مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2023-12-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلارنى تەبرىكلىدى

12 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى بېيجىڭدىكى 1 ـ ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى 12 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى بېيجىڭدىكى 1 ـ ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لاردا، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ قېتىم شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار: جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ ۋېنچۈەن، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سىلىڭيۈەنى خۇ جۇڭمىڭ.

شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن ئىككى ئوفىتسېر كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق قىياپەتتە رەئىس سەھنىسى ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋان پاگونى تاقىغان ئىككى ئوفىتسېر شى جىنپىڭغا سالام بەردى، مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار بىلەن سۈرەتكە چۈشتى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.