شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالاھىدە سىنلىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

2023-11-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالاھىدە سىنلىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ، بىخەتەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالاھىدە سىنلىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ، بىخەتەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالاھىدە سىنلىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ، بىخەتەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەزا كۆپەيتكەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە مەسىلىسى توغرىسىدا ھەققانىيەت ساداسى، تىنچلىق ساداسىنى ياڭرىتىشى ئىنتايىن ۋاقتىدا بولدى، ئىنتايىن زۆرۈر. غەززە رايونىدىكى توقۇنۇش بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملىشىپ، نۇرغۇن پۇقرانىڭ ئۆلۈش ـ يارىلىنىشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەم سىرتقا كېڭىيىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھازىرقى جىددىي ئىش، بىرىنچىدىن، توقۇنۇشۇۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەر دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىپ، پۇقرالارغا قارىتىلغان بارلىق زوراۋانلىق ۋە ھۇجۇمنى توختىتىپ، گۆرۈگە ئېلىنغان پۇقرالارنى قويۇپ بېرىپ، خەلقنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئازاب ـ ئوقۇبەتكە دۇچار بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش يوللىرىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، غەززەدىكى خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىپ، مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، سۇ، توك، يېقىلغۇنى ئۈزۈپ قويۇش قاتارلىق غەززەدىكى خەلق ئاممىسىغا قارىتىلغان كوللېكتىپ جازالاشنى توختىتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، خەلقئارا جەمئىيەت ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىش، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىدىكى تەلەپلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، پەلەستىن خەلقىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، قايتىش ھوقۇقىغا ئۇزاقتىن بۇيان ئېتىبارسىز قارىلىپ كەلدى. پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ تەكرار يۈزبېرىشىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەلەستىننىڭ مىللىي قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت. پەلەستىن مەسىلىسى ئادىل ھەل قىلىنمىسا، ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق، مۇقىملىق بولمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تېزدىن تېخىمۇ نوپۇزلۇق خەلقئارا سۈلھى كېڭىشى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ پائال تۈردە ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، غەززە رايونىنى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە غەززە خەلقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، داۋاملىق ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ئايدىكى نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلارنى ماقۇللىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق توختىتىش مۇددىتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش، پۇقرالارنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى مېخانىزمى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداشتىكى مۇھىم سۇپا. بۈگۈن، بىز پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە مەيدانىمىزنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەرىكەت قوللىنىپ، ئەزا كۆپەيتكەندىن كېيىنكى «چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى» ئۈچۈن ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. جۇڭگو تەرەپ باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەد، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد، ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ئابىي ھەمدە ھىندىستان، ئارگېنتىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، پۇقرالارغا قارىتىلغان بارلىق زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى، جەزمەن خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن پۇقرالارنى قوغداشنى تەكىتلەپ، ئۇزاققا سوزۇلغان ۋە سىجىل بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىشنى دەرھال يولغا قويۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى مۇراجىئەت قىلدى، تالاش ـ تارتىشنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەكىتلەپ، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللىدى. رەھبەرلەر خەلقئارا جەمىئيەتنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ئادىل ھەل قىلىشنى قوللاپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.