتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىمى ھەممە ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەھەللىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەش كېرەك، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، مەھەللىدىكى قولۇم - قوشنىلار، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كەسپىي كۈچلەر ۋە پىدائىيلار بىرلىكتە تىرىشىشى كېرەك.

ئولتۇراق رايوندىن ئايرىلىدىغان چاغدا، شى جىنپىڭ ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: جوجوۋدا بۇ قېتىمقى ئاپەت ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولدى، شۇ چاغدا مەن ھەر كۈنى سىلەرنىڭ بۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ، كۆپچىلىكنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم. بۈگۈن شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ نورمال يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىپ نورماللاشقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم خېلى خاتىرجەم بولدى. بوران - چاپقۇندىن كېيىن ھەسەن - ھۈسەننى كۆرگىلى بولىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۆپچىلىك بىر مەقسەتتە ھەمكارلاشقاندىلا، چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ھازىر چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئاپەت يۈزبەرگەن رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش تېما تەربىيەسىنى ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش نەتىجىلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

دياۋۋو بازىرىنىڭ ۋەنچۈەنجۇاڭ كەنتى لەنگوۋۋادىكى كەلكۈن قاچىلاش رايونىدا بولۇپ، بۇ يىلقى كەلكۈن مەزگىلىدە پۈتۈن كەنتتىكى 311 ئائىلىلىكنىڭ ھەممىسى ئاپەتكە ئۇچرىدى. شى جىنپىڭ كەنت يولى، ئۆي قاتارلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ ئۆيلەرنى قايتا سېلىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا بېرىپ، ئاپەت زىيىنى، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، ئۆتكۈنچى مەزگىللىك ئۆي ئىجارىگە ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سوراپ، ئۇلارنى بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈپ، ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنتنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى.

كەنت ئاھالىسى ياڭ پېيرەننىڭ ئۆيىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى بىرقەدەر يېنىك بولۇپ، مۇستەھكەملەپ رېمونت قىلىشنى تاماملىغان ھەم كۆچۈپ كىرگەنىدى. شى جىنپىڭ ياڭ پېيرەننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە كىرىمى، رېمونت قىلىش چىقىمى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆيلەرنى رېمونت قىلىپ مۇستەھكەملەش، قايتا قۇرۇش ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا رېمونت قىلىش، مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپتۇ، ۋەزىپە ئەڭ ئېغىر، قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ زور بولغىنى يەنىلا قايتا قۇرۇش. قايتا قۇرۇلىدىغان ئائىلىلەرگە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى، تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ئۆز ئالدىغا ھەل قىلالمايدىغانلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاپەت تۈپەيلىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

خوشلىشىدىغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى يۇقىرى ئاۋازدا باش شۇجىغا سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان كەلكۈن ئاپىتىدە، يۇرتداشلار ناھايىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، مەن كۆپچىلىكتىن ھال سورايمەن! ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت كۆپ تەرەپتىن تەدبىر قوللىنىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. يۇرتداشلارنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى تېزلىتىشىنى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ يەنە كەنت بويىدىكى ئېتىزلىققا كىرىپ، كۈزگى بۇغداي ۋە كۈزلۈك بەسەينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ مۇھىم تەرىپى بولۇپ، ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ئاپەت سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان ئېتىز - ئېرىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېلەر يىلى ياخشى ھوسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

بەيگوۋخې دەرياسى داچىڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى كەلكۈن ئاققۇزۇش غول دەريا يولى ھېسابلىنىدۇ. شى جىنپىڭ بەيگوۋخې دەرياسىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى (جوجوۋ بۆلىكى)گە كېلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى چوڭ - چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى قايتا قۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ سۇ سىستېمىسى بىر - بىرىگە تۇتىشىدۇ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش بىر تاختا شاھمات، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي رايونىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش كېرەك. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دەريا ۋادىسى بىلەن رايونلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن، ئوڭ - سول قىرغاق، غول ئېقىن - تارماق ئېقىن مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، سۇ ئامبىرى، دەريا يولى، توسما، كەلكۈن قاچىلاش رايونى قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي رايونىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

توسمىدا، شى جىنپىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش خادىملىرى ۋە ئىلگىرى جوجوۋدا كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە قاتناشقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەر، ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىش قوشۇنى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ۋەكىللەرنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەر كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يۇرت - ماكاننى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. خەلق ئاممىسى سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ!

بېيجىڭغا قايتىش ئالدىدا، شى جىنپىڭ ھەمراھ بولغان خادىملار ۋە شۇ جايدىكى كادىرلارغا مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا تەدبىرى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تەرەپلەر كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، 100 يىلدا بىر كۆرۈلگەن كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى. ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، قۇرۇلۇش تۈرلىرى كۆپ، مەبلەغ سېلىنمىسى زور. يېقىندا مەركىزىي كومىتېت 1 تىرىليون يۈەن زايومنى كۆپەيتىپ تارقىتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى قوللاش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىشنى قارار قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىلمىي پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغنى دەل جايىغا ئىشلىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى خەلق رايى قۇرۇلۇشى، ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش، پاكلىق قۇرۇلۇشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

خې ۋېيدۇڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.