باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك

2023-12-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىن 22 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىن 22 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىن 22 ـ كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، دىققەتنى ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش ئومۇمىي تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەش، ئەخلاق ـ پەزىلەتنى تاۋلاپ سادىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلققە بەخت يارىتىش، پاك ـ دۇرۇس بولۇپ يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت كونكرېت نىشانغا سېلىشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم تەلىپى بويىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلققە بەخت يارىتىش، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، ئالاقىدار تەرەپلەر ئەستايىدىل تەييارلىق قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن سىردىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، سۆز تېزىسى تەييارلىدى. يىغىندا، ئالدى بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىر ـ بىرلەپ سۆز قىلىپ، يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»گە سېلىشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، سەمىمىي، ئوچۇق ـ يورۇق بولدى، كەيپىيات كەسكىن ـ جانلىق بولۇپ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سۆزى ئالتە مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتى. بىرىنچى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا تېخىمۇ ئاڭلىق ۋە قەتئىي بولۇش. ئىككىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتا تېخىمۇ ئاڭلىق ۋە قەتئىي بولۇش. ئۈچىنچى، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتا تېخىمۇ ئاڭلىق ۋە قەتئىي بولۇش. تۆتىنچى، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا تېخىمۇ ئاڭلىق ۋە قەتئىي بولۇش. بەشىنچى، ئۆزى ئۈلگە بولۇش، پاك ـ تەلەپچان بولۇشتا تېخىمۇ ئاڭلىق ۋە قەتئىي بولۇش، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۆزىنى پاك تۇتۇش، ئۆزىنى دۇرۇس تۇتۇش، ئۆزىنى چىڭ تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا تېخىمۇ ئاڭلىق ۋە قەتئىي بولۇش، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، شۇنداقلا ئۈچ يىل داۋاملاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىن ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلغان بىر يىل. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى. ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى تېز شەكىللەندى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش سىجىل كېڭەيدى، كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، قەرز خەۋپ ـ خەتىرىنى تۈگىتىش، بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن تېز بولدى. شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى داۋاملىق كۈچەيتىلدى. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تاشقى مۇھىتى داۋاملىق ياخشىلاندى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى سىجىل كۈچەيتىلدى، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى. چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، ماختاشقا ئەرزىيدۇ.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىردەك مۇنداق قارىدى: بىر يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى جەزمەن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن ـ سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. كېلەر يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى ھەرقايسى يولداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش سۆزىگە بىرمۇبىر باھا بېرىپ، تەلەپلەرنى بىرمۇبىر ئوتتۇرىغا قويدى ھەم خۇلاسىلەپ چىقاردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئېچىلىپ، سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش، سىياسىي چاڭ ـ توزانلارنى تازىلاش، سىياسىي روھنى ساپلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتتۇق، بۇ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشى، خىزمەتلەرنى ياخشىلىشى، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشىغا كۈچلۈك ياردىمى بار.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى گەۋدىلىك، نىشان ـ ۋەزىپىسى ئېنىق بولۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى باشلامچىلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىش __ سىياسىيدا بىرلىككە كېلىش، ھەرىكەتتە بىرلىككە كېلىشنىڭ ئاساسى. سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا، ئالدى بىلەن ئىدىيەدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي سىستېمىسى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىگىلەش جەھەتتە تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى نەزەرىيە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق سىياسىي ئىقتىدارى، رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش ئابستراكت بولماستىن، بەلكى كونكرېت بولىدۇ، بۇنى ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى − پارتىيەمىزنىڭ تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى ۋە رەھبەرلىك تۈزۈمى. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى دېموكراتىيە ۋە مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىككىسى بىر ـ بىرىنى شەرت قىلىدۇ، بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇشتا جەزمەن پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئىجرا قىلىشى كېرەك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر بەلگىلەشنى مۇھاكىمە قىلىشىغا قاتناشقاندا ئەستايىدىل ئويلىنىپ، تولۇق پىكىر بايان قىلىشى كېرەك؛ خىزمەت جەريانىدا ئىگىلىگەن ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا، ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلىشى كېرەك، خۇش خەۋەرنىلا دوكلات قىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى دوكلات قىلماسلىققا بولمايدۇ. ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇۋاتقان ساھە ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان جايلاردا دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپچىلىكنى كەڭ ـ كۇشادە سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك؛ توغرا مەركەزلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا پىكىرلەرنى ئايرىپ چىقىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىگە خىلاپ بولغان خاتا قىلىمىشلارنى ۋاقتىدا بايقىشى، قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي سەزگۈرلۈك − سىياسىي يۈكسەكلىك، سىياسىي كۆزىتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىپادىسى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئالدىنقى شەرت. چىگىش، مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان ئالدىن كۆرەرلىك ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشنى كۈچەيتىشتە، جەزمەن باشتىن ـ ئاخىر يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ساقلاپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ ـ خەتەرنى ئويلاپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئىشنىڭ بىخ ھالىتىدىنلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىش، يىپىدىن يىڭنىسىگىچە بىلىشتەك يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ھازىرلاپ، سىياسىي جەھەتتە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى كۆرۈپ، شەيئىنىڭ تەرەققىيات ئىچكى قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەت، خەۋپ ۋە پۇرسەت، پايدا ۋە زىياننى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىش، ئۆزگىرىش ياساشتا تەشەببۇسكار بولۇپ، پۇرسەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، خەۋپ ـ خەتەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئاۋۋال پىلانلاپ ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. مۇھىم ئىستراتېگىيەلەرنى پىلانلاش، مۇھىم سىياسەتلەرنى تۈزۈش، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنىڭ ھەممىسىدە سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلىشى، سىياسىي تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھەل قىلىشتا، سىياسىي خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆزى ئۆتكۈر بولۇپ، ئىشنى ۋاقتىدا بايقاپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەر خىل سىياسىي يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئايلىنىش يوللىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم ئۇنى ۋاقتىدا توسۇپ، سىياسىي خاراكتېرى بولمىغان خەۋپ ـ خەتەرنىڭ سىياسىي خەۋپ ـ خەتەرگە ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: رەھبىرىي كادىرلار خەلققە بەخت يارىتىدىغان سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى كېرەك. بىز كوممۇنىستلارنىڭ ئىش قىلىشىمىز، سىياسىي نەتىجە يارىتىشىمىز شەخسىي ئەمەل ـ مەنسەپنىڭ ئۆسۈشى ۋە پايدا ـ زىيان ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈندۇر. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا باقماي كۆلىمى زور بولۇشقا ھەم چەت ئەلنىڭ ئۇسۇلىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئۇرۇنۇشقا، قارىغۇلارچە ئىش قىلىشقا قارشى تۇرۇشى كېرەك؛ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تېشى پال ـ پال، ئىچى غال ـ غال بولۇشقا، سانلىق مەلۇماتتا ساختىلىق قىلىشقا قارشى تۇرۇشى كېرەك؛ ئاساس سېلىپ، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتۇشقا، خەلققە جاپا سېلىپ، مال ـ مۈلۈككە زىيان يەتكۈزۈشكە قارشى تۇرۇشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى سىياسىي نەتىجىنى تەكشۈرۈش ـ باھالاش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوماندانلىق تايىقى بولۇشتەك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئەستايىدىل ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، توغرا خىزمەت يۆنىلىشىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش − پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدىكى مۇقەررەر يول. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا نىشانغا تايىنىپ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك، يېڭى مۇساپىدە بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تايىنىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى، شۇنداقلا خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا تولغان، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىغان بىر تۈرلۈك ئۇلۇغۋار ئىش، جەزمەن ئومۇمىي خەلق ئورتاق قاتنىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلققە زىچ تايىنىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش نىشانى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش، كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش، كىشىلەرگە چاقىرىق قىلىشقا ماھىر بولۇپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئەڭ زور سىياسىي ئەۋزەللىكى − ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش، پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ خەۋپ − ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش بولۇپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى قەلب تۆرىگە قويۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، پۇقرالارغا رىشتە باغلاشنى ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مۇۋاپىق ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشنى ياخشى بېجىرىش، ئەمەلىي ئىشنى ئەمەلىي بېجىرىش، قىيىن ئىشنى جايىدا بېجىرىش كېرەك. كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جاھىل خاراكتېرگە، تەكرارلىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، سىجىل كۈچەشكە، ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىشقا، قەتئىي تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، رەھبىرىي ئورگانلاردىن باشلاپ تۇتۇش، رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلاپ تۈزىتىش كېرەك، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن تۇتۇشى، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش − پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى ۋە ئەڭ زور ئەۋزەللىكى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار باشتىن ـ ئاخىر ماركسىزملىق سىياسىيون ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزىنى پاك تۇتۇش، پاك ـ تەلەپچان بولۇش جەھەتتە پۈتۈن پارتىيەدە ئۈلگە تىكلەپ، باشلامچى بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى قاتتىق، ياخشى باشقۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇۋاتقان ساھە ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان جايلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، قاتلاممۇقاتلام مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بېسىم يەتكۈزۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.