شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2023-12-14 :ۋاقىت
مەنبە:  شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەمدىلا خانويغا يېتىپ بارغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: رۇەن فۇجۇڭ رەئىس مەھكىمىسى مەيدانىدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، ۋاڭ جىنفۇ، تاۋ جۈن) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەمدىلا خانويغا يېتىپ بارغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى بېكىتىپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا، قول تۇتۇشۇپ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

رەئىس مەھكىمىسى مەيدانى تەنتەنىلىك ۋە قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن بولۇپ، ئالتۇن رەڭدىكى يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىلەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، قارشى ئېلىشقا چىققان نەچچە يۈز بالىنىڭ چېھرىدە نۇرلۇق تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

رۇەن فۇجۇڭ شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يېتىپ بارغاندا، رۇەن فۇجۇڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئاپتوموبىلدىن چۈشىدىغان جايغا بېرىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى، ۋىيېتناملىق ئۆسمۈرلەر - بالىلار شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىگە سالام بېرىپ گۈل تەقدىم قىلدى. ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى ئىككى تەرەپتىن ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار بىلەن ئايرىم - ئايرىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىللە پارات مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ رۇەن فۇجۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن رۇەن فۇجۇڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايغا يۈرۈپ كەتتى. شۇ جايدىكى ھەر ساھە ئامما ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ قارشى ئالدى، يول بويى قىزغىن، دوستانە كەيپىياتقا تولغانىدى.

شى جىنپىڭ رۇەن فۇجۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېلىشكىنىمىز بويىچە كېلىپ، باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن 3 - قېتىملىق ئۆزئارا زىيارەتنى تاماملىغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. يولداش ھەم قېرىنداش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ۋىيېتنامنىڭ ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، بولۇپمۇ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن چىن قەلبىمىزدىن خۇشال بولدۇق. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنامنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، يولداش باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ باشچىلىقىدىكى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقى، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مىللەت ئازادلىقى كۈرىشىدە بىر - بىرىنى قوللىدى، بىر- بىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا ئۆزئارا ئۆگەندى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالدى، «ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش»، بۇ، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ جانلىق كۆرۈنۈشى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ. ھازىر دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە نامايان بولماقتا. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىككى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان كوممۇنىستىك پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر ئىككىلىسى ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلماقتا، تېخىمۇ مۇھىمى، دۇنيادىكى سوتسىيالىزم كۈچلىرىنى زورايتىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقى تېخىمۇ ئەمەلىي، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى تېخىمۇ چوڭقۇر، خەلق رايى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشى، ھەمكارلىقى تېخىمۇ زىچ، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ھەل قىلىش تېخىمۇ ياخشى بولغان يېڭى باسقۇچقا كىرىدىغانلىقىغا، جۇڭگو - ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ھەم رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا بىر قانچە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سىياسىي جەھەتتە، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئورتاق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداش كېرەك.

خەۋپسىزلىك جەھەتتە، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، سوتسىيالىزم قىزىل بايرىقىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرلۈك سىياسىي خەۋپسىزلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش، توسۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنامنىڭ جەمئىيەت تىنچلىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ۋىيېتنام تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشىنى، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ئەمەلىي ھەمكارلىق جەھەتتە، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئومۇميۈزلۈك قەدەم قويۇشى جۇڭگو دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور پۇرسەت، جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتناملىق يولداشلار بىلەن پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنى خالايدۇ. ۋىيېتنام تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا دائىر سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەتكە پائال ئۇدۇللىشىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى ئورتاق ياخشى يولغا قويۇپ، يەرشارىۋى ئەركىن سودا سىستېمىسىنى قوغداپ، بىخەتەر، مۇقىم، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ۋىيېتنامغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە داۋاملىق ئىلھام بېرىدۇ، ۋىيېتنام تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

خەلق رايى ئاساسى جەھەتتە، سېلىنمىنى زورايتىش كېرەك. جۇڭگو - ۋىيېتنام ھەمكارلىقىدا يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە كۆپرەك مايىللىشىپ، ياشلار، ساياھەت، يەرلىكلەر ئارا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ياش ئەۋلادلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى جەھەتتە، قويۇق ھەمكارلىشىش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم ئۆزلىرىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەم ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان دۇنيا، بولۇپمۇ تىنچ، مۇقىم بولغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى مۇھىتىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. جۇڭگو يەكلەشچان كىچىك گۇرۇھۋازلىق بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، گۇرۇھۋازلىق سىياسىيسى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، لاگېرلار قارشىلىشىشى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى سۆز قىلىش ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

دېڭىزغا ئالاقىدار مەسىلىلەر جەھەتتە، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش كېرەك. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كۆپ دېڭىز ھەمكارلىقى تۈرلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ھەم ئۇنى قانات يايدۇرۇپ، دېڭىزنى ئورتاق ئېچىشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، دېڭىزغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئېلىپ كەلگەن خىرىسنى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

رۇەن فۇجۇڭ ۋىيېتنام پارتىيەسى، دۆلىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنام - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى پەيتىدە ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى يەنە بىر قېتىم چىن قەلبىدىن تەبرىكلىدى. رۇەن فۇجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ۋە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ھەر تەرەپلىمە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچى كۈنسېرى كۈچەيدى، ۋىيېتنام قېرىنداش جۇڭگودىن چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولدى. ۋىيېتنام تەرەپ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو مۇقەررەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشانلارنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرىدۇ ھەم ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى زور تۆھپە قوشىدۇ.

رۇەن فۇجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقى ھۆرمەتلەيدىغان داھى، دۇنيادىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، شۇنداقلا ۋىيېتنام خەلقى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە قەدىرلەيدىغان يولداش ۋە دوست، مەيلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن بىرىنچى ۋاقىتتا مېنى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىش بولسۇن ياكى كېلىشكىنىمىز بويىچە 3 - قېتىم ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولۇش بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنامغا بولغان ئالاھىدە دوستلۇق ھېسسىياتى ھەم ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. ۋېيتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش. يېقىندا مەن يوۋيىگۇەنگە بېرىپ «دوستلۇق دەرىخى» تىكتىم، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە قېرىنداشلارچە دوستلۇق رىشتىنى نامايان قىلىپ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاھىدە دوستلۇقىنىڭ ئاكتىپ سىگنالىنى تارقىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋىيېتنامنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىن تاللاش يۆنىلىشى قىلىپ، ۋىيېتنامنىڭ ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش ۋە سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا ھەم ۋىيېتنام يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن مەزگىلدە قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ۋىيېتنام تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغۋار ئىشىنى قوللايدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شىزاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ۋىيېتنام تەرەپ ھەرقانداق كۈچنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ مۇقىملىقنى ساقلىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ۋىيېتنام مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللاش ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللاش قىلىدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، «ئالتە تېخىمۇ»نى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىساد - سودا، خەۋپسىزلىك، خەلق ئىچى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ، بۇ، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. دېڭىزدىكى ئىختىلاپ پەقەت ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ بىر قىسمى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە بۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ۋىيېتنام - جۇڭگو ئىككى دۆلەت كۆپ تەرەپچىلىك ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، تىنچلىق، ھەمكارلىق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاش ئىدىيەگە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى قاتارلىق مۇھىم يەرشارىۋى تەشەببۇسلار پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان، خەلقئارا قانۇنغا تامامەن ئۇيغۇن بولۇپ، كۈنسېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قوللىشى ۋە پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشمەكتە، ۋىيېتنام تەرەپ قەتئىي قوللايدۇ ھەم پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ. ھازىرقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك خىرىسلىرىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مۇقەررەر ھالدا ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان تارىخىي ئابىدە بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ھەم رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى بىرلىكتە ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ كۆرگەزمە قىلىنىشىغا گۇۋاھ بولدى، بۇلار، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش، تەرەققىيات ھەمكارلىقى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، قاتناش - تىرانسپورت، يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىق، مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىق، دېڭىز ھەمكارلىقى قاتارلىق 30 نەچچە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

رۇەن فۇجۇڭ شى جىنپىڭنى چاي ئىچكەچ كىچىك دائىرىدە پاراڭلىشىشقا تەكلىپ قىلدى. ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى ئازادە، دوستانە كەيپىياتتا داۋاملىق چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى مۇنداق قارىدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام دوست قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن، غايىسى ئوخشاش، ئىدىيەسى تۇتاش. ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش، ياخشى يولداش بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كىلىمات، جۇغراپىيەلىك شارائىت، ئادىمىيەت جەھەتتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. ئىككى تەرەپ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلەر ئورناتقان ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئورتاق تىرىشىپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشى، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئىككى تەرەپ «ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قوشما بايانات»نى ئېلان قىلىشقا قوشۇلدى.

شۇ كۈنى كەچتە، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ ۋە رەپىقىسى، ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭ ۋە رەپىقىسى بىرلىكتە شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئۈچۈن كاتتا قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىلىرى قاتارلىق يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى ھەمراھ بولۇپ قاتناشتى.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.