جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يولداش ماۋ زېدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2023-12-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


​شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش ماۋ زېدۇڭ بەرپا قىلغان ئىشلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك​

لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى، سەي چى رىياسەتچىلىك قىلدى

12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يولداش ماۋ زېدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يولداش ماۋ زېدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، ئىستراتېگىيەچى، نەزەرىيەچى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ يول ئاچقۇچىسى، جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئاساس سالغۇچىسى، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگودىكى ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەت قەھرىمانى، پارتىيەنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد مەركىزىي رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ۋە دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىشىگە رەھبەرلىك قىلغان بىر ئەۋلاد ئۇلۇغ زات، دۇنيادىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئۇلۇغ ئىنتېرناتسىيونالىزمچى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولۇپ، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزگە ئۇزاققىچە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇ بەرپا قىلغان ئىشلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش يولداش ماۋ زېدۇڭنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلىگەنلىك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەي چى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ھاياتى دۆلەتنى بېيىتىش - قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان ھايات. ئۇ خەلقنى يېتەكلەپ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى ئېچىپ، ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقىپ، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان يېڭى جۇڭگونى قۇرۇپ، ئىلغار سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئورنىتىپ، يېڭىلمەس يېڭىچە خەلق ئارمىيەسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە يارىتىپ، مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرىدىغان تارىخىي تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى پارتىيە ۋە خەلققە بېغىشلاپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئالىيجاناب روھىي خىسلىتىنى قالدۇردى. يولداش ماۋ زېدۇڭ بىر ئۇلۇغ ئىنقىلابىي داھىينىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالىدىغان سىياسىي يىراقنى كۆرەرلىكى، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىنقىلابىي ئېتىقادى، باتۇرلۇق بىلەن يول ئاچىدىغان ئاجايىپ جاسارىتى، كامالەتكە يەتكەن كۈرەش سەنئىتى، كۆزگە كۆرۈنگەن يۇقىرى رەھبەرلىك ئىقتىدارى، خەلقنى كۆڭلىگە پۈككەن ساپ ھېسسىياتى، سەمىمىي، كەڭ قورساق قەلب مەنزىلى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان ئېسىل ئىستىلىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشتى، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئالىيجاناب روھىي خىسلىتى بىزنى مەڭگۈ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسى. بۇ، ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق بىر ئەۋلاد پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار تاماملاپ بولالمىغان ئىش، ھازىرقى زامان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇقەددەس تارىخىي مەسئۇلىيىتى. يېڭى مۇساپىدە، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىشى، جەزمەن خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، خەلق ئارىسىدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بارلىق خەلقنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. خەلق تارىخنى يارىتىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، دېگەن تارىخىي ماتېرىيالىزملىق ئاساسىي نۇقتىئىنەزەردە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغدايدىغان تۈزۈم - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ تەنقىدى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان كۈچ مەنبەسىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماركسىزمدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى دەۋر بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم ئارقىلىق يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولى. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ، ھەقىقەتنى تونۇش مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىغا كەڭ ئىستىقبال ئېچىپ بەردى، يېڭى تېخىمۇ مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا دۇچ كەلگەن يېپيېڭى تېمىلارغا ئۈزلۈكسىز جاۋاب بېرىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق بىر تەدبىر. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچنى ئازاد قىلىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. دەۋرنىڭ تەرەققىيات يېڭى يۈزلىنىشىگە، ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىي ئىرادە بىلەن، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ماس كۈچەپ، سىجىل كۈچەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بارلىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى داۋاملىق كېڭەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قۇرۇپ چىققاندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە، پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەمىزنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاش، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىش، تولۇپ تاشقان جۇشقۇنلۇق ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ سۈپىتى، خىسلىتى، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پۈتۈن جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭنى، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ھەققانىيلىقنىڭ مەنبەسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى بولۇپ، ۋەتىنىمىز جەزمەن بىرلىككە كېلىدۇ، شۇنداقلا مۇقەررەر بىرلىككە كېلىدۇ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن تەيۋەننى جۇڭگودىن بۆلۈۋېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ھەم جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ، ھەم دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز قەتئىي تۈردە تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش تەرىپىدە تۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. بىز خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيا تىنچلىق كۈچىنىڭ ئېشىشى بولۇپ، تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يېتىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ.

سەي چى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئالىيجاناب روھىي خىسلىتى بىزنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن خاتىرىلىشىمىزگە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزغا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، مۇپەسسەل ھەم چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ يولداش ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار بەرپا قىلغان ئىشلارنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مياۋ خۇا، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شېن شياۋمىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، بېيجىڭ شەھەرلىك، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ئىلگىرى يېنىدا خىزمەت قىلغان خادىملار ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە «مەملىكەت بويىچە يولداش ماۋ زېدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتناشقان ۋەكىللەر قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار ماۋ جۇشى خاتىرە سارىيىغا كەلدى. شىمالىي چوڭ زالدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلار تەقدىم قىلغان گۈل سېۋەتلىرى يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئولتۇرغان ھەيكىلىنىڭ ئالدىغا تىزىلغانىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئولتۇرغان ھەيكىلىگە ئۈچ تەزىم قىلدى، ئارقىدىن ئېھتىرام بىلدۈرۈش زالىغا كېلىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ دىدارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.